ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » توخو گوشى قورىمىلار
داغلاپ پىشۇرۇلغان توخۇ تۆش گۆشى، يىسىڭىز سەمىرىپ قالمايسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   توخۇ تۆش گۆشى، ئۇرۇقلىماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ دائىملىق يمەكلىكى بولۇپ، تەركىبىدە ئېنىرگىيە مىقدارى تۆۋەن، ئۇرۇقلاش يېمەكلىكى تەييارلاشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۇزۇقلۇقى مول ھەم تەملىك بولغان داغلاپ پىشۇرۇلغان توخۇ تۆش گۆشى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: توخ تۆش گۆشى، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، تۇز، شېكەر، قىزىلمۇچ تالقىنى، زىرە تالقىنى، ئاق كۈنجۈت، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
  1. غولپىيازنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز، سامساقنى ياپراقچە قىلىپ توغرايمىز، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغرايمىز.
  2. توخۇ تۆش گۆشىنى توغراپ قاچىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئازراق تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ، كەينىدىن توغرالغان غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى قوشىمىز ھەمدە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، قارىمۇچ تالقىنى، تۇز، شېكەر قاتارلىقلارنى قوشۇپ قولىمىزدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 20 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.

  3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توخۇ تۆش گۆشىنى سېلىپ داغلايمىز؛ ھەر ئىككى يۈزىنى داغلاپ سارغىيىپ پىشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە مۇچ تالقىنى، ئاق كۈنجۈت، زىرە تالقىنى ۋە زىرە قاتارلىقلارنى سېپىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىپ ئسىتېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号