ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كىسەل بولۇپ قالغاندا يىمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش جەدۋىلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كىسەل بولۇپ قالغاندا، تىزرەك ساقىيىپ كىتىشڭىز ئۈچۈن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ!
   زۇكام: بانان، ئاپلىسىن، مۇز، قوي گۆشى، ھاراق-تاماكا
   يۆتەل: ئاپلىسىن، داغلانغان يىمەكلىك، كاۋاپ، ئاچچىق يىمەكلىك، ھاراق، تاتلىق يىمەكلىك، ماروژنى
   جىددى خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى: مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەر، ھاراق، مۇچ، نومى گۈرۈچى
   ئاستا خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى: سۇغۇق ۋە توڭلىتىلغان يىمەكلىكلەر، كىسلاتالىق ئېچىتقۇ يىمەكلىكلىرى، تاتلىق يىمەكلىكلەر
   ئۈچەي ياللۇغى: بانان، ئانار
   جىددى ۋە ئاستا خارەكتىرلىك جىگەر ياللۇغى: توخۇ (غاز، ئۆردەك) تىرىسى، تاماكا-ھاراق، كىچىسى ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش
   يۈرەك كىسەللىكى: چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، يۇقىرى خولىستىرىنلىق يىمەكلىكلەر، تۇزلۇق يىمەكلىكلەر
   بۆرەك كىسەللىكى: پىۋا، گازلىق سۇ، تۇزلىغان بىلىق، تۇزلىغان كۆكتات
   دىئابىت كىسەللىكى: تاتلىق يىمەكلىك، ھاراق، مايلىق يىمەكلىك، كاۋاپ ۋە داغلىتىلغان يىمەكلىك، يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك يىمەكلىك
   تۆۋەن قان بېسىمى: كەرەپشىدىن پەرھىز تۇتۇش، بالدۇر ئۇخلاش ۋە كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلىنىش
   يۇقىرى قان بېسىمى: بەك تۇزلۇق يىمەكلىكلەر، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى
   ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى يارا: پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، تۇزلانغان كۆكتات، نومى گۈرۈچى تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، ھاراق، ئاناناس(菠萝)، مۇچ، ئانار
   يېقىلىپ زەخمىلىنىش: ئاچچىقسۇ، خاسىڭ، تاتلىق يىمەكلىك، بانان، پىۋا
   گىمىروي ۋە چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كىلىش: ھاراق، تاماكا، مۇچ، مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەر
   رىماتىزىم: پىۋا، بانان، گۆش تۈرى
   رىئاكسىيە خارەكتىرلىك بەدەن ئالاھىدىلىكى( زىققا، بۇرۇن ياللۇغى...قاتارلىق): دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ماڭگو، مۇز، كاۋاك مىۋە (桂圆)، لىجى(荔枝)
   مىڭە نىرۋىلىرى ئاجىزلىشىش(ئۇيقۇسىزلىق): مۇچ، ھاراق، قەھۋە، پىياز، سامساق
   ئۆت ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش: تۇخۇم، ياغلىق گۆش، ئاچچىق يىمەكلىكلەر
   ئاستا خارەكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى: دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، مىۋە-چىۋە، يىڭى سۈت(ئەمما قېتىقنى ئىچىشكە بولىدۇ)
   باش ئاغرىش: تاماكا، ھاراق، چاي، خوراز، قىسقۇچپاقا، راك، غاز، قوي گۆشى
   كۆكرەك ئاغرىش: ياغلىق گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
   قورساق ئىسىلىش: تۇزلىغان بىلىق، تۇزلىغان گۆش، قوي گۆشى، دېڭىز بىلىقى، قىسقۇچپاقا، راك، ئاناناس، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار
   قورساق ئاغرىش: قوي گۆشى، دېڭىز بىلىقى، راك، قىسقۇچپاقا، مۇزدا تەييارلانغان يىمەكلىكلەر، ئاچا كۆكتات(酸菜)، نومى گۈرۈچى تۈرى
   ئاشقازان ئاغرىش: شورپا، مۇچ، قېنىق دەملەنگەن چاي، ھاراق، تېتىتقۇ، يىرىك ئاشلىق، كەرەپشە، كۈدە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، سامساق، چىلىغان كۆكتات
   ئىچى سۈرۈش: ياغلىق گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، مۇچ، پىياز، سامساق
   زىققا: تاماكا، ھاراق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ياغلىق گۆش، تۇخۇم، تەرخەمەك، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، تاتلىق ياڭيۈ، بەرەڭگە، گازلىق سۇ قاتارلىقلار
   چىش مىلىكى قاناش: مايلىق قورىمىلار، زەنجىۋىل، باش پىياز، كۈدە، قارىمۇچ ۋە سۈرلەنگەن يىمەكلىكلەر
   بۇرۇن قاناش: مۇچ، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن، مايلىق قورىمىلار ۋە داغلانغان يىمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
   تەرەت قان ئارىلاش كىلىش: شورپا، تاماكا، ھاراق، پىياز، مۇچ، كۈدە، سامساق
   سۇلۇق ئىششىق: تاماكا، ھاراق، ئاچچىقسۇ، پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، راك، دېڭىز بىلىقى
   باش قېيىش: ھاراق، پىياز، سامساق، كۈدە، باش پىياز، مۇچ، ياغلىق گۆش
   يۈرەك ئېغىش: تاماكا، ھاراق، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە، تۇزلىغان بىلىق ۋە گۆش
   قەۋزىيەت: ئىسسىقتىن بولغان قەۋزىيەتتە ھاراق (پىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي، سامساق، مۇچ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتماق لازىم؛ سۇغۇقتىن بولغان قەۋزىيەتتە خام، توڭلىتىلغان مىۋە-چىۋە، سۇغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
   ئۆپكە توبۇركوليوزى: مۇچ، باش پىياز، كۈدە، زەنجىۋىل، تاماكا، ھاراق
   سەكتە(中风): بوغا گۆشى، ھاراق، قارىمۇچ، سامساق، تەبىئىتى ئىسسىق بىلىقلار

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号