ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » توخو گوشى قورىمىلار
لازىجىنى ئائىلىدە تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   لازىجىنى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا بۈگۈن بىراقلا ئەسلى مەقسەتنى باشلاپ كېتىمىز.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: توخۇ گۆشى(三黄鸡)، كۆكمۇچ، سامساق، زەنجىۋىل، قاقمۇچ، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تېتىقۇ ھارىقى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   كۆكمۇچنى ئۇرۇغىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز، سامساقنى ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئىككى پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ قاقمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلىساقلا توغرىمىساقمۇ بولىدۇ.
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال قوۋزاق دارچىن، شاكال بەدىيان ۋە زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز.
   توخۇ گۆشىنى قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن، قاقمۇچ ۋە سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەمىنى چىقىرىمىز.
   كەينىدىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە تېتىقۇ ھارىقى قوشۇپ غەلىتە پۇراق يوقىتىمىز.
   مۇۋاپىق مىقداردا لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ رەڭ كىرگۈزىمىز. لاۋچوۋ قوشقاندا چوقۇم كىچىك ئوت بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا كۆيۈپ كېتىدۇ.
   قورىمىغا رەڭ كىرگەندىن كېيىن، قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ تېخىمۇ بەكرەك تەم كىرگۈزىمىز. سۇ قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشىمىز، بۇ ۋاقىتتا چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ سۈيىنى قاينىتىپ پۈتۈنلەي يوقىتىمىز.
   سۈيى تۈگىگەندىن كېيىن كۆكمۇچنى سېلىپ قورۇپ، كۆكمۇچنى پىشۇرۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号