ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنىڭ بۇ خىلدىكى ئەرلەرگە قارشىلىق كۈچى بولمايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەر، ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئاياللار كۆپىنچە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرسە، سىز ئۇنىڭغا كۆزىگە سىغسىڭىز، ئۇلار ئاندىن سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئەمما بىر ئايال كىشى سىزگە گەپ قىلىشنىمۇ خالىمىسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئاياللارنىڭ سىزگە ئازراق قىزىقىشىمۇ يوق بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى جەريانىدا، ئەرلەر قىلىشقا ئەڭ تىگىشلىك ئىش ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشتۇر. بىراق رىئال تۇرمۇشتىكى ئەر، ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئاياللار بەزى ئەرلەرگە مەپتۇن بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئەرلەردە كۆپىنچە بىر خىل ئوتاقلىق بولىدۇ؛ يەنى تۆۋەندىكى 3 خىل ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللارنىڭ قارشىلىق كۈچى بولمايدۇ.
1. ئۆزى ھەر جەھەتتىن قاملاشقان، قەلبىمۇ گۈزەل كەلگەن ئەرلەر
   ئەر،ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، بىر ئايال كىشنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ بېشىنى قايدۇرۋىتىدىغان، ھەم ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە بولغان قارشىلىق كۈچىنىڭ ئۈنۈمىنى يوق قىلىۋىتىدىغان ئەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا، سىرتقى قىياپىتى ھەر جەھەتتىن قاملاشقان، جەلىپكار ھەمدە قەلبى ناھايىتى ساپ ۋە ئاق كۆڭۈل كەلگەن ئەر كىشىلەردۇر. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە باھا بەرگەندە ئەڭ ئىتىبار بىلەن قارايدىغىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىگەن بولغان بىرىنچى تەسىرىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىل دەل مۇشۇنداق ئىچى ھەم سىرتى ئوخشاشلا مۇنەۋۋەر كىلىشتۇر؛ بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئاياللارنىڭ زوقلىنىشىغا ئىرىشىدۇ؛ ئاياللارمۇ بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ناھايىتى گەپ ئاڭلايدىغان بولۇپ كىتىدۇ ھەمدە ئەرلەرگە بولغان ئىممونىت كۈچىنى ئاسانلا يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئاسانلا ماقۇللۇق بىلدۈرىدۇ.
2. ئاياللارغا ھەر جەھەتتىن تۇلۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەمىشە ئۇلارغا خوشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدىغان ئەرلەر
    ئادەتتە ئاياللارنى ئۆزىگە چوقۇندۇرۇپ ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىشىنى ۋە ئەرلەرگە بولغان ئىممونت كۈچىنى يوقىتىپ قويىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەرلەر، كۆپىنچە ئۆزگىچە ئالاھىدە تەرەپلىرى بار ئەر كىشىلەردۇر. بۇنداق ئەرلەر كۆزىتىشكە ماھىر كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاياللارنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر جەھەتلەردىن ئايال كىشىگە تۇلۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەر ۋاقىت ئاياللارغا ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان ئەرلەر، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان ئىممونت كۈچىنى ئاسانلا يوقىتىپ قويىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. چىن مۇھەببىتىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىدىغان ھەمدە ئېغىزى تاتلىق، شىرىن گەپلەرنى قىلىشنى بىلىدىغان ئەرلەر
    ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى تىزلا ئۇتىۋىلىپ، ئۇلارنى ھېچقانداق قارشىلىقسىزلا تەسلىم قىلدۇرالايدىغان ئەرلەر كۆپىنچە چىن دىلىدىن مۇھەببەت بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىدىغان ھەمدە گەپكە ئۇستا، ئاياللارنىڭ قولىقىنى ھەسەلدەك گەپلەر بىلەن توشقىزىۋىتەلەيدىغان ئەرلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللار ئاسانلا كۆڭلىنى بىرىپ قويىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号