ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » توخو گوشى قورىمىلار
توخۇ تۆش گۆشىنى قانداق تەييارلاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مىفەن بىلەن يىيىشكە ماس كېلىدىغان ھەم ئادەمنى سەمىرىتمەيدىغان بىر خىل تائام تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار، قىزىلمۇچنى كۆپرەك ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: توخۇ تۆش گۆشى، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، جىياڭيۇ، ئىستېمال مېيى، كىراخمال، تېتىتقۇ، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. توخۇ گۆشىنى يۇۋەتكەندىن كېيىن كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز؛ ئۈستىگە كىراخمال، جىياڭيۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن يېرىم سائەت قويۇپ قويىمىز.
   2. قىزىلمۇچ بىلەن كۆكمۇچنى ئۇششاق توغرايمىز.
   3. قازانغا كۆپرەك ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تەييار قىلغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ، بەش مىنۇت ئەتراپىدا داغلىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئالىمىز.
   4. سۈزۈپ ئېلىپ مېيىنى سارقىتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   5. قازانغا قايتىدىن ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغراپ تەييارلىغان قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچنى سېلىپ قورۇيمىز.
   6. كەينىدىن داغلاپ ئالغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ بىللە قورۇيمىز.
   7. تۇز، ۋىيجىڭ قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号