ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
ئاق شىكەر(白砂糖)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛ ئاق شىكەرنىڭ تاتلىق تەمى بىر قەدەر ساپ، تاتلىقلىق دەرىجىسى قىزىل شىكەردىن سەل تۆۋەن كىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قورۇما قورۇشا، يىمەكلىككە تاتلىق تەم كىرگۈزۈشتە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتلىشى:  白砂糖
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  white granulated sugar
ئاساسلىق خام ئەشياسى:  شىكەر قۇمۇچى، قىزىلچا
ئاساسلىق تەركىبى:  كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ئاق شىكەرنىڭ %99 تەركىبى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، بۇندىن باشقا ئاز مىقداردا مىنرالنى ئىلمىنىتلار بار؛ ئاق شىكەرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەندىكىچە : ھەر 100 گىرام ئاق شىكەر تەركىبىدە 400 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 99 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 3 مىللىگىرام ماگنىي، 20 مىللىگىرام كالتسىي، 0.6 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.06 مىللىگىرام سىنىك، 0.04 مىللىگىرام مىس، 0.09 مىللىگىرام مانگان، 5 مىللىگىرام كالىي، 8 مىللىگرام فوسفور، 0.4 مىللىگرام ناترىي بار.
دورىلىق قىممىتى
    ئاق شىكەرنىڭى ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ يۆتەلنى توختىتىش، جىگەر فونكىسىيىسىنى تەڭشەش، تەم تەڭشەش، ئېغىزدىكى پۇراقنى يوقىتىش، ھاراق ئىچكەندىن كىيىنىكى بەدەندىكى ئىسپىرت زەھىرىنى قايتۇرۇش، مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. بۇندىن باشقا ئاق شىكەرنىڭ جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىپ تۇتىشىشى ۋە رەڭ ماددىلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ ئەرزان بولغان دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش دورىسىدۇر.
ئاق شىكەرنى ئىستىمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
    1. دىئابىت كىسىلى بارلار ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    2. مۇۋاپىق تۈردە ئاق شىكەر ئىستىمال قىلىشنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ كالتسىي سۈمۈرۈشىگە پايدىسى بار، ئەمما زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
    3. ئاق شىكەر ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن، ۋاقتىدا ئېغىزنى چايقىۋىتىش ياكى چىشنى چوتكىلاش لازىم؛ بولمىغاندا چىشنى قۇرت يىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
    4. قورۇما قورىغان ۋاقىتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەك، ئازراق ئاق شىكەر قوشۇۋەتسەك، تۇزنى تەڭشەيدۇ.
    5. ئاق شىكەر ئاسان كۆكىرپ بۇزۇلۇپ قالىدىغان، ھەم پارازىنت قۇرتلار پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ساقلانغان شىكەرنى بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق ئاق شىكەرنى قايناتقاندىن كىيىن ئاندىن ئىستىمال قىلىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号