ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھەرقايسى ياش بۆلىكىدىكى بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقىت جەدۋىلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۆپ قىسىم بالىلار، يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلاشقا مۇھتاج.
   ئۇيقۇ تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى جۇدىي.مىندىلنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بالىنىڭ ئۇيقۇ ئادىتى ياخشى بولمىسا، ياكى ئاخشىمى سائەت 11بولغىچە ئۇخلاشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنى ئۇنچە كۆپ ئۇخلاشقا ئىھتىياجلىق ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ قاراپ قېلىشى مۇمكىن.
    بىراق، بۇ خىل قاراش ئىنتايىن خاتا. ئەمىلىيەتتە بۇ بەلكىم، بالىلاردا دەل ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىغانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
    بالىڭىز ھەر قېتىم ماشىنىغا چىقسىلا ئۇخلاپ قالامدۇ؟ ئەتىگەنلىرى كۆپىنچە سىز ئويغاتسىڭىز ئاندىن ئورنىدىن تۇرامدا؟ بالا بەزىدە، ئادەتتىكىدىن بۇرۇنراق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالامدۇ؟
   ئۇنىڭ ئۇخلاش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىمەن دىسىڭىز، سىز ئۇنىڭغا يارەملىشىپ، ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتى ۋە مۇقىم بولغان مۇۋاپىق ئۇخلاش ۋاقتى يىتىلدۈرۈشۈپ بىرىشىڭىز كىرەك.
   بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولمىسا، ئۇلارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
   ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ھەممىسى، ئۇخلاشنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىش ھورمۇنى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئاندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئەگەر بالىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى بەك ناچار بولسا، ياكى ئۇخلاش ۋاقتى تەرتىپسىز بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، بالىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئىنىرگىيە توپلىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.
   ئوخشاش بولمىغان ياش مەزگىلىدىكى بالىلار، ھەركۈنى قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىشى كىرەك؟
تۇغۇلغاندىن كىيىنكى بىرىنچى ئايدا
    ھەركۈنى ئۇخلاش ۋاقتى 18-14سائەت ئارىسىدا بولسا نورمال ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 8-6سائەت، كىچىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 11-10سائەت بولىدۇ.
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۆپىنچە ۋاقىتنى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ھەر4-2سائەتتە بىر ئويغىنىپ ئىمىدۇ؛ بۇۋاقىتتا كۆز ئۇچۇق تۇرىدىغان ۋاقىت نەچچە مىنۇت بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۇلاردا تېخى كىچە-كۈندۈز پەرقى بولمايدۇ.
3-2ئايلىق بوۋاقلار
    ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 17-14سائەت ئارىسىدا بولسا نورمال ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈندۈز ئۇخلاش ۋاقتى 8-5سائەت، كىچىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 11-9سائەت بولىدۇ.
    3-0ئايلىق ئارىسىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇلار ئىمىش ۋە زاكا ئالماشتۇرۇش، بىردەم ئويناشتىن باشقا، كۆپ قىسىم ۋاقىتلارنى يەنىلا ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
6-4ئايلىق بوۋاقلار
    ھەركۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 15-13سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 5-3سائەت، كىچىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 12-10سائەت بولىدۇ.
    بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ كۈندۈزى ئويغاق تۇرىدىغان ۋاقتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىدۇ، كىچىسى ئويغىنىدىغان قېتىم سانىمۇ كۆرنەرلىك ئازىيىدۇ. بۇ مەزگىل، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى چېنىقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل.
12-7ئايلىق بوۋاقلار
    ھەركۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 15-12سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 4-2سائەت، كىچىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 12-11سائەت بولىدۇ.
   بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ۋە قېنىپ ئۇخلاش دەرىجىسى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۇخلايدۇ، ھەرقېتىمدا 2-1سائەت ئۇخلايدۇ؛ چۈشتىن كىيىن 2-1قېتىم ئۇخلايدۇ، ھەر قېتىمدا 2-1سائەت ئۇخلايدۇ.
    بۇ ياش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە، بەزىلىرى بىر ئۇخلىغانچە تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالايدۇ؛ بىراق، نۇرغۇن بوۋاقلار كىچىلىرى كىچىك تەرىتى قىستاپ، 3-2قېتىم ئويغىنپ كىتىدۇ.
2-1ياشلىق بالىلار
    ھەركۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 14-11سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزى 3-2سائەت، كىچىسى 11.5-10.5سائەت ئۇخلايدۇ.
    بۇ مەزگىلدىكى بالىلار، ئادەتتە تاڭ ئاتقۇچە ئويغانماي ئۇخلىيالايدۇ. كۈندۈزى ئويغاق تۇرىدىغان ۋاقتى خېلىلا ئۇزارغان بولۇپ، كۈندۈزى مۇقىم بولغان 3-2قېتىملىق ئۇخلاش ۋاقتى بولىدۇ.
5-3ياشلىق بالىلار
    ھەركۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 11-9سائەت، كۈندۈزى ئۇخلاش ۋاقتى 1.5-1سائەت، كىچىسى ئۇخلاش ۋاقتى 10-8سائەت بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号