ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئائىلىۋى تائاملار » بالىلار تائاملىرى
بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كاۋىنى بىۋاستە ئىستىمال قىلالىشى ياكى ئىستىمال قىلىشنى خالىشى ناتايىن. بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان كاۋا قوشۇلغان بولكا تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: 120گىرام كاۋا، 100گىرام ئۇن، بىر گىرام ئېچىتقۇ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ۋە ماي
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   كاۋىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، قازانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىۋالىمىز؛
ئىككىنچى قەدەم
    پىشىپ بولغان كاۋىنى ئىزىپ خېمىر ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛
ئۈچىنچى قەدەم
   خېمىر ھالىتىگە ئەكەلگەن كاۋا سۇۋۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستىگە ئېچىتقۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛
تۆتىنچى قەدەم
    ئۈستىگە ئۇن قوشۇپ(سۇ قوشمايمىز) چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛
بەشىنچى قەدەم
   ئاز-ئازدىن سۇ قوشۇپ، كاۋا بىلەن ئۇننى تۇلۇق ئىلەشتۈرۈپ رەسمى خېمىر ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛
ئالتىنچى قەدەم
   قاچىنىڭ تىگىگە ئازراق ماي سۈرىۋىتىپ، خېمىرنى قاچىغا سالغاندىن كىيىن، قوشۇقنىڭ ئاستى تەرەپنى سۇغا تەككۈزۈپ، خېمىرنى ئۈستىنى تەكشى ھالەتتە بېسىپ سۈرۈپ تۈزلەيمىز؛ ئاخىرىدا ئۈستىگە بىر قەۋەت يىڭى ساقلاش پىلاستىرى يېپىپ ئېچىتىمىز؛
يەتتىنچى قەدەم
   خېمىر ئۆرلەپ ئەسلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك بولسىلا بولىدۇ
سەككىزىنچى قەدەم
    قازاننى ئېسىپ سۇ قۇيۇپ، خېمىرنى قاچا بىلەن قازانغا سېلىپ دۈملەيمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كىيىن 25-20مىنۇت دۈملەپ، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۋىتىپ، يەنە 10-5مىنۇت تۇۋاقنى يېپىپ داۋاملىق دۈملەيمىز.
توققۇزىنچى قەدەم
    قازاندىن ئېلىپ سۇۋۇتقاندىن كىيىن، قاچىدىن ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号