ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارغا ئۆمۈر بويى دىيىشكە بولمايدىغان 13جۈملە سۆز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
1. دۆت، كارغا كەلمەيدىغان نەرسىكەنسەن.
    
بالىڭىزغا ئېيتىڭ: سىز دۆت ئەمەس! ئادەتتە بالىڭىزدىن كۆپرەك زوقلىنىپ ماختاپ بىرىڭ؛ ئۇنىڭغا خو قولىڭىزنى چىقىرىپ، بىر ئېغىز ئاددى سۆز بىلەن ماختاپ قويۇش، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئېغىزىڭنى يۇم،
2. سەن نىمانداق گەپ ئاڭلىمايسەن.
    ھەدىسىلا بالىنى ئۆزىڭىزگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىماڭ، ئۇلارغا مۇنازىرلىشىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بىرىڭ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشىنى يىتىلدۈرۈڭ.
3. مەن بولمايدۇ دىگەندىكىن بولمايدۇ
    
ئۆزىڭىزنىڭ دادىلىق ياكى ئانىلىق ھەيۋىسىنى مەجبۇرى ئىشقا ئاشۇرىمەن دىمەڭ؛ قورقۇش، قايىل بولغانلىققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بالىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ تەكلىپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاڭ.
4. ئەمدى سەن بىلەن كارىم يوق، ئۆزۈڭنىڭ بىلگىنىنى قىل
    
بالىلارنى تەنقىد قىلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئورۇنسىز رەنجىتىپ قويۇتىن ساقلىنىڭ. بالىلارنىڭ "قالايمىقان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا" قارىتا كەڭ قوساق بولۇڭ. ئۇلارنى، ئۆزى ۋاقتىنچە ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى قىلىشقا زورلىماڭ.
5. ئەگەر سەن ئىمتاھاندا 100نومۇر ئالالىساڭ، ئاندىن ساڭا ئېلىپ بىرىمەن...
6. سىنىڭ داداڭ (ئاناڭ)، ئۇ بىر ئەخمەق ساراڭ(ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەيىبلەش سۆزلىرى)
    
ئۇ بەلكىم راستىنلا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، بىراق سىز ھەمىشە بۇنى ئېغىزىڭىزغا ئېلىپ، بالىنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ يۈرمەسلىكىڭىز لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالا سىزنىڭ بۇنداق دىگىنىڭىزنى ئاڭلاۋەرسە، ئۇ ئائىلىنىڭ ئەزاسىغا مۇشۇنداق باھا بىرىش نورمال ئىش ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
7. ئېغىزىڭنى يۇم!
8. نوچى بولساڭ توختىماي يىغلا، قاچانغىچە يىغلىيالايدىكەنسەن، قېنى بىر كۆرۈپ باقاي.
9. سەن نىمىشقا بىرەر ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايسەن؟
10.  بۇ سىنىڭ گەپ ئاڭلىمىغانلىقىڭنىڭ ئاقىۋىتى!
11. سەن دىگەن ئەسكى بالا
    
بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، سىز ئۇنىڭ بۇ ئىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، خاتا قىلمىش ئىكەنلىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.
12. مەنمۇ ماتىماتىكا بىلمەيتتىم، بۇ بالا مىنى تارتىپتۇ.
13. بولدى سەن ھەپىلەشمە، سەن بەرىبىر قىلالمايسەن، مەن قىلىپ بىرەي.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号