ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوغۇللار قىزلارنى قوغلاشقاندا، قىزلار قانداق ھىسياتتا بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   "قوغلىشىش" دىگەن بۇ سۆزنىڭ، شىيلامچى ۋە ياغلىما گەپلەرگە ئۇستا دىگەنلەر بىلەن ئازراق باغلىنىشلىقى بار بولۇپ، ئادەتتە يۇۋاشراق كەلگەن ئوغۇللار قىزلارنى قوغلىشىشنى بەك بىلىپ كەتمەيدۇ.
   قوغلىشىش، ئوغۇل-قىزلار مۇھەببىتىدىكى ھىسياتىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، بىۋاستە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتىن يىنىكرەك بولىدۇ. ئەمما ئوغۇللار سىزنى قوغلاشقان بىلەن، سىزگە "سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى سۆيىمەن" دەپ، سىزگە ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىنى ئىپادىلىمىسە، ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان بولۇشى ناتايىن؛بۇ بەلكىم ئۇنىڭدا سىزگە قارىتا قىزىقىش ۋە ياخشى تەسىرات بار بولىشىنىڭ، پەقەت سىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇنداق قوغلىشىش قىزلارنى ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ دىگەن خاتا ھىسياتقا ئەكىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمىلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ سىزنى قوغلىشىشى ناتايىن؛ چۈنكى ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا خاتا گەپ قىلىپ قويۇش ياكى خاتا ئىش قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ھەر ئىشتا زىيادە ئىھتىيات قىلىدۇ، بۇ سەۋەپلىك ئالدىڭىزدا بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئىتى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۈرىدىغانلارنىڭ سىزنى كۆرسە يۈرىكى سېلىپ دۆپۈلدەپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ سىزنى قوغلىشىشقا ئۇرۇنىدىغان جاسارىتى بولمايدۇ.
    ئۇنداقتا ئوغۇللار قىزلارنى قوغلاشسا، قىزلار قانداق ھىس-تۇيغۇسىدا بولىدۇ؟ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
قىزلار قىزىقمايدىغان ئوغۇللار ئۇلارنى قوغلاشقان ۋاقىتتا
   قىزلار ئۆزى قىزىقمايدىغان بىر ئوغۇل ئۆزىنى قوغلاشقان ۋاقىتتا، قىزلار بۇنى بىر قېتىملىق مەشىق دەپ بىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بۇ ئوغۇل بالىغا قارىتا ھېچقانداق ھىسيات جەھەتتىكى قىزىقىشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۆچمۇ كۆرمەيدۇ، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ قوغلىشىشى قىز بالىغا نىسبەتەن كۆڭۈل ئېچىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ؛ قىزلار بۇ خىلدىكى ئوغۇللارنىڭ قوغلىشىشىنى ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش بىلىش دەپ بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا ئەستايىدىل قارىمايدۇ ھەم ئەزەلدىن ئەستايىدىل قاراشىنى ئويلىشىپمۇ باقمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئوغۇللار ئۇلارنى قوغلاشقاندا، ئۇلار ئوغۇللارنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، بەزىدە ئوغۇللاردىن بەزىبىر قوغلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ بۇنىڭدا كىيىنچە ئۇلار بىرەر ئوغۇلنى قوغلاشماقچى بولسا، ئىشلىتىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ئويلىشىدۇ. قىزلار بۇ خىلدىكى ئوغۇللارنىڭ قوغلىشىشىغا قارىتا بەك قارشىلىق كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئەستايىدىل مۇئامىلىمۇ قىلمايدۇ.
قىزلار ئۆچ كۆرىدىغان ئوغۇللار ئۇلارنى قوغلاشقان ۋاقىتتا
    قىزلار ئۆچ كۆرىدىغان ئوغۇللار ئۇلارنى قوغلاشقان ۋاقىتتا، قىزلار ناھايىتى ئېغىر روھى بېسىم ھىس قىلىدۇ، ھەمدە بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ. ئەگەر توردا قوغلىشىشقا دۇچ كەلسە، ئۇلار بەلكىم بەزىبىر ئىچى پۇشقان، ياكى ئوغۇللارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا "گەپ توغرا كەلمىدى" دىگەننى بىلدۈرىدىغان چىراي ئىپادىلىرىنى ئەۋەرتىپ، سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنى توختىتىشىڭىز ھەققىدە بىشارەت بىرىشى مۇمكىن.
    ئەگەر يۈز تۇرانە قوغلىشىشقا ئۇچرىسا، ئۇلار بەلكىم ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۇلارنىڭ يېنىدىن كىتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۆچ كۈرىدىغان ئوغۇللارنىڭ قوغلىشىشغا قارىتا قىلچىلىك قىزىقىش بولمايدۇ، ھەتتا بەلكىم قارشىلىق تۇيغۇسىغا كىلىشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر ئوغۇللار ئۆزىنى بىلىپ، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىسا، قىزلار بىر باھانە-سەۋەپلەرنى تېپىپ يېراق كىتىشى مۇمكىن؛ ئەگەر يەنە چاپلىشىپ، مەجبۇرلاش خارەكتىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويسا، ئۇ قارشى تەرەپنى ئەسلىدىلا ياخشى كۆرمەيدىغان بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ چاپلىشىۋىلىشى، قىزلارنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قىزلار ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار ئۇلارنى قوغلاشقان ۋاقىتتا
    قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن جىددىلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇنداق ئوغۇللار ئۇلارنى قوغلاشسا، قىزلار بەلكىم ئېغىزىدا ناھايىتى تەبىئىلىكنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەدىنى كۆڭلىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا سىزگە باش كۆتۈرۈپ قارىيالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار سىزگە باش كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىشى مۇمكىن.
   قىزبالا ياخشى كۆرىدىغان ئۇغۇل بالا، ئەسلىدىنلا ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىدە ھەممە يىرى ئارتۇقچىلىققا تولغان كىلىدىغان بولۇپ، سىز ئۇلارنى قوغلاشقاندىن كىيىن، ئۇلار تېخىمۇ شىرىنلىككە چۆكۈپ كىتىدۇ ھەمدە سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى يۇرۇق نوقتىلىرىڭىز تېخىمۇ نۇرلۇق بولۇپ كىتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ كۆڭلىدە سىزنىڭ باشقا قىزلارغىمۇ مۇشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ باشقا قىزلارغىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىڭىزنى كۆرسە، ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号