ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ بەش خىل ئەھۋالدىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئاجرالما سەۋيىسىدە بىنورماللىق كۆرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تىرىسى ئۆڭۈپ كىتىدۇ ياكى سارغىيىپ قالىدۇ؛ ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا ھامىلدار ئايال گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەتسە بولمايدۇ. چۈنكى، گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى خېمىيىلىك تەركىبلەر ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ياكى ئىمكان قەدەر ئاز يۈز بىرىشكە تىگىشلىك ئىشلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بالا ئۈچۈن گىرىم قىلىپ ياسىنىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش
    ھەرقانچە يىشىل تەبىئى مەھسۇلات دەپ تەشۋىق قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرىمۇ، يەنىلا خېمىيلىك ماددىلاردىن ياسالغان مەھسۇلات بولۇپ، قوغۇشۇن، سىماپ قاتارلىق تەركىبلىرى ئوخشاشلا كەم قالمايدۇ. بۇ خىل ماددىلار ھامىلدار ئايالنىڭ تىرىسى تەرپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋىتىدۇ.
ھەددىدىن ئارتۇق جىددىلىشىش
    روھى كەيپىياتى جىددىلىشىش ۋە كورتىكوئىد ھورمۇنى تۆرەلمە ئورگانىزىمىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بالىلاردا تۇشقان كالپۇك قاتارلىق كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرىلاپ كىتىدۇ.
ئىت ۋە مۈشۈك باققان ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلىشى كىرەك
   ئەرمەك ھايۋان بېقىشنىڭ بالىلارنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناتايىن؛ بىراق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ كىسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %40گە يىتىدۇ.
بۇزۇلۇپ كۆكىرىپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك
    بۇ خىل تىجەشچانلىق، ياشلار توپىدا كۆپ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ياشقا چوڭراق كەلگەن كىشىلەر توپىدا بۇ خىل ئادەت بار. بەزى ھامىلدار ئاياللار، چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئېشىپ قالغان تاماق ياكى تۇرۇپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يەپ قويىدۇ. بىراق بىلىشىڭىز كىرەككى، تۇرۇپ قالغان تاماق تەركىبىدە زىيانلىق زەمبۇرۇغلار پەيدا بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ھامىيلىنىڭ خروموسوملىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلدار ئايال قىزىپ قالسا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايال زۇكام تىگىپ ياكى باشقا سەۋەپلەردىن قىزىپ قالسا، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ مىڭە نىرۋا ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈپ كىتىپ، بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىمكان قەدەر دىققەت قىلىپ، زۇكام تىگىپ قېلىشتىن ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قىزىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号