ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنىڭ ئۈندىدار باش سۈرىتىدىن خارەكتىرىنى بىلىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارنىڭ ئۈندىداردىكى باش سۈرىتىدىن ئۇلارنىڭ خارەكتىر-مىجەزىنى ھەم قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىۋىلىشقا بولىدۇ؛ توغرا چىقامدۇ يوق سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ!
ھېچقانداق كۆڭۈل قويمايلا خالىغانچە تاللىغان تۇرمۇش رەسىمىنى باش سۈرىتى قىلىش
   بۇنداق ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قۇبۇل قىلىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قارىتامۇ بىرقەدەر ئىشەنچىسى بار؛ ئۇلار گەرچە چوقۇم چىرايلىق بولۇپ كىتىشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى قۇبۇل قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەخپىيەتلىك بەك كۆپ بولمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەتتە كىشىگە كۆرسەتكىلى بولمايدىغان ئىشلىرىمۇ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ تور دۇنياسى ۋە رىئال دۇنيادىكى ھالىتىدە كۆپ پەرق بولمايدۇ.
گۇاھنامە سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇ خىلدىكى ئاياللار ناھايىتى قائىدىلىك ھەم تەرتىپلىك كىلىدىغان بولۇپ، قائىدە-تەرتىپنىڭ بىرقەدەم سىرتىغا چىقمايدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا، قەلبىدە ناھايىتى چۈشكۈن كىلىدۇ.
ئۆزىنىڭ تەھرىرلەنگەن، تۈزەشتۈرۈلگەن، سەنئەتلىك ياكى ئوماقلىقنى دورىغان سۈرەتلىرى قاتارلىقلارنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇ خىلدىكى ئاياللاردا كۆپىنچە نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش ئىدىيىسى بار بولىدۇ، يەنى ئۆزىنى قاتتىق چوڭ كۆرىدىغان كىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان سىرتقى قىياپەت ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھەقىقىي تۈردىكى ئۆزىنى تازا تۇلۇق قۇبۇل قىلىپ كىتەلمەيدۇ.
يېراقتىكى كىچىك كەلگەن ئادەم سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇنداقلار خۇسۇسىي مەخپىيەتلىككە ئەھمىيەت بىرىدىغان، خىجىلچان، ئېھتىيات قىلىش پىسخىكىسى نىسبەتەن كۈچلۈك، ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئاسانلىقچە يېقىن كەلمەيدىغان كىلىدۇ.
قىسمەن چىرايىنىڭ ئالاھىدە كۈرنىشىنى باش سۈرىتى قىلىش
    ئۆز مەن تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇ خىلدىكى ئاياللار ئەمىلىيەتتە باشقىلارنىڭ تونۇۋىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ياسالما سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ ئىستىكىنى يۆگىمەكچى بولغانلىقىدۇر.
بالىلىق ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇ خىلدىكى ئاياللار ھەمىشە ئۆتمۈشتىكى شەيئىلەر ھازىرقىدىن گۈزەل دەپ قارايدۇ، ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ئاسانلىقچە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمايدۇ.
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
    ئۆز مەن ئىدىيىسى ناھايىتى ئاجىز، يۆلىنىۋىلىش ئىدىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك؛ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا چوڭ بولماسلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ، قوغداشقا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئوغۇل دوستى(ئىرى)نىڭ سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇنداق ئاياللار ھازىر شىرىن ھەمدە بېشىنى ئايلاندۇرۋەتكۈدەك قىزغىن مۇھەببەت ئىچىدە تۇرغان بولىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ ھازىرقى مۇھەببىتىگە ئۆزىنى تارتىۋىلالمىغۇدەك، ئۆزىنى يوقىتىپ قويغۇدەك دەرىجىدە بىرىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
قىزىنىڭ سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
   ئەگەر كىچىك بوۋاقلارنىڭ سۈرىتى بولسا، بۇ كۆپىنچە يىڭى ئانا بولغان ۋاقىتتىكى، قەلبىدىكى بەخىت ۋە خوشاللىق تۇيغۇسىنى بېسىۋالالمىغانلىقىدىن بولىدۇ؛ ئەگەر 8-7ياشلارغا كىرىپ قالغان بالىلار بولسا، بۇ ئادەتتە ئۇلارنىڭ بالىسىنى كىشىلىك ھاياتىدىكى بىردىنبىر مۇۋەپپىقىيىتى ۋە يۆلەنچۈكى دەپ قارىغانلىقتىن بولىدۇ.
قاملاشقان قىز ئوغۇللارنىڭ سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇنداق ئاياللارنىڭ پىسخىك يېشى ئومۇميۈزلۈك كىچىك كەلگەن بولۇپ، ئۇلار گەرچە كىشىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان كەلسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىدراكلىق بولۇش جەھەتتە ئاجىزراق بولۇپ، كەيپىياتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
ھايۋاناتلارنىڭ سۈرىتىنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇ خىلدىكى ئاياللار ئاساسەن ئىت-مۆشۈك دىگەندەك ئەرمەك ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدىغان، كۆڭلى يۇمشاق، رەھىمدىل كىلىدۇ.
گۈزەل مەنزىرە رەسىملىرىنى باش سۈرىتى قىلىش
    بۇنداق ئاياللار ئادەتتە پىشىپ-يىتىلگەن، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۇستا كىلىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنىڭ ئىناق ھەم ماسلىشىشچان كىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
كارتون رەسىملىرىنى باش سۈرىتى قىلىش
   بۇ خىلدىكى ئاياللار ئۆزىنىڭ ساپ دىللىقىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان بولۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلار بىرقەدەر غايىپەرەس كىلىدىغان بولۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ۋە يىڭىلىق يارىتىش كۈچى ھەر ئىككىسى ئىنتايىن كۈچلۈك، تەپەككۇرى نىسبەتەن ئۇچۇق.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号