تويلاشقاندىن كىيىنكى ئائىلىمىز بىزنىڭ سىرتلاردا جان ھەلەكچىلىكىدە ھېرىپ-چارچىغاندىن كىيىن قايتىدىغان ئۇۋا؛ تويلىشىشتىكى مەقسەتلەرنىڭ بىرى بولسا، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن ھېرىپ-چارچىغان ۋاقىتىمىزدا، بىزگە ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىدىغان ئادەم بار بولۇش. روھىمىز چۈشكۈنلىشىپ قالغاندا، توي تۇرمۇشىدىكى جۈپتىمىز شەرتىسز ئاساستا بىزنى قوللاپ، بىزگە ئىلھام بەرسە، بىر ئاخشاملىق ئارام ئېلىشتىن كىيىن، بىز يەنە قايتىدىن ھاياتى كۈچكە تولۇپ، ئۆزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ماغدۇرىغا ئىگە بولىمىز.
ياخشى بولغان تويلىشىش بىزگە يۇقىردا تەسۋىرلەنگەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ؛ ئەمما ياخشى بولالمىغان تويلىشىش ئىجابى رول ئۆتىيەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئادەمنى تېخىمۇ چۈشكۈن قىلىپ، بەزىدە ھەتتا ئۆيگە قايتىشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ چۈنكى بۇنداقلار ئۆيىگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ تويلاشقان جۈپتىنى كۆرسە، كۈنلىرىدىن ئۈمىد قالمىغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق سەۋەپلەر تۈپەيلى، تويلىشىش مۇناسىۋىتى بۇنداق ناچار ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟ قانداق ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنى بۇنداق ناچار ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ؟

تۆۋەندە بىز كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى بولغان ئالتە خىل ئەر-خوتۇنلار، بىز يۇقىردا تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن ناچار ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىغان ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي تۇرمۇشى ئادەتتە بەخىتلىك بولالمايدۇ.
1. ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرالمايدىغان ئەر-خوتۇنلار
ھەرقانداق ئەر-خوتۇنلار، مۇھەببىتى ھەرقانچە چوڭقۇر بولغان تەقدىردىمۇ، زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. قارىشى ئوخشاش ئەمەس، پىكىرلىرىدە پەرق بار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردۇر. بەزى ئەر-خوتۇنلار ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، مەسلە ئۈستىدە ئويلىشىشنى ۋە يۈز بەرگەن ئىشقا قارىتا مەسلىھەتلىشىپ بىرتەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ؛ ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ مىجەزى جاھىل، يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، بويۇن ئىگىشنى خالىمايدىغان، ئاچچىقىدا ئىش كۆرىدىغان بولۇپ، مەسىلىگە يولۇقسىلا چىرايلىق پاراڭلاشمايدۇ ۋە قارشى تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. بۇ ھالەت ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى تېخىمۇ يېراقلاشتۇرۇپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋىتىدۇ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەسلا پايدىسى بولمايدۇ.
2. ئىقتىسادىنى ئايرىم تۇتىدىغان ئەر-خوتۇنلار
ئەر-خوتۇنلار تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى بىكىتكەندىن كىيىن، ئىككى تەرەپكە تەئەللۇق ھەممە نەرسە ئورتاق بەھرىمان بولۇشقا ئۆزگىرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ئىشلىتىلگەن پۇل ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق پۇلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، كىم نەچچىلىك پۇل تاپىدۇ، بۇنى ھىسابلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى بولمايدۇ؛ ئىككى تەرەپنىڭ پۇلى بىرىكىپ بىر گەۋدىگە ئايلانغاندا ئىككى تەرەپنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئىدىيىسى پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەمما ئەگەردە ئەرنىڭ تاپىدىغان پۇلى كۆپ بولۇپ، ئۇ ئۆزى ئېلىپ قالىمەن دىسە، ئايالى پۇل ئىشلەتمەكچى بولسا، ئىرىدىن سوراپ ئېلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى يېقىن بىر گەۋدە بولۇپ كىتىشىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.
3. شەخسىيەتچى ئەر-خوتۇنلار
ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتتە، قارشى تەرەپكە مۇھەببىتىڭىزنى ھىس قىلدۇرالايدىغان بولۇشىڭىز كىرەك؛ مەسلەن، ياخشى يىمەكلىكلەر بولۇپ قالسا، سىز ئۆزىڭىز بۇنى يىيىشلىك ئىكەن دەپ ھەممىنى يەۋىتىپ ئولتۇرماي، قارشى تەرەپكە ئاۋال يىگۈزۈشنى ئويلىسىڭىز، قارشى تەرەپ ئۆيدە بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ ساقلىشىڭىز لازىم. بۇندىن باشقا ئۆي ئىشلىرىنى ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ، ھەممىنى ئايال كىشىگە ئىتتىرىپ قويماي، ئەرلەرمۇ بىكار ۋاقتىدا ياردەملىشىشى كىرەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار، گەرچە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈردىكى كىچىك ئىشلاردىن قارشى تەرەپنىڭ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ. شەخسىيەتچى، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان كىشىلەر، ئادەتتە مۇھەببەتنى ۋە مۇھەببەتكە ئىرىشىشنى ھس قىلىپ يىتەلمەيدۇ.
4. ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنى بىلمەيدىغان ئەر-خوتۇنلار
ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى بولۇپ، ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ تۈپ ئاساسى ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنى بىلىشتۇر. ئەگەر توي تۇرمۇشى جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئۆز ئاتا-ئانىسغا ۋاپادار بولۇشنىلا بىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن چاتىقى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقىي ۋاپادار كىشى بولالمايدۇ؛ قيىنئانا-قېيىنئاتىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ئاياللار ئىرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ؛ ئوخشاشلا، قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ئەرلەرمۇ، ئايالىنىڭ چىن كۆڭلىگە ئىرىشەلمەيدۇ.
5. ئوران ئايرىپ ئوخلايدىغان ئەر-خوتۇنلار
ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت، كۈندىلىك بىرگە ئۆتۈش ۋە كەچ تەرەپتىكى ھەمراھلىق سەۋەبىدىن تەدرىجى كۈچىيىپ بارىدۇ. توي قىلغان ئەر-خوتۇن ئەسلىدىنلا بىر ئوراندا بىللە يېتىشى كىرەك، بۇ ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان قائىدە؛ ئەر-خوتۇنلۇق نامى بولغان ئىكەن، ئەر-خوتۇنلۇق ئەمىلىيىتىمۇ بار بولىشى كىرەك بولىدۇ ئەلۋەتتە. ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ، ئايرىم ئوراندا ياكى ئايرىم ئۆيدە ئوخلايدىغان ھالەت توي تۇرمۇشى ئىچىدىكى ناتوغرا بولغان ھالەتتۇر. قارشى تەرەپنىڭ خورەك تارتىشىغا چىداشلىق بىرىپ ئۆتسىڭىز، بىر مەزگىلدىن كىيىن ئادەتلىنىپ قالىسىز، ھەتتا ئۇ خورەك تارتمىسا ئۇخلىيالماس بولۇپ قالىسىز؛ مانا بۇنداق ھالەت دەل ئەر-خوتۇنلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ھالەتتۇر.
6. ھەر ئىككى تەرەپ تالاغا قارىغان ئەر-خوتۇنلار
بۇ تۈردىكى ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ ناچار تويلىشىش مۇناسىۋىتى بولۇپ، رىئال تۇرمۇشىمىزدا كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما چوقۇم مەۋجۇت. بەزى ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە ئىنىق قىلىپ، ئۆزلىرى ئارىسدا مۇھەببەت قالمىغانلىقىنى، ئەمما بالىنىڭ ئوقۇشى، مال-مۈلۈك ئايرىش قاتارلىق نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجرىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار يەنە قارشى تەرەپنىڭ تويلىشىش مۇناسىۋىتى ئىچىدە باشقا بىر بۆلەك مۇھەببەت ئىزدەشىگە يول قويىدۇ؛ ئېغىزىدا بەرىبىر دىگىنى بىلەن، كۆڭلىدە قارشى تەرەپنىڭ يىڭى كۆڭۈل خوشى تېپىۋالغان ئەمىلىيىتى سەۋەبلىك ئىنتايىن بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ؛ تۇمۇشتىكى نۇرغۇن تىراگىدىيەلەر بۇ سەۋەپلىك شەكىللىنىپ، ئاخىرى بېرىپ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، ئائىلە ۋەيران بولىدۇ.

ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە، يۇقىردا سۆزلەنگەن ئالتە خىل ھالەتتىن ئۈچتىن ئارتۇقى بار بولسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسى جەھەتتىن قامداش تەس ھالەتكە كىلىپ قالغان بولىدۇ؛ ئەگەر بەشكە يىتىپ قالسا، ئۇنداقتا ئاجرىشىپ كىتىشنى ئويلاشسا بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇنداق ناچار ھالەتتىكى مۇناسىۋەتكە پېتىپ قېلىپ، ۋاز كىچىپ چىكىنىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر.