ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە گىرىم قىلىش ھامىيلىگە زىيانلىقمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە گىرىم قىلىشنىڭ ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلەمدۇ يوق دىگەن مەسىلىگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ. چۈنكى، ئاياللار تۇغۇلما گۈزەللىكنى سۈيىدىغان بولۇپ، ھامىلدار بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئىمكاننىڭ بارىچە چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ھەقتە بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، جەنۇبى جۇڭگۇ تىبابەت داشۆسىنىڭ كىلىنكىلىق دورىگىرى ياڭ سەيخۇا دوختۇرنىڭ، "ھامىلدارلىق مەزگىلىدە گىرىم قىلىش، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ يوق؟" دىگەن سۇئالغا بەرگەن جاۋابىنى سۇندۇق؛ سىزگە ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
   گىرىم قىلىشنىڭ ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش چىقارماسلىقى، نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى. خالتىلىق تۆرەلمە بالىياتقۇغا ئورۇنلاشقاندىن باشلاپ ھامىلدارلىق 12-ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىق، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيادە سەزگۈر ھەم خەتەرلىك مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا زەھەرلىك ماددىلارغا ئۇچراشقاندا، تۆرەلمە ئورگانىزىمى ھۆجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا تۇغۇلما كەمتۈكلۈك كۆرلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئىككىنچىدىن، ئۇچراشقان خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ تۈرى. ئوخشاش بولمىغان خېمىيلىك ماددىلارنىڭ غەلىتە شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش دەرىجىسى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئورگانىزىملارغا مەخسۇس نىشانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىشقا بولمايدۇ، ئاۋال ئۇچراشقان خېمىيىلىك ماددىنىڭ تۈرىنى ئىنىقلاش لازىم بولىدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، ئۇچرىشىش جەريانىدا يېغىلىپ جەمئىلەنگەن مىقدار. ئۇچرىشىشنىڭ داۋاملاشقان ۋاقتى، ۋە ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش سەۋيىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئومۇمى ئۇچرىشىش مىقدارىنى جەمئىلەپ چىقىلىدۇ. گىرىم بۇيۇملىرى ئاساسلىقى تىرە يۈز قىسىملىرىغا سۇۋاپ ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە تىرىدىن ئۆتۈپ بەدەنگە سۈمۈرۈلىدىغان مىقدارى چەكلىك بولىدۇ.
    ئادەتتە، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئۇلارنىڭ تەركىبىنى كۆرۈپ بېقىش كىرەك بولۇپ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھەر مىڭ گىرام مەھسۇلات تەركىبىدىكى قوغۇشۇن() مىقدارى 10مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئارسىن() مىقدارى 2مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كادمىي() مىقدارى 20 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ ھەم چەك قويىلىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە ئىككى خىل تەركىبتىن ساقلىنىشقا توغرا كىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىنزول(邻苯二甲酸) ۋە ۋيىن(维甲酸). بەزىبىر سۈپىتى ناچار تىرناق لاكى ۋە پۈركەلمە چاچ يىلىملىرى تەركىبىدە ئادەتتە بىنزول بار بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل ماددا بىلەن ئۇچراشقاندا، قوساقتىكى ھامىيلە ئوغۇل بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزىبىر دانىخورەك يوقىتىش مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە ۋيىن بار بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار.
بۇلاردىن باشقا، داغ يوقىتىش، تىرە ئاقارتىش ئىقتىدارىدىكى تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىمكان قەدەر ئىشلەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى لەۋ سۇرۇخ ئىشلەتمەسلىك كىرەك بولۇپ، لەۋ سۇرۇخنىڭ تەركىبى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولغاچقا، لەۋ سۇرۇخنى سۈرگەندىن كىيىن، سۇ ئىچكەندە ياكى يىمەكلىك يەپ گەپ قىلغاندا ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ كەتسە، ھامىيلىگە پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号