ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش نەچچە قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-14كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندىكى بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇ خانىم 7قېتىم ھامىلدار بولۇپ، تۆت قېتىم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۇغقان؛ ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق ھامىلدارلىقتا، ئۇنىڭغا بالا ھەمرىيى ئالدىغا ئورۇنلىشىپ قالغان دەپ دىئاگونوز قويۇلۇپ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، تۆت قېتىم چوڭ قان ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، دوختۇرلار جۇ خانىمنى ئاران دىگەندە ئۆلۈم گىردابىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن. گەرچە ئاخىرقى قېتىمدا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئوغۇل بوۋاقتىن بىرنىڭغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمۇ ھەقىقەتەن بەك چوڭ بولغان.
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ئەڭ كۆپ بولغاندا نەچچە قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك؟
   بۇنىڭدا بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆلچەم يوق. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت سىرتىدىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورت 7قېتىم بولۇپ، تۇغۇت بۆلۈم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسلانغاندا بولسا، ئەڭ ياخشىسى تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئىكەن.
   نىمە ئۈچۈن تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟
   ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۇغۇش تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەندە، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ يېرىلىپ كىتىش خەتىرى زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدۇ. بولۇپمۇ ئەگەر ھامىيلە ھەمرىيى ئىلگىرىكى ئوپراتسىيە قىلغان تارتۇق ئورنىغا يېقىن بولغان ئورۇنغا جايلىشىپ قالغان بولسا، ئىلگىرىكى كەسكەن ئورۇن يىرتىلىپ كىتىپ قالسا، بالا ھەمرىيى قوساق بوشلۇقىغا چۈشۈپ كىتىپ، ھامىيلىنىڭ نەپەسلىنەلمەي ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، ھامىيلە ھەمرىينىڭ ئالدىغا ئورۇنلىشىپ قېلىشى كۆرۈلۈش نىسبىتى %80كە يىتىپ قالىدۇ. بالىياتقۇ ئالدى تەرەپكە ئورۇنلىشىپ قېلىش، ھامىيلىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ھامىلدار ئايالدا چوڭ قان چىقىپ كىتىش خەتىرىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرىلاپ كىتىدۇ.
    ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش قېتىم سانى تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، بالىياتقۇ دىۋارى ئۆز-ئارا چاپلىشىۋىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىدىغان بولۇپ، ئوپراتسىيە جەريانىدا بالىياتقۇ ۋە باشقا ئىچكى ئەزالارنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى كۆرۈلۈپ، بالىياتقۇنى كىسىپ ئېلىۋىتىشكە تىگىشلىك بولۇپ قېلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرىلاپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا، تۇغۇت جەريانى ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى چوڭ قان كىتىشتىمۇ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى، كونتىرول قىلماق تەس بىر ئەھۋال بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    بۇلاردىن باشقا، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىش تېخىمۇ ئاستا بولۇپ، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەگەشمە كىسەللىكلەرمۇ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئاستا خارەكتىرلىك قوساق ئاغرىق، بالىياتقۇ ئورنى پەسلەپ كىتىش، ئېغىر تىپتىكى چوڭ-كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق قاتارلىق داس سۆڭىكى ئاستى زەخمىگە ئۇچراشلارنىمۇ ئەسلىگە ئەكىلىش قىيىن بولىدۇ.
   تۆت قېتىم ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، بالىنى تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1:100غا ئۆرلەپ كىتىدۇ؛ چۈنكى، تۆت قېتىملىق ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئايال ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بولسا، ھامىلدار ئايالنىڭ يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ.
قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش لازىم بولىدۇ؟
   ھامىيلە ئورنى بىنورمال ياكى ھامىيلىنىڭ بېشى ئانىنىڭ داس سۆڭىكى بىلەن ئۇدۇل كەلمىگەن ھامىلدار ئاياللار، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە ھامىلدارلىق مەزگىلى دىئابىت كىسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كىسىلى، يۈرەك كىسىلى قاتارلىقلار گىرىپتار بولغان ھامىلدار ئاياللارمۇ ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
  بۇندىن باشقا، تۇغۇت يولى غەلىتە شەكىللەنگەن ياكى بىنورماللىق كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەمدە ھامىيلىنىڭ نەپەسلىنەلمەي قېلىشى ياكى ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەي قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار بولسا، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش لازىم بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号