ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مىچىلىن دەرىجىلىك ئاي توقىچى تۈرۈملىرى تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تاۋۇز چاغىنى كەلمەي تۇرۇپلا ھەرخىل تۈردىكى ئاي توقاچلىرى بازارنى قاپلاپ كەتتى. چىرايلىق لاھىيىلەنگەن سىرتقى ئورالمىسى، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ تەملىرى، مەن بۇخىل ھالەتلەرنى كۆرگەن بولساممۇ، قەلبىمدە ھېچقانداق ھاياجانلىق ھىس قىلالمىدىم.
   بىز شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئەنئەنىۋى بايرام ۋە ئالاھىدە بىكىتىلىپ قالغان بايراملىق ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەرگە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويدى؛ ئەگەر ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىمىز دەيدىكەنمىز، يەنىلا ئۇلارنىڭ قورسىقىغا كۈچ سەرپ قىلماي بولمايدۇ!
   ئاي توقاچنى ھەممىمىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ يەپ كەلگەن تۇرساق، ئۇنىڭدا قانداقمۇ يىڭىلىق بولسۇن؟ بۇ گەپنى قىلغىنىڭىز سىزنىڭ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋرىڭىز يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە نۇرغۇنلىغان يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئاي توقاچ داڭلىق ماركىلىرى، ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز مىچىلىن دەرىجىسىگە يەتكەن، ئاي توقاچتىن تەييارلانغان ئىجادىي تۈرۈملەرنى سىزگە مەخسۇس تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى!
لىيۇلى(琉璃) تۈرۈمى
   ھازىر تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئىجابى تۈرۈمنىڭ ئىلھامى رۇڭ چىڭ ماركىسىدىكى ئاي توقاچتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئاي توقاچنىڭ سىرتقى كۈرنىشى سۈزۈك ئەينەككە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت تېىنىكىسىدىكى سۈزۈك ساپال خىشقا ئوخشاپ كىتىدۇ؛ شۇڭلاشقا بىزمۇ بۇ خىل تۈرۈمنى لىيۇلى ئاي توقاچ تۈرۈمى دەپ ئاتىۋالدۇق.
كىتەرلىك ماتىريال:
    رۇڭچىڭ ماڭگو مۇزسىمان جىلتىلىق ئاي توقىچى، ماڭگو، راك، كۇررى(咖喱)
تەييارلاش ئۇسۇلى:
    1. 70گىرادوسلۇق تۆۋەن تىمپىراتۇرىدا راكنى 4 مىنۇت پىشۇرۋالىمىز؛ پىشقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئاق جىياڭيۇ سۈرۈپ، كۆك لىمون پوستى چاچىمىز.
    2. تەخسىگە بىر قەۋەت كۇررى قىيامى سۈرۈپ، ئۈستىگە ئۆزىمىز تەييارلىغان تۇخۇم سېرىقى قىيامىنى قوشىمىز.
    3. ماڭگونى مەخسۇس قورالدىن پايدىلىنىپ شارسىمان ھالەتكە ئەكىلىپ، ئۈستىگە كۆك لىمون پوستى چاچىمىز.
    4. رۇڭچىڭ ماڭگو مۇزسىمان جىلىتلىق ئاي توقاچنىڭ جىلىتى بىلەن قىيمىسىنى ئايرىپ، تەخسىگە ئايرىم-ئايرىم كەلتۈرۈپ تىزىپ چىقساق، بۈگۈنكى لىيۇلى ئۇسلۇبىدىكى ئاي توقاچ تۈرۈمى تەييار بولغان بولىدۇ.

مەنزىرە سۈرىتى بېسىلغان ئاي توقاچ تۈرۈمى
    دۆلىتىمىزنىڭ بەزى نوقتىلىق ساياھەت رايونلىرىغا جايلاشقان ئاي توقاچ ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇتلار، ئاي توقاچ جىلتىسىغا ئۆزى تەۋە جايدىكى گۈزەل مەنزىرلەرنى سۈرىتىنى ئويۇپ چىقارغان بولۇپ، ھازىر تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، دەل بۇ خىلدىكى ئاي توقىچىدىن تەييارلىنىدىغان تۈرۈمدۇر.
كىتەرلىك ماتىريال:
   جىشى تورتى(芝士蛋糕)، مالىنا قىيامى(树莓酱)، ياۋرۇپا كەرەپشىسى(西芹)
تەييارلاش ئۇسۇلى:
   1. جىشى پىشلىقىدا جىشى تورتى پىشۇرغاندىن كىيىن، ئۈستىگە مالىنا قىيامى سۈرۈيمىز.
   2. جى ۋېيگۈەن ئاي توقىچىنى پارچە قىلىپ كىسىپ (مۇكەممەل بولغان مەنزىرە سۈرىتىنى ساقلاپ قالىمىز)، جىشى تورتىنىڭ ئۈستىگە قويىمىز.
   3. ئوخشىمىغان شەكىلدە توغرالغان ياۋرۇپا كەرەپشىسى پارچىسى ۋە ئالما شارچىسى تەييار قىلىپ،  ئاق قارىغاي يىلىمى قىيامى ئۈستىگە زىننەت كەلتۈرۈپ تىزىمىز.

ئاي سەيلىسى تۈرۈمى
   بۈگۈنگە قەدەر، 245 يىللىق تارىخقا ئىگە داۋ شىياڭ سۈن ئاي توقىچى تەمى ئىسىل كەلگەن داڭلىق ماركا بولۇپ، ئۇلار بۇيىل ئورالمىسى بىلەن ھازىرقى زامان قارا تېخنىىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، سوۋغاتلىق قاپ ئىچىدە ھەدىيە قىلغان لەيلەپ تۇرغان ئاي چىراق، داۋ شىياڭ سۈننىڭ خىرىدارلارغا ھەدىيە قىلغان چۈشىدۇر. ھازىر تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تۈرۈمنىڭ ئىلھامى دەل مۇشۇ "چۈشنى" تائام تەخسىسىگە يۆتكەشتىن كەلگەن.
كىتەرلىك ماتىريال:
   كوكۇس تالقىنى(椰蓉)، ئاق شاكىلات، ئىكرا قىيامى(鱼子酱)
تەييارلاش ئۇسۇلى:
   1. ئالدى بىلەن كوكۇس سىلىۋېنويىسىنى (椰子慕斯) تەخسىگە سالىمىز.
   2. كەينىدىن ئاق شاكىلات شارچىسى بىلەن ئىكرا قىيامىنى سېلىپ، ئاخىرىدا ئوخشىمىغان رەڭدىكى گۈللەر بىلەن زىننەتلىسەك ئىش پۈتىدۇ.
 
چىيۇڭ لوۋ راۋىقى تۈرۈمى
    بۇ تۈرۈمنىڭ ئىلھامى فىرانسىيە كىلاسسىك تائامى—گىلاس قىيامىغا چىلانغان غاز جىگىرى تائامىدىن كەلگەن بولۇپ، جۇڭگۇچە ۋە غەرپچە ئۇسلۇپ بىرلەشتۈرۈلگەن تۈرۈم ھىسابلىنىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
    غاز جىگىرى، ماۋتەي ھارىقىغا چىلانغان گىلاس، بەش خىل قىيمىلىق پېچىنە
تەييارلاش ئۇسۇلى:
    1. ئاۋال ماۋتەي ھارىقى ۋە شىكەر سۈيىگە چىلانغان گىلاسنى ئوتتۇردىن پارچىلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىپ تاشلايمىز.
    2. كەينىدىن گىلاسنى كاۋپقا ئوخشاش زىخقا ئۆتكۈزۈپ، كۆيۈۋاتقان ماۋتەي ھارىقىغا چىلايمىز.
    3. غاز جىگىرىنى ئۈستىدە سىزىقچىلار پەيدا بولغۇچە، ئوتقا ئازراق ۋاقىت قاقلايمىز؛ كەينىدىن 50 گىرادوسلۇق تۆۋەن ئوتتا 20 مىنۇت قويۇپ پىشۇرغاندىن كىيىن ئۈستىگە تۇز ۋە قارىمۇچ سېپىمىز.
    4. ئاخىرىدا بولكىنىڭ چۈرۈك تىرىسى ۋە بەش خىل قاتتىق پوستلىق مىۋىنى تەخسىگە تىزساق، بۈگۈنكى چىيۇڭ لوۋ راۋىقى تۈرۈمى تەييار بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号