ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
نىمە ئۈچۈن بەزى بالىلاردا تۇغۇلما كەمتۈكلۈك كۆرىلىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    خوشنام ئەر-خوتۇنلار نەچچە يىل تەييارلىق كۆرۈپ، ئۆتكەن يىلى ئاخىرى ھامىلدار بولدى؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن خوشال بولۇپ، ئايال خوشنامنىڭ ھالىدىن ھەممىشى شۇنداق ياخشى خەۋەر ئالدى. بىراق، خوشنامنىڭ بالىسى تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي بولغاندىن كىيىن، بالىنىڭ تۇغۇلما گاس تۇغۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئەھۋال، خوشنام بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئېغىر بىر زەربە بولدى. ھەقىقەتەن شۇنداق، بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولىدۇ. ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن بەزى بالىلاردا تۇغۇلما كەمتۈكلۈك كۆرىلىدۇ؟ ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا دىققەت قىلمىسا، ھامىيلىدە ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
ئىرسىيەت ئامىلى
    ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال بولسا، ئايال كىشى ھامىلدار بولسىلا، نەتىجىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى خىروموسوملار بىنورمال ياكى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن گېن بار بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا بالىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقى كۆپلەپ ئېشىپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ۈئچۈن، ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى كىرەك. ئەگەر بۇ جەھەتتىكى خەۋپ ئامىللىرى مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا دوختۇرلارنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ، مۇۋاپىق چارە قوللىنىش كىرەك.
مۇھىت بۇلغىنىش ۋە شاۋقۇن-سۈرەندىن بۇلغىنىش
    ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن خوشنامنىڭ ئەھۋالى، ئەگەر ئىرسىيەت ئامىلى بولمىسا، ئۇنداقتا بەلكىم شاۋقۇن-سۈرەن بولغىنىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ھامىيلىنىڭ ئاڭلاش سىزىمى، ھامىيلە ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا چوڭلارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ بولىدۇ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلە سىرتقى مۇھىتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇن ۋاقىت شاۋقۇن-سۈرەن يۇقىرى مۇھىتتا تۇرسا، ئاسانلا ھامىيلىنىڭ ئاڭلاش سىزىمىغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىر بولغاندا قولىقى ئاڭلىماس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئايال ئەگەر ھەمىشە خېمىيىلىك بۇلغىنىش بار بولغان، رادىئاتسىيە، ھاۋاسى بۇلغانغان مۇھىتلاردا تۇرۇپ قالسا، بالىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
ھامىلدار ئايالغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسى ۋە ياخشى كۆرىدىغان تەم جەھەتتە ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدىغان بولۇپ، بەزىلىرى تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق بولىۋەرسە، ھامىلدار ئايال قوبۇل قىلىدىغان ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ھامىلدار ئايالدا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كۆرىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا بەزىبىر مىكرو ئىلمىنىتلار ياكى ۋىيتامىنلار كەم بولسا، مەسىلەن فولىن  كىسلاتاسى كەم بولسا، ھامىيلىنىڭ نىرۋا كانىلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال ئۇزۇقلۇق جەھەتتە تەڭپۇڭ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىشى كىرەك. قارىغۇلارچە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا ۋە تاماق تاللاشقا بولمايدۇ.
ھاراق تاماكىغا ئۇچرىشىش
    ھازىرقى ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس بولۇپ قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ ھاراق ئىچىش ياكى تاماكا چىكىشنى تاشلىمايدۇ. بىلىشىمىز كىرەككى، ھاراق ۋە تاماكا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھامىلدار ئاياللارغا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ھەمىشە ھاراق تاماكا بىلەن ئۇچراشسا، زىيانلىق ماددىلار ھامىلدار ئايال ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ بەدىنىگە ئۆتۈپ، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号