ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى خەتەرلىك سىگناللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى يوغىنىغاندىن سىرت، ئۇلاردا يەنە نۇرغۇنلىغان بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ؛ مەسىلەن، كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش، كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلىرى ھامىيلىگە خەۋپ يەتكەنلىك سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نەچچە خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ھامىلدار ئايال كۆپلەپ دىققەت قىلىشى كىرەك.
قورسىقى قاتتىق ئاغرىش
    ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا قوسىقى ئاغرىيدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بىراق، بەزىدە بۇ نورمال ئەھۋال ھىسابلانسىمۇ، ئەمما بەزىدە بىز ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا يىنىك دەرىجىدىكى قوساق ئاغرىقىلا كۆرۈلۈپ باشقا بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، بۇ كۆپىنچە نورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا قاتتىق دەرىجىدە قوساق ئاغرىقى كۆرۈلسە، ھەمدە بۇنىڭغا قان كىتىش قوشۇلۇپ بىللە كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ بەلكىم بالا چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئالدىدىكى ئالامىتى ياكى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.
قان كىتىش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، قان مېڭىپ كىتىشمۇ دائىم كۆرىلدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىراق بۇمۇ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئايرىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئاز مىقداردا قان مېڭىپ كىتىش كۆرۈلسە ۋە باشقا بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ، ھامىلدار ئايال كۆپرەك ئارام ئېلىپ بەرسىلا چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. بىراق ئەگەر، قان مېڭىپ كىتىش مىقدارى بىرقەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوساق قىسمىدا قاتتىق ئاغرىش كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ بەلكىم ئالدىن بىشارەتلىك بالا چۈشۈپ كىتىش، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتىمۇ ئوخشاشلا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش
    ئادەتتە، ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيىغا كەلگەن ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنى سانىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى ۋە قاتتىقلىق دەرىجىسى، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە، 12سائەت ئىچىدىكى مىدىرلاش قېتىم سانى 100-30 ئارلىقىدا بولسا، ياكى بىر سائەت ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن يۇقىرى بولسا نورمال بولىدۇ. ئەگەر ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى تۇيۇقسىز ئازلاپ كەتسە ياكى كۆپىيىپ كەتسە، بۇ ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋال بايقالغاندىمۇ ۋاقىتدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.
تىرە قىچىشىش
    تىرە قىچىشىش، ئەڭ ئاددى بولغان بىر خىل ئالامەت بولۇپ، ئادەتتە ئازراق تاتىلاپ قويساق ياكى مەلھەم سۇۋاپ قويساق بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ تىرىسىدە بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدە قىچىشىش كۆرۈلسە ھەمدە دائىرىسىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدارلىق مەزگىلى جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقى يېغىلىپ ئولتۇرۋىلىش كىسەللىكىدىن ئىھتىيات قىلىش كىرەك. بۇ خىل ئالامەت ئاسانلا بالا چۈشۈپ كىتىش، ھامىيلە قوساقتا تۇنجۇقۇپ قېلىش، بالا ئۆلۈك تۇغۇلۇش، تۇغۇتتىن كىيىن چوڭ قان مېڭىپ كىتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار تىرىسىنىڭ قىچىشىشىغا سەل قارىماي، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئەڭ ياخشىسى ئالاقىدار تەكشۈرتۈشلەرنى قىلدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号