بۇ خىلدىكى ئەرلەرگە ياتلىق بولسىڭىز، جېنىڭىزغا ۋاي!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاياللارنىڭ ياتلىق بولۇشىدىكى مەقسىتى ئىللىق بىر ئۇۋىسى بار بولۇش ھەمدە ئۆزىنىڭ قايتىشىنى كۈتۈۋاتقان بىر ئادەم بار بولۇشتۇر. ئەمما دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، ھەرقانچە مۇنەۋۋەر ئەرلەرنىڭمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر كەمچىلىكلىرى بار. ئاياللار ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ھەمراھىنى خاتا تاللاپ سالغانلىقىنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە بالىسىنى ئويلىشىپ، ئاجرىشىشنى ئويلاشمايدۇ، دىمەك ئۇلارنىڭ قايتا تاللاشقا ئامالى بولمايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئادەتتە ئاياللار ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ياخشى ئويلىنىشى، ھاياتلىقتىكى جۈپتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىمىقى لازىمدۇر. ئۇنداقتا قانداق خىلدىكى ئەرلەر ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئاياللارنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ؟
1. نەزىرى ئۈستۈن، ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان ئەرلەر
ئەرلەر بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن، جۈملىدىن ئايالى ئۈچۈن بوران-چاپقۇنلارغا دالدا بولۇشى كىرەك. ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى تۆۋەن بولسۇن بۇنىڭ ھېچۋەقەسى يوق، ئۇلار پەقەت ئالغا ئىنتىلىش روھى بار بولسىلا، ئايالىغا ئۈمىد بېغىشلىيالايدۇ. ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئەرلەرنىڭ توغرا يولدا ماڭماسلىقى بولۇپ، قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتىدۇ، سودا قىلىمەن دەپ بار-يوقنىڭ ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ خوتۇن بالىلىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ جاپا-مۇشەققەتكە قالىدۇ؛ گەرچە ئاياللار يارامسىز ئەرلەرگە قارىتا قاتتىق ئۈمىدسىزلەنسىمۇ، ئەمما ئاجرىشىشنى ئويلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمەيدۇ. ئەگەر ئەر كىشى توغرا يولدا ماڭماي، بىرمۇنچە ۋاقىت بىكارغا ئاۋارە بولغاندىن كىيىنمۇ يەنە ساۋاقنى قوبۇل قىلماي يەنىلا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ھەمىشە ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرسە، بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۈمىدى پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىشى ئىگىلىكى جەھەتتە قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، توغرا يول تۇتىدىغان ھەمدە تىرىشچان بولۇشى كىرەك؛ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى بولغان ماددى شارائىت بىرەلمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشى كىرەك.
2. پاكىزلىقنى ياخشى كۆرمەيدىغان، قىمارغا خۇمار ئەرلەر
ئاياللارنىڭ ھەممىسى پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، غەيرى پۇراققا سەزگۈر كىلىدۇ. مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدىكى ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئادەتتە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى–بەشرىسىنى يۇشۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئالدىغا چىرايلىق كىيىنىپ، ئەتىرلەرنى چېچىپ كىلىدۇ. ئەمما بەزى ئەرلەر تويدىن كىيىنكى قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىغا ئەگىشىپ، بەزىبىر ناچار ئادەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا باشلايدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئادەتتىكى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش ياكى قوبۇل قىلىشقا تىرىششى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈۋەتسىمۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ قىمار خۇمارى ۋە يۇيۇنمايدىغان، پۇتىنى يۇيمايلا كارۋاتقا چىقىدىغان قاتارلىق ئادەتلىرىنى قەتئى قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر توي قىلغاندىن كىيىن، ئۆزىدە توغرا-خاتالىق قارىشى ۋە ئائىلە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈپ، ئايالىنىڭ پۇراق سىزىم تۇيغۇسىنى ئىتىبارغا ئېلىپ قويۇشى كىرەك.
3. ئويۇنغا ئامراق كىلىدىغان ئەرلەر
ئەرلەر جەمئىيەتتە يۈرۈش جەريانىدا دوستلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ سەۋەپلىك مىھماندارچىلىق قاتارلىقلاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولمايدۇ، بۇ ئاسانلا ئايالىغا ھەمراھ بولۇش بىلەن توقۇنۇش كىلىپ قالىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئويۇنغا ئامراق كىلىشىگە چىداپ بولالمايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئەرلەر تويدىن كىيىنمۇ يەنە بويتاق ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش كىچە-كىچىلەپ ئويۇندىن باش ئالالمىسا، ئاسانلا ئايالىنى نارازى قىلىپ قويىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئويۇنغا ئامراق بولۇشىغا سەل قاراشقا بولمايدىغان بولۇپ، يىنىكلىرى ئەر-خوتۇن جىدەللىشىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئايالىنىڭ يالغۇزلۇق ھىس قىلىش سەۋەبىدىن تالاغا قاراپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئويۇنغان ئامراق ئادىتىنى ئىمكانقەدەر تىزگىنلەپ، دوستلىرىغا ھەمرا بولۇش ۋە ئايالىغا ھەمرا بولۇش ۋاقتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىتەرەپ قىلىشى كىرەك؛ بارسىمۇ بولىدىغان بارمىسىمۇ بولىدىغان مىھماندارچىلىقلارنى ئىمكان قەدەر ئازلىتىپ، مىھماندارچىلىقنىڭ ۋاقىتىنىمۇ ئامالنىڭ بارىچە قىسقا قىلىشى كىرەك، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلىسىدە تۇرمۇش بەختىنىڭ پەيزىنى سۈرۈش لازىم.
4. ئايالىغا قارىتا پىخسىقلىق قىلىدىغان ئەرلەر
ئەرلەر سىرتقا ئاياللار ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش ئىش تەقسىماتى، ئەرلەرنىڭ زىھنىنى يېغىپ ئىگىلىك تىكلەشكە بىرىلىشىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن پايدىلىق كىلىدۇ. ئەمما رىئال تۇرمۇشىمىزدا بەزىبىر ئەرلەر باركى، ئۇلار ئايالىنىڭ ئۆي ئىچىنى باشقۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئائىلىسىنىڭ مالىيە ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتىۋالىدۇ ھەمدە ئايالىنىڭ پۇل خەجلىشىگە قارىتا ناھايىتى پىخسىقلىق قىلىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئۆينىڭ كۆندىلىك چىقىملىرىدىنمۇ كۈندە ھىساب ئالىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايالىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ، ئاسانلا ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئايالىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر، ئىشەنچنىڭ ئەر-خوتۇنلار ئىناق ئۆتۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىشى كىرەك. ئەرلەرنىڭ ھوقۇقنى ئۆزى يالغۇز ئىگىلىۋىلىپ، پۇل جەھەتتە ئايالىغا پىخسىقلىق قىلىشى، ئايالىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپلا قالماي، يەنە ئايالىنىڭ ئىرىنى ياراتمايدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. سورۇن تاللىماي تاماكا چىكىدىغان ئەرلەر
تاماكا چەككە ئادەمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تاماكا ئىسىنى شۈمۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە قانچىلىك چوڭ زىيان ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. گەرچە جەمئىيىتىمىز ھازىر بارغانسىرى مەدەنىيەتلىك بولۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چىكىدىغان ئادەملەر بارغانسىرى ئازلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما "بەڭگىلەر ئەترىتى"نىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن زور. ئادەتتە ئاياللارنىڭ پۇراش سىزىمى ناھايىتى سەزگۈر كىلىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم ئاياللار تاماكا ئىسىدىن بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ. شۇڭا ئەرلەر تاماكا چەككەندە جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق تەرتىپىگە رىئايە قىلغاندىن سىرت، ئۆيىدە خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھىسياتىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇشى كىرەك. بەزى ئەرلەر ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، مىھمانخانىدا تاماكا چىكىپ ئۆينى تۈتۈنگە توشقۇزىۋىتىدۇ، بەزى ئەرلەر بولسا ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كارۋاتتا يېتىپ تاماكا چىكىپ ئايالىنىڭ ھەۋىسىنىمۇ قاچۇرۋىتىدۇ؛ ئەگەر ئاياللار ئىتراز بىلدۈرسە، ئۇلار تېخى ئايالىغا تەنبىھ بىرىپ ئايالىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئەگەر تاماكا خۇمارى تۇتسا، ئىمكان قەدەر تازىلىق ئۆيىدە ياكى بالكوندا ھەل قىلىپ، خوتۇن-بالىلىرىغا ئامال بار ساپ ھاۋال قالدۇرۇشى كىرەك.
6. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈشتە مۇلايىم بولۇشنى بىلمەيدىغان ئەرلەر
ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەۋلاد قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئىچىشنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. بەزى ئەرلەر كارۋاتتا ناھايىتى شەخسىيەتچى كىلىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ فىزىلوگىيىلىك ۋە جىنسى پىسخىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەي، ئۆزىنىڭ ھىسياتى قوزغالغاندا ئايالىنىڭ ھىسيات ئەھۋالى بىلەن كارى بولمايدۇ ھەمدە ئۆزى قانائەت تاپقاندىن كىيىن، بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلايدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، يىنىك بولغاندا ئايالىنىڭ جىنسىيەتكە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ئايالىنىڭ "سىرتقى ياردەم" ئىزدىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر كارۋاتتا ئايالىنىڭمۇ ھىسياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىناق ھەم ماسلىشىشچان بولغان جىنسي تۇرمۇش ئۈستىدە ئىزىدىنىشى ۋە ئۇنىڭىغا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپ جىنسىي تۇرمۇشتىن ئورتاق ھۇزرلىنالايدۇ.