ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كەچلىك تاماق سىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ۋە ھاياتلىق ئۆمرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇنلىغان كىسەللىكلەرنىڭ شەكىللىنش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى--ناچار بولغان كەچلىك تاماق ئادىتى بولۇپ، سىز ھەرگىز كەچلىك تاماقنى خالىغانچە يىسەكمۇ ھېچۋەقەسى يوق دەپ ئويلاپ قالماڭ؛ كەچلىك تاماقنى "خاتا" يەپ ئادەتلەنسىڭىز، نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىزنى ئىزدەپ كىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، ساغلام بولمىغان كەچلىك تاماقنىڭ بەدەنگە قانداق زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
كەچلىك تاماق ۋە سېمىزلىك
   سىتاستىكا قىلىنىشىچە، %90 سېمىزلىك كەچلىك تاماقنىڭ بەك كۆپ ھەم ياخشى بولۇپ كىتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا كەچتە ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى ۋە ئىنىرگىيە سەرپىياتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قوشۇلۇپ، ئارتۇق ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىلىرى بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ تەسىرىدە زور مىقداردا بىرىكىپ ياغ ھاسىل قىلىدۇ، بۇھالەت ئىزچىل داۋاملىشىۋەرسە سېمىزلىك كىلىپ چىقىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋە دىئابىت
   ئۇزۇن مۇددەت كەچلىك تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ يىگەندە، ھەمىشە ئىنسۇلىننىڭ زور مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاسانلا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ بېسىمىنىڭ ئېشىپ، قېرىشىنىڭ تىزلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق دىئابىت كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە سېمىزلىكمۇ دىئابىتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش
   ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش يۇقىرى مەزگىلى كەچلىك تاماقتىن كىيىنكى 5-4سائەت ئىچىدە بولۇپ، ئەگەر كەچلىك تاماقنىڭ ۋاقتى بەك كىيىن بولۇپ كەتسە، كالتسىي ھەيدەش يۇقىرى مەزگىلى يىتىپ كەلگەندە، ئادەم ئۇيقۇغا كىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك سۈيدۈك تۇتۇش نەيچىسى، دوۋساق، سۈيدۈك يولى قاتارلىق جايلاردا توختاپ قېلىپ، ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلمىگەچكە، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ كالتسىي ماددىلىرى ئاسانلا چۆكمە ھاسىل قىلىپ تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋە قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كىتىش
   كەچلىك تاماققا يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ماي تەركىبلىك، يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك يىمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىنغاندا، بۇ جىگەرنى غىدىقلاپ، جىگەرنىڭ تۆۋەن زىچلىق ۋە ئىنتايىن تۆۋەن زىچلىقتىكى ئاقسىل ئىشلەپ چىقىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ سەۋەپلىك قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كىتىش كىسەللىكى شەكىللىنىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى
   كەچلىك تاماقتا گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر كۆپ ئىستىمال قىلىنسا، بۇنىڭغا ئۇخلىغان ۋاقىتتا قان ئايلىنىشنىڭ ئاستىلاپ كىتىشى قوشۇلۇپ، زور مىقداردىكى قاندىكى ماي تەركىبلىرىنىڭ قان تۇمۇر دىۋارىغا يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك كىچىك تىپتىكى ۋە مىكرو تىپتىكى ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرىنىڭ يېغىلىشىنى پەيدا قىلىپ، سىرتقى قىسىم قان تۇمۇرلىرىنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، قان بېسىمنىڭ تۇيۇقسىز تىز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بەدەندىكى كىچىك تىپتىكى ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرىنىڭ قېتىشىش جەريانىنى تىزلىتىۋىتىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرى
    كەچلىك تاماقنىڭ يۇقىرى ياغ مىقدارلىق ۋە يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك كىلىشى، خولىستىرىننىڭ ئېشىپ كىتىشى ۋە ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرى دىۋارىدا يېغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، ئارتىرىيە قېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان چوڭ بىر سەۋەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئارتىرىيە قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر چوڭ سەۋەپ كالتسىي ماددىلىرىنىڭ قان تۇمۇر دىۋارىغا يېغىلىپ قېلىشى بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك كەچلىك تاماقنىڭ مول، مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى، كىچىكىپ ۋە زىيادە تويۇنۇپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممسسى يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋە جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش
   ئەگەر كەچلىك تاماق زىيادە تويۇنۇپ ئىستىمال قىلىنسا ياكى بەك ياخشى بولۇپ كەتسە، قان شىكىرى ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ياغلارنىڭ بىرىكىشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچلىك تاماقتىن كىيىن ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ياغلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىزلىتىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋە جىددى خارەكتىرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى
    كەچلىك تاماق بەك كۆپ ھەم مولچىلىق بولۇپ كەتسە ھەمدە بۇنىڭغا ھاراق ئىچىش قوشۇلسا، ئاسانلا جىددى خارەكتىرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، ئەگەر ياللۇغ قوزغىلىش ئېغىرراق بولۇپ قالسا، كىسەل قوزغالغۇچىنىڭ ھەتتا ئۇيقۇ ئىچىدە تۇيۇقسىز شوك بولۇپ قېلىشى ياكى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号