ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئائىلىۋى تائاملار » ئۇن تائاملىرى
كاۋا مانتىسى تەييارلاش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-09-26 كۆرۈلىشى : قېتىم

 خام ماتېرىيالى: يەرلىك شېكەر كاۋىسى، بۇغداي ئۇنى، باش پىياز، كۆكمۇچ ياكى قىزىلمۇچ (ئىستىمالىڭىزغا قاراپ)

تەم خۇرۇچىلىرى: تۇز، قارىمۇچ ،زىرە، سۇ مېيى، شېكەر

002197df67240f18f78217.jpg
تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىر چىڭ يۇغۇرىمىز. كاۋىنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ ، دانچە قىلىپ توغرايمىز ، دانچە قىلىپ توغرالغان كاۋىنى باش پىياز، كۆكمۇچ ياكى قىزىلمۇچ، شېكەر، قارىمۇچ ،زىرە قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن ئوتتا قىزىتىلغان سۇ مايدىن ئازراق قۇيۇپ، قىيىما تەييارلىۋالىمىز . ئاندىن يۇغۇرۇلۇپ بولغان خېمىرنى يۇمىلاق قىلىپ ئۈزۈپ تاۋلاپ،ئوتتۇرىنى قېلىنراق چورىسىنى نىپىزراق قىلىپ   ئېچىپ تەييارلايىمىز.
ئېچىپ تەييار قىلىۋالغان جىلتىنىڭ ئۈستىگە كاۋا قىيىمىسىنى ئېلىپ ئىخچام قىلىپ تۈگىۋالىمىز، ئاندىن قاسقاننىڭ ئۈستىنى سۇ مايدا مايلاپ چىگىلگەن كاۋا مانتىسىنى قاسقانغا رەتلىك تىزىۋالىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: يۇقىرى ئوتتا قايناۋاتقان قازانغا قاسقاننى قويۇپ، تەخمىنەن13 مىنۇتتىن 18 مىنۇتقچە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
PA280053.jpg
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号