بېكىھام ئائىلىسىدىكى تۆت شاكىچىك تىلغا ئېلىنسا، سىز بىرىنچى ئىنكاسىڭىزدا قايسىسىنى ئىسىڭىزگە ئالىسىز؟
ئويلىشىمچە، كۆپ قىسىم دوستلار ماڭا ئوخشاش، ئالەمدە تەڭدىشى يوق ئوماق كەلگەن شىياۋ چى ئىسىڭلارغا كىلىدىغۇ دەيمەن؟
چوڭ بەگزادە دابۇنىڭ داڭلىنىش دەرىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەدىسلا ھىسيات ياكى ئوقۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
بىر چوڭ بىر كىچىك بۇ ئىككىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرلۇقتا قالغان ئىككىنچى ئوغۇل رومىئو بىلەن ئۈچىنچى ئوغۇل كىرىس، ئۇنچە بەك تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەتمەيدۇ.
بەلكىم سىلەر بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن؛ رومىئۇ بولسا تېخى يېقىندا 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.
ھەممەيلەن ئوتتۇرلۇقتا قالغان بالىلار، ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھرىگە دىگەندەك ئىرىشەلمەيدۇ دىيىشىدۇ؛ ئەمما بۇ جۈملىنى بېكىھام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. ئۇلار رومىئونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بېكىھام بىلەن ئايالى ۋىكتورىيە بالىلىرىنى ئېلىپ فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى قىسمىغا ساياھەتكە باردى. تۇغۇلغان كۈنىدە بولسا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ۋاقىت ھىسابلاپ تۇرۇپ، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا رومىئوغا تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
بىكار تۇرمايدىغان ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ، رومىئونىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ بىر خەۋەرنى ئاشكارىلىدى:
بېكىھام ئائىلسىدىكى ئەڭ پۇل تاپىدىغان بالا، ئەڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان رومىئو بولۇپ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن رومىئونىڭ مەبلىغى ئاللىقاچان 5 مىليون فوندسىتىرلىڭ( تەخمىنەن 44 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ) غا يەتكەن!
بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك ھەقىچان كۆزگە ئۇنچە بەك چېلىقىپ كەتمەيدىغان رومىئونىڭ بۇنچىلىك باي ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغانسىلەر؟ ئەگەر ئەمىلىيەتنى چىقىش نوقتىسى قىلساق، چىراي شەكللى جەھەتتە رومىئو ھەقىقەتەن دادىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك گېنىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن...
ئەمما رومىئو ئانىسىنىڭ مودا ئېقىمى گېنىغا مۇكەممەل دەرىجىدە ۋارسلىق قىلغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا مودىكەش ھۈجەيرىسى ئىنتايىن مول چوڭ بولغان.
ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئوغۇلدىن، ئاكىسى بىلەن ئۇكسى كىچىكىدىنلا "ئامرىكىچە ئۇسلۇب"نى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئاكىسى بۇرۇكلىننى دىمەيلا قويايلى، ئۇ ئەزەلدىن تۈزۈكرەك كىيىم كەيمەيدۇ.
ئۇكىسى كىرىس بولسا ئىككىنچى شىياۋ جىياغا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
پەقەت رومىئولا ئەنگىلىيە مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئىنىقلىمىسىغا ئەڭ ماس كىلىدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز، رومىئو بىلەن كىچىك چۆبەننىڭ سېلىشتۇرما رەسىمىنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇلارنى بىر تۇققان دىسىمۇ ئىشىنىپ قالغۇدەك ئوخشىشىدۇ.
ئۇندىن باشقا رومىئونىڭ چىرايىدىكى يىتىشمەسلىك مەسىلىسىنى، بەدەن شەكلى ئارقىلىق تۇلۇقلىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە رومىئونىڭ بوي ئىگىزلىگى ھازىر ئۇنچە بەك ئىگىز بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇق نىسبىتى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك كەلگەن.
ئۇنىڭ پۇتلىرى ئىنچىكە ھەم تۈز بولۇپ، كىچىكىدىنلا پۇتلىرى ئەگمەچ كەلگەن ئاكىسىنى خىجىل قىلىپ قوياتتى.
ئەلۋەتتە، مودا چەمبىرىكىمۇ رومىئوغا ئوخشاش بۇنداق ماڭالايدىغان كىيىم جازىسىنى چوقۇم قولدىن بىرىپ قويمايدۇ. 12 ياش ۋاقتىدىلا ئۇ مودىل شىركىتى تەرپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، Burberry ماركىسىنىڭ يىللىق ئېلان فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشتى.

كىيىن، رومىئو رولغا چىققان بۇ ئېلان سۈرەتلىك فىلىمى YouTube تور بىكىتىدە ناھايىتى ئاسانلا 10مىليون قېتىم چىكىلىش ئۆتكىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن. بۇندىن باشقا سېتىلىش باھاسى 1500فوندسىتىرلىڭ بولغان، پەلتۇمۇ رومىئونىڭ ئېلانغا چىقىشى بىلەن، سېتىلىش مىقدارى %14 ئېشىپ، Burberry شىركىتى 6 مىليۇن پايدا ئالغان ھەمدە ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن رومىئومۇ بۇ قېتىملىق رول ئېلىشتا 45 مىڭ فوندسىتىرلىڭلىق يۇقىرى سوممىدىكى رول ئېلىش ھەققىگە ئىرىشكەن.
رومىئونىڭ كۈچلۈك بولغان تەسىر كۈچى سەۋپلىك، Burberry ئىككىنچى يىلى يەنە داۋاملىق ئۇنى ئېلانغا رولغا چىقىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە رولغا چىقىدىغانلار ئارتون.جون، جېمىس.كېتىن، ناۋمىر.كەنبىر قاتارلىق ئەنگىلىيە دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك چولپانلار بولۇپ، بۇنىڭدىن رومىئونىڭ Burberrنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.
شۇ يىلى ئەمدىلا 13ياشقا كىرگەن رومىئو يەنە GQ ژورنىلىنىڭ "ئەڭ ياسىنىشنى بىلىدىغان ئەرلەر" تىزىملىكىگەچىقىپ، دەرىجىسى 46- ئورۇنغا تىزىلغان دادىسىدىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ، 25- ئورۇنغا تىزىلغان.
ئەسلىدە مودا ساھاسىدە نام چىقىرىۋاتقان رومىئونى ھەممەيلەن شۇنىڭدىن باشلاپ، ئانىسىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، مودا ئېقىم ساھەسىدە تەرەققى قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما ئۇ ئويلىمىغان يەردىن چىقىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، "سېتكا توپ شاھزادىسى" بولۇش ئارزۇسىنى تاللىغان.
رومىئونىڭ كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز بولۇپ، ئوغلىنىڭ بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بېكىھام ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۇنى سېتكا توپ ئويناشنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەرگەن بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن رومىئو چېنىقىپ مۇسكۇللىرى چىقىپلا قالماي، ئۇ يەنە سېتكا توپ ئويناشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.
ئۇنىڭ Instagram تورىنى شۇنداق ئاختۇرساقلا، ئۇنىڭ ئادەتتە سېتكا توپ مەشىق قىلغان ۋاقتىدىكى سۈرەت ۋە فىلىملىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
ئەسلىدىنلا توردا نامى كىچىك بولمىغان رومىئو، سېتكا توپ چولپىنى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشكەندىن كىيىن، خىجىلچان كىچىك مەستانىگە ئايلىنىپ قالدى.
بۇ بەلكىم سىزدىن چىرايلىق ھەم قاملاشقان، سىزدىن بەك پۇلدار، ئوخشاشلا سىزدىن بەك تىرىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تىپىكى بولسا كىرەك.