ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » گۇرۇچ تائاملار
سىڭدۈرمە تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئەنئەنىۋى تائاملاردىن بولغان سىڭدۈرمە تەييارلاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   خام ماتېرىيالى: گۆش، گۈرۈچ، بەسەي، بەرەڭگە، غولپىياز، كۆكمۇچ، پەمىدۇر
   خۇرۇچ ماتېرىيالى: تۇز، زەنجىۋىل، سامساق، قىزىلمۇچ قىيامى
   تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى نېپىزراق قىلىپ ياپراقچە ھالەتتە توغرىۋالىمىز؛ كۆكتاتلارنى بۇرجەكلىك پارچە ھالەتتە توغراپ تەييارلايمىز؛ گۈرۈچنى يۇيۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز.
  پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال گۆشنى سېلىپ قورىۋالغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقدارداتۇز، قىزىلمۇچ قىيامى، پەمىدۇر قىيامى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى سېلىپ ئازراق قورۇۋالغاندىن كېيىن، بەرەڭگە، بەسەي، كۆكمۇچ ۋە پەمىدۇرلارنى سېلىپ قورۇپ، گۈرۈچ چىلاشقۇچىلىك سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تۇز تەمىنى تېتىپ، ئۈستىگە تەييارلىۋالغان گۈرۈچنى سېلىپ 15مىنۇت ئەتراپىدا بوش ئوتتا قاينىتىمىز؛ ئاندىن گۈرۈچنى ئۆرۈپ، 25 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۋالىمىز.
ئالاھىدىلىكى: سىڭدۈرمە، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇش، سىڭىشلىك بولۇش، سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭلىك ھەم كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号