ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئايال يانفون ئوينىسا ھامىيلە قانداق ئىنكاستا بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ئىشلار ئۇلار دىققەت قىلىشقا ياكى پەرھىز تۇتۇشقا تىگىشلىك ئىشقا ئايلىنىدۇ. بىراق، ھامىلدار ئاياللار بەزىدە قىلغىلى ئىش تاپالماي، يانفون ئويناشقا چۆكۈپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
    ھامىلدار ئاياللار يانفون ئوينىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ پائالىيىتى ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىدىكى بەزىبىر ئورتاقلىقلار سەۋەبىدىن، ھامىيلە بۇ ئەھۋالنى سىزىپ يىتىدۇ. ئەگەر كۈندۈز كۈنلىرى ھامىلدار ئايال يانفون ئويناشقا چۈشۈپ كەتسە، ھامىيلە بۇنى سەزگەن بولسىمۇ ئەمما بەك چوڭ ئىنكاس قايتۇرماي، ئۆزىنىڭ ئويىنىنى ئوينايدۇ.
    بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايال كىچىسى ئۇخلىماي يانفون ئويناشقا باشلىسا، قوساقتىكى ھامىيلە بەلكىم "ئاچچىقلىنىپ" قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، كىچىسى ھامىيلە ئارام ئېلىشقا تۇتۇشقان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال يەنە يانفون ئويناۋەرسە، ھامىيلىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا ھامىيلىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى سەزسىڭىز، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ سىزنىڭ قىلمىشىڭىزغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى بولۇشى مۇمكىن.
    ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن  مۇددەت داۋاملاشسا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى، يەنە تېخى قوساقتىكى بالا كۆپ مىدىرلىغانلىق سەۋەبىدىن كىندىك بېغى بوينىغا يۆگىشىۋالىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ھامىلدار بولۇپ 20ھەپتە ئەتراپىدا بولغان ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ ھەرقايسى سىزىم ئەزالىرى يىتىلىپ بولىدىغان بولغاچقا، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يانفوننىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك ھەم ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىغا يېقىن بولسا، ھامىيلىنىڭ بەلكىم ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن "بېشى ئاغرىپ" كىتىشى مۇمكىن.
    ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئەھۋال قوساقتىكى بالىنىڭ ئاڭلاش سىزىمىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار مەزگىلىدە يانفون ئويناش مۇۋاپىق بولۇشى كىرەك؛ بولۇپمۇ ئۇخلاش ۋاقتىدا ئىمكان قەدەر يانفون ئوينىماسلىق، كۈندۈزلىرى يانفون ئوينىغان ۋاقىتتىمۇ، يانفوننى قوسىقىدىن يېراقراق تۇتۇپ ئاۋازىنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەسلىك كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号