ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىنىڭ سىرتتا بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنىڭ تۆ خىل سىگنالى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا، پېيى بازارغا سالغان مەلۇم بىر چوڭ شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى كىچىك قىز بالىغا زورلۇق بىلەن پەسكەشلىك قىلغان بىر ئىش، توردا قاتتىق غولغۇلا قوزغاپ، ئۇ شىركەت ئامالسىز قانۇنى ۋەكىلىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى تەرپىدىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى. تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولغان بۇ ۋەقەلىك، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، ھەممەيلەن، قانداق قىلىپ بالىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىماسلىقىنى قوغداش، ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى قايتا-قايتا تەكىتلەندى.
    ھازىرقى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بالىنىڭ ھالىدىن پۈتۈنلەي ئۆزى خەۋەر ئالدىغانغا شارائىت يوق؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالىنى يەسلىگە ياكى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى يەپ ياخشى ئۇخلىيالىشىدىن ئەنسىرەشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ سىرتتا تەڭسىز مۇئامىلىگە ۋە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىشىدىن تېخىمۇ بەكرەك ئەنسىرەيدۇ. بولۇپمۇ بەزىبىر يېشى كىچىك بالىلار، تىل ئىپادىلىشى ئىنىق بولمىغاچقا، بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىسىمۇ بۇنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا، بالىلارنى يەسىلىدىكى ياكى مەكتەپتىكى ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا دەپ بىرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىپ، بەزىبىر ئىنچىكە نوقتىلاردىن، بالىسىدىكى كۆرۈلگەن بىنورماللىقنى سىزەلەيدۇ؟
    ئاتا-ئانىلار ئادەتتە، بالىنى يەسلىدىكى ۋە مەكتەپتىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى كۆپرەك سۆزلەشكە قويۇپ، ئاتا-ئانىلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىشى، بالىنىڭ سۆزلىرىنى ئۈزۈۋەتمەسلىكى كىرەك؛ بالىلار گېپىنى دەپ بولغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇلاردىن قايتا سورىسا بولىدۇ: "بۈگۈن مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ مۇئەللىم سىزنى ماختىدىمۇ، سىز قايسى مۇئەللىمنى ياخشى كۆرىسىز، ئۇنى نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىسىز؟ بۈگۈن مۇئەللىم بىرەرسىنى تەنقىد قىلدىمۇ، ئۇنى قانداق تەنقىد قىلدى" دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئىچىدىن، ئاتا-ئانىلار بەزىبىر ئۇچۇرلارنى سىزىپ يىتەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر بالا يەسلىدىكى ياكى مەكتەپتىكى ئىشلىرىنى سۆزلەشنى خالىمىسا، ئاتا-ئانىلار ئالدىراپ كەتمەي، بالىنى سۆزلەشكە مەجبۇرلىماسلىق، ئۇلارنى بۇ سەۋەپلىك ئەيىبلەيدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلماسلىق كىرەك. ئاتا-ئانىلار بۇندىن باشقا يەنە، بالىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى كۆزەتسە بولىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ بەزىبىر مەسىلىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ.
    تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئەھۋالغا، ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك؛ ئەگەر بالىدا بۇ ئەھۋاللارنىڭ  بىرەسى كۆرۈلسە، دەرھال ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بالىنىڭ يەسلىدە، مەكتەپتە ياكى سىرتتا بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان ئۇچرىمىغانلىقىنى چوقۇم ئىنىقلاپ چىقىش كىرەك.
بىرىنچى خىل ئەھۋال
   بالىنىڭ بەدىنىدىكى جاراھەت ئىزلىرى. بۇ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئاتا-ئانىلار، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن، بالىنىڭ بەدىنىدە بىنورماللىق بار يوقلۇقىنى كۆزىتىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ، بالىنىڭ بەدىنىدە جاراھەت ئىزلىرى بار يوقلۇقىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ چىقىش كىرەك. بۇ ۋاقىتتا، بالىدىن يەسلىدە ياكى مەكتەپتە قانداقراق ئەھۋاللارنىڭ بولغانلىقىنى سوراپ قويساق بولىدۇ.
   ئەگەر بالىنىڭ بەدىنىدە يىڭى جاراھەت ئىزلىرى پەيدا بولۇپ قالغان، مۇئەللىممۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاتا-ئانىلار بىرىنچى ۋاقىتتا يەسلى ياكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى رەھبەرلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ، سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىش كىرەك.
ئىككىنچى خىل ئەھۋال
    ئادەتتە ئاتا-ئانا بالىسىدىن مەلۇم بىر مۇئەللىمگە ئائىت ئەھۋاللارنى سورىغاندا، بالا تۇيۇقسىزلا جىم بولىۋالسا ياكى بالا ئىلگىرى ھەمىشە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىرەر چوڭ ئادەمنى ياكى مۇئەللىمىنى تۇيۇقسىزلا قايتا تىلغا ئالماس بولىۋالسا، بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بۇ ئەھۋالغا قارىتا دىققەت قىلىپ قويۇشى، بالىلاردىن بۇنىڭ كونكىرتنى سەۋەبىنى ئەگىتمىلەپ سوراپ بېقىشى كىرەك. ئەگەر زۈرۈر تېپىلغاندا، يەسلىگە ياكى مەكتەپكە بېرىپ كونكىرتنى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلىپ باقساق بولىدۇ.
ئۈچىنچى خىل ئەھۋال
   بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىش. ئەگەر ئەتىگەنلىكى بالا تۇيۇقسىز يەسلىگە ياكى مەكتەپكە بېرىشقا ئۇنىمىسا ھەمدە بۇنىڭ بىرەر كونكىرتنى سەۋەبىنى دەپ بىرەلمىسە، ياكى بالا ھەمىشە دۈشەنبە كۈنىدىكى ۋاقىتتا "مىجەزى يوق" بولۇپ قالسا، ئاتا-ئانىلار بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىتىبار بىلەن قارىشى لازىم. بەزى بالىلار، يەكشەنبە كەچتە ياكى دۈشەنبە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغىلى ئۇنىمايدۇ، ياكى تەشۋىشلىنىش، ئەندىشە قىلىش، قورقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئەسلىدىلا يەسلى ياكى مەكتەپ تۇرمۇشىغا خېلى كۆنۈپ قالغان بالىلار تۇيۇقىسزلا يەسلىگە ياكى مەكتەپكە بېرىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، بىر خىل قۇرقۇپ قالغاندەك ئىپادىسى بار بولسا ھەمدە سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمىسا، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
تۆتىنچى خىل ئەھۋال
   بالا مەلۇم بىر ساۋاقدىشىنىڭ مەلۇم بىر مۇئەللىمنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى، يالغۇز ئەپچىقىپ سۆھبەتلەشكەنلىكى، ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بەرسە، بۇنداق بىنورمال ئەھۋاللارنى ئاتا-ئانىلار ئاڭلاپلا بولدى قىلماي، ئەڭ ياخشىسى بالىسىنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قانداق ئەھۋال بولغانلىقىنى سوراپ بېقىشى كىرەك. چۈنكى، باشقا بالىلار تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن مەكتەپلەردىكى جىنسىيەت زورلۇق دىلولىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ چىقىشى، دەل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىنورماللىقنى بايقىغاندىن كىيىن، ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ئاشكارىلىنىپ چىققان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号