ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئوغۇل بالىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى قانداق قوغداش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەتتە، ئوغۇل بالىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى قانداق قوغداش كىرەك؟ مىنىڭچە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىنى ئىشقا ئاشۇرماق لازىم.
ئوغۇل بالىنىڭ ۋاقتىنچە ئارقىدا قېلىشىغا يول قويۇش
   پۈتكۈل باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە، ئوغۇل بالىلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك يىتىلىشى، ئومۇمى جەھەتتىن قىزلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ. 11ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئوغۇللارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى، ئوقۇپ يېزىش ئىقتىدارى، ھىسابلاش ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىش دەرىجىسى، قىزلارغا قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11ئاي، 12ئاي، 6ئاي كىيىن قالىدۇ.
    بۇنىڭغا قارىتا بىردىنبىر ئامال، ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنى ساقلاش بولۇپ، شۇندىن كىيىن تەربىيەلەشنى باشلىساق، ئاندىن ھەسسىلەپ ئۈنۈمگە ئىرىشىشكە بولىدۇ.
ئوغۇل بالىغا تېخىمۇ كۆپ ئارام ئېلىش ۋاقتى بىرىش
    بەزىدە ئوغۇللار ھېرىپ چارچاپ قالدىم دىسە، بۇ ئۇلارنىڭ ھۇرۇنلۇق قىلغانلىقى ياكى تەكرار قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئەمەس، بەلكىم ئۇلار راستىنلا ھېرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
    ئوغۇل بالىلارنىڭ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرىش كۈچى، ئەسلىدىنلا قىز بالىلارغا قارىغاندا ناچار بولۇپ، بۇ ئەھۋال جانلىقلار تۈرىدە كۆرىلىدىغان تۇغۇلما خاسلىقتۇر. بۇ خۇددى مۈشۈكنىڭ بوينىغا زەنجىر سېلىپ، ئىتنى يىتىلەپ ئويناتقاندەك ئويناتقىلى بولمىغانغا ئوخشاش، جانلىقلار تۈرىنىڭ تەبىئى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىمەن چېنىقتۇرىمەن دىيىشى، تەبىئەت قانۇنىيتىگە مۇخالىپ كىلىپ قالىدۇ.
ئوغۇل بالىغا ھەرىكەتلىنىپ مىدىرلاش پۇرسىتى بىرىش
    ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ: ھەر قېتىم ئوغلىڭىزغا چىقىپ بىردەم ھەرىكەتلىنىپ مىدىرلاپ كىرىشكە پۇرسەت بەرسىڭىز، قايتىپ كىرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ دىققىتى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل نىشانغا مەركەزلىشەلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى شۇنداق ياخشىلىنىپ، ئۈنۈمى شۇنداق ئېشىپ كىتىدۇ.
    بىراق، مىدىرلاپ ھەرىكەت قىلىشنىڭمۇ چېكى بار بولۇش كىرەك؛ ئادەتتە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولمىغىچە، ئۇنىڭغا زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىپ مىدىرلاشقا يول قويۇشقا بولمايدۇ. قانچىلىك بولسا لايىقىدا بولىدۇ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ نوقتا ئادەمنىڭ ئۆزىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار سەۋرچانلىق بىلەن كۆزىتىشى كىرەك.
ئوغۇل بالىلارنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئوي-خىياللىرىنى چەكلەپ قويماسلىق
    مەن ھەر دائىم ئوغلۇمغا بەزىبىر ئىلىكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى چۇۋۇپ ئويناشقا بىرىمەن ھەمدە بەزىبىر ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مىخانىكا، جۇغراپىيە، ئىلىكتىرون تىپىدىكى كىتابلارنى تېپىپ بىرىمەن؛ ئۇ بىر تەرەپتىن قول سېلىپ سىنىغاچ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىزگە ئاز بولمىغان ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
ئوغۇل بالىنىڭ غۇرورىنى قوغداش
   ياشلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئوغۇللارنىڭ فىزىلوگىيىلىك يىتىلىشى ئاندىن قىزلارغا يىتىشەلەيدۇ؛ بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇن ئوغۇل بالىلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە قارىتا ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ بولغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ بىراق، بالىنى نىسبەتەن تەڭپۇڭ بولغان مۇھىتقا قويۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە ئۆزىنى بىر مەغلۇبىيەتچى ھىس قىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号