ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىشەنچىڭىز بىلەن قەيسەرلىكىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئىككى بىتەلەي چۈمۈلە ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئەينەك ئستاكاننىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ؛ ئۇلار ھۇدۇققىنىچە ئىستاكاننىڭ تىگىدە ئۇياق بۇياققا ئۈسۈپ، چىقىپ كەتكىلى بولىدىغان بىرەر يېرىقچىنى ئىزدەپتۇ. ئەپسۇس، بىر ئازدىن كىيىن ئۇلار ئىستاكاننىڭ تىگىدە چىقىپ كەتكىلى بولغۇدەك يېرىقچە يوقلۇقىنى بايقاپتۇ.
    ئۇلار ئىستاكاننىڭ تىگىدىن چىقىپ كىتەلمىگەندىن كىيىن، ئىستاكاننىڭ دىۋارىنى بويلاپ يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلاپتۇ؛ بۇ ھازىر ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە ۋە ھاياتلىققا تۇتىشىدىغان بىردىنبىر يول بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما ئەينەك ئىستاكاننىڭ ئىچ دىۋارى بەك سىلىق بولغاچقا، ئۇلار ئىككى قەدەم يامىشىپ بولغۇچە تېيىلىپ چۈشۈپ كىتىپتۇ. ئۇلار يېقىلىپ ئاغرىغان بەدىنىنى سىيلىغاچ داۋاملىق يامىشىشقا باشلاپتۇ، ئەمما ناھايىتى تىزلا يەنە تېيىلىپ، ئىستاكان تىگىگە يېقىلىپ چۈشۈپتۇ.
    ئۈچ قېتىم، تۆت قېتىم، بەش قېتىم... بىر قېتىم ئۇلار يامىشىپ ئىستاكان ئېغىزىغا يىتەي دەپ قالغاندا، ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەمدە يەنە مەغلۇپ بولۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ئالدىنقى ھەر قېتىمغا قارىغاندا قاتتىقراق يېقىلىپتۇ.
    ئۇلار بىر ھازادىن كىيىن ئىسىگە كىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر چۈمۈلە يەنە بىرسىگە دەپتۇ: "بىز ئەمدى قايتا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمايلى؛ بولمىغاندا ئەمدى يېقىلىپ كەتسەك كۈكۈم-تالقان بولۇپ كىتىدىغان ئوخشايمىز".
   ئەمما يەنە بىر چۈمۈلە، "بايام بىز غەلبە قازىنىشقا بىر قەدەملا قالغان ئەمەسمىدۇق" دەپ جاۋاپ بەرگەچ داۋاملىق يامىشىشقا باشلاپتۇ. نۇرغۇن قېتىملىغان يامىشىش ۋە تېيىلىپ يېقىلىشلاردىن كىيىن، بۇ چۈمۈلە ئاخىرى ئىستاكان ئېغىزىغا يىتىپتۇ؛ ئۇ جىسمىدا ساقلىنىپ قالغان ئاخىرقى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىستاكان ئېغىزىنىڭ گىرۋىكىگە چىقىۋىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھتىد سالغان بۇ توسۇقتىن ئاخىرى ئۆتۈپ كىتىپتۇ.
    ئەينەك ئىچىدىكى چۈمۈلە سىرتتىكى چۈمۈلىگە قاراپ ھەم زوقلىنىپ ھەم ھەسەت قىلىپ سوراپتۇ: "تىزدىن ماڭا ئېيتىپ بەر، سىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭدىكى مەخپىيەتلىك زادى نىمە؟".
   ئىستاكان سىرتىدىكى چۈمۈلە بولسا مۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ: "مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا ئاز قالغاندا بەلكىم ئەڭ قىيىن بولۇشى مۇمكىن، مۇبادا كىمكى بۇ ۋاقىتتا قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بىرىپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويمىسا، ئۇ ئاخىرىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن."

ئاخىردا مۇنۇ ئۈچ كەلىمە سۆز سىزگە يار بولسۇن!
     1. زىممىڭىزدىكى مەسئۇلىيەت سىزنىڭ يۆنىلىشىڭىز، ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرىڭىز سىزنىڭ بايلىقىڭىز، خارەكتىرىڭىز بولسا سىزنىڭ تەقدىرىڭىزدۇر.
    2. مۇرەككەپ ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ قىلسىڭىز، سىز مۇتەخەسسىس بولىسىز؛ ئاددى ئىشنى قايتا-قايتا قىلسىڭىز سىز كەسىپ ئەھلى بولىسىز؛ ئۆزلۈكسىز قايتىلىنىدىغان ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلسىڭىز، سىز ئاخىرقى يىڭىپ چىققۇچىغا ئايلىنىسىز.
    3. گۈزەللىك ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ؛ پۇرسەت ئېچىش روھى بار ھەم ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ؛ مۆجىزە قەيسەرلىك بىلەن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ! ئەگەر ئۆزىڭىز قىلىشنى خالىمىسىڭىز، سىزگە باھانە-سەۋەپ كەم بولمايدۇ؛ ئەگەر ئۆزىڭىز قىلىشنى خالىسىڭىز، سىزگە چارە-ئامال كەم بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号