ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىزلار سىزگە تۆۋەندىكىدەك سۆز قايتۇرسا، ئۇنى قايتا قوغلاشمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر  مەزگىللىك مۇھەببەتنى باشلاش  ئاسان  ئەمەس،  ئۇنى  ئۇنتۇپ  كىتىش  تېخىمۇ  قىيىن . شۇڭلاشقا  خالىغانچە  باشلاشقا ۋە  ئاخىرلاشتۇرۇشقىمۇ  بولمايدۇ . بىر  ئوغۇل  بالا قىزلارنى  قوغلىشىۋاتقاندا، ھۆكۈم  قىلىش  ۋە  ئدراكلىق  بۇلۇشنى  ئۈگىنىشى،  بېشىمچىلاپ  چىن  كۆڭلىنى  سەرپ  قىلىپ ،  قارغۇلارچە قوغلاشماسلىقى  لازىم؛  بۇلۇپمۇ  سىز  قىزلار  بىلەن پاراڭلاشقىنىڭىزدا،  ئۇ  سىزگە  تۆۋەندىكى 3 ئېغىز گەپنى  قايتۇرسىلا،  سىز  بالدۇراق  ئەس  -ھۇشىڭىزنى  يېغىپ قايتا  قوغلاشمىسىڭىزمۇ  بۇلىدۇ.
1. " ھە،  ھۇ! "
    دوستلار  ئارا  پاراڭلاشقاندا " ھە "،  " ھۇ  " دىگەن  سۆزلەر  بىلەن قارشى  تەرەپكە  جاۋاب  قايتۇرسىڭىز ھېچ  ۋەقەسى  يوقتەك  ھىس  قىلىنىشى  مۇمكىن؛  چۈنكى  ئىككەيلەن  ناھايىتى  يېقىن تۇنۇشلاردىن بۇلۇشى ياكى  ئۇزۇن گەپلەرنى  قىلىپ  جاۋاب  بىرىش لازىم  بولىدىغان  مۇناسىۋەت  باسقۇچىغا  يەتمىگەن  بۇلۇشى مۇمكىن . لىكىن  ھېسيات  نوقتىسىدىن ئېلىپ  ئېيتقاندا،  " ھە "،  " ھۇ " دىگەن  سۆزلەر  بىر  سىگنال  ھىسابلىنىدۇ .
    سىز  قوغلىشىۋاتقان بىر  قىز  بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقىنىڭىزدا،  ئەگەر سىز  ئەتراپىڭىزدىكى بەزى  قىزىقارلىق  ئىشلارنى  سۆزلەپ  بەرسىڭىز،  بۈگۈنكى  پىلان  ۋە  قىلىدىغان  ئىشلىرىڭىزنى  سۆزلەپ بەرسىڭىز ياكى  ئۇنىڭغا يېقىندىكى  ياخشى  فىلىملەرنى  تۇنۇشتۇرسىڭىز …؛  سىز  بىرمۇنچە  گەپلەرنى  قىلىپ خوشاللىقلىرىڭىزدىن  بىرگە  بەھىرلەنمەكچى بولغىنىڭىزدا ، ئۇ بەش بارماق بىلەن سانىغىلى بولغۇدەك   ناھايىتى  نەچچە ئېغىزلا جاۋاب  قايتۇرسا،  بۇ  جاۋابلارنىڭ  ئىچىدە " ھە "، " ھۇ " سۆزىنىڭ  چىقىش  نىسبىتى  يۇقىرى  بولغان  بولسا،  بۇ ۋاقىتتا سىز  ئۆزىڭىزگە  ئەسكەرتىش  بىرىشىڭىز  كىرەك ، چۈنكى  قارشى  تەرەپنىڭ  سىزگە  ھېچقانداق  قىزىقىشى  يوق  بۇلۇش  ئىھتېماللىقى  ئىنتايىن  يۇقىرى؛  ئۇ  پەقەت  ئەدەپ  يۈزىسىدىنلا  سىزگە  ئاددىلا جاۋاپ  قايتۇرۋاتقىنى  بۇلۇپ ،  ئۇنى  داۋاملىق  قوغلىشىشتىن  ۋاز  كىچىشنى  ئويلاشسىڭىز  بۇلىدۇ .
2.  " مەن  ھازىر  ئالدىراش "
    بۈگۈنكى  بۇ  تۇرمۇش  رېتىمى  تىز  بولغان مەزگىلدە،  " مەن  ئالدىراش  " دىگەن سۆز،  ئەر ئاياللار ھېسياتىدىكى بىر  توسۇق  بۇلۇپ قالدى . " مەن  ئالدىراش " دىگەن  بۇ  سۆزنى  ئىشلىتىپلا،  قارشى  تەرەپنىڭ سىز  بىلەن  بەھىرلىنىش  قىزغىنلىغى،  قارشى  تەرەپنىڭ  سىزگە  كۈيۈنىشى  ۋە  سىزدىن  ھال  ئەھۋال  سورىشىنى بۇزۇپ  تاشلايسىز،  بۇنىڭ  بىلەن  بىرگە  ئىككى تەرەپنىڭ  ھىسياتىغا چوڭقۇر  دەز  پەيدا  قىلىدۇ .
    سىز  قوغلىشىۋاتقان  بىر  قىز  بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقىنىڭىزدا،  سىز  ئۇنى  تاماق  يىيىشكە ياكى  كىنو  كۈرۈشكە تەكلىپ  قىلسىڭىز،  ھەر  قېتىم  ئۇنىڭ  بوش  ۋاقتىنى  پايلاپ  تۇرۇپ تەكلىپ  قىلسىڭىزمۇ،  ئۇ  ئۆزىنى  ئالدىراش  دەپ تەكلىپىڭىزنى رەت  قىلسا، ئەمىلىيەتتە بۇ  ئۇنىڭ سىزنى  ياخشى  كۆرمەيدىغانلىغىنى،  " مەن ئالدىراش " بولسا ئۇنىڭ  بىر  باھانىسى بۇلۇپ ،  ئاستا ئاستا سىزنىڭ  سەۋر  قاچىڭىزنى توشقۇزماقچى بولغانلىغىنى  بىلدۈرىدۇ؛  بۇۋاقىتتا  قارشى  تەرەپنىڭ كۆڭلى يوق  بولغاندىكىن،  سىز  ھىسياتىڭىزنى ئىسراپ  قىلماي،  نەتىجىسى چىقمايدىغان بۇ  قوغلىشىشىتىن ۋاز  كەچسىڭىز  بۇلىدۇ .
    گەرچە  مۇھەببەت  جەريانىدا ھەممە  تۆلىگەن  بەدىلىڭىز  ئۈچۈن جاۋاب  كۈتۈش  كەتمىسىمۇ، لىكىن بىكارغا  بەدەل  تۆلەپ  ئولتۇرۇشىڭىزمۇ  بىھاجەت؛  ئاياللارنىڭ  بۇنداق  پوزىتسىيىسىگە  قارىتا،  مۇۋاپىق  ھالدا  ۋاز  كىچىش  ئۆزىگە  بولغان  مۇھەببەت  ھىسابلىنىدۇ .
3.  " شۇنداقمۇ؟ "
    پاراڭلىشىش،  گەرچە بىرخىل  ۋاستىلىق چۈشىنىش شەكلى بولسىمۇ،  لىكىن  ئوتتۇرلىقتىكى گەپ  سۆزلەردىن قارشى  تەرەپنىڭ  پوزىتسىيىسى  ۋە ھەقىقى  كۆڭلىنى  چۈشىنىۋىلىشقا  بۇلىدۇ . " شۇنداقمۇ " دىگەن  بۇ  سۆزنىڭ گەرچە  باشقا  ئالاھىدە  مەنىسى  ۋە  ھىسيات تۈسىنى  ئالغان  تەرەپلىرى  بولمىسىمۇ، لىكىن  ھېچقانداق  ئالاھىدە  مەنىسى  بولمىغانلىقتىن بۇ  خىل  پاراڭلىشىش ناھايىتى  ئەھمىيەتسىز شۇنداقلا  ئوڭايسىزلىققا  تولغان بۇلىدۇ .
    سىز  ياخشى كۆرىدىغان بىر  ئايال  بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقىنىڭىزدا،  سىزنىڭ  نىمە  دىيىشىڭىزدىن  قەتئى  نەزەر،  ئۇ  پەقەت  بىر  ئېغىز " شۇنداقمۇ " دەپلا  جاۋاب  قىلسا، گەرچە  ئۇ  سىزنىڭ داۋاملىق  سۆزلىشىڭىزگە بىشارەت  بەرگەندەك  قىلغىنى  بىلەن،  ئەمىلىيەتتە سىزگە  ئانچە  بەك خوشى  يوقلۇغىنى،  ئۆزىنىڭ  خارەكتىرى ياكى  باشقا  سەۋەبلەر تۈپەيلى بىۋاستە  رەت  قىلالمىغىنىنى  بىلدۈرۈدۇ؛ ئەگەر  ئۇنىڭمۇ  سىزگە  كۆڭلى  بولسا،  ئۇمۇ  سىزگە  يېقىنقى  ئەھۋالى  ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ  سىزنىڭ  ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت  قىلىدۇ،  ھەرگىز ئاددىلا  شۇنداقمۇ  دەپ  بولدى  قىلمايدۇ .
   ئەمىلىيەتتە،  سىزگە  كۆڭلى  بار  ئايال  كىشىنىڭ مەيلى  قانداق ئىش  ھەركەتتە  بولمىسۇن،  سىزگە  بولغان  مۇھەببىتى  گەۋدىلىنىپ  تۇرىدۇ، ھەرگىز  سىزگە  سۇغۇق مۇئامىلە  قىلمايدۇ .

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号