ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
72 ياشلىق بوۋاينىڭ تويلىشىش ئىلانى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەنگىلىيىلىك 72 ياشلىق مىلياردنىر بوۋاي، تېلىۋىزوردا ئاشكارە تويلىشىش ئىلانى بەرگەن؛ ئۇ ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىرىشتۈرۈش ۋەدىسىنى بىرىپ، ياش بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ بۇندىن باشقا، ئۆزىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدىغانلارغا يەنە غەلىتىلىككە تولغان بىر نەچچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى قويغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، بىريىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىزدەپمۇ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى خالايدىغان ئايالنى تاپالمىغان؛ ھازىر ئۇ ئامالسىز قارشى تەرەپكە قويۇلىدىغان تەلەپلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان.
    بۇ بوۋاي ئەنگىلىيىلىك بىنجامىن.سىرايد سېر (爵士) بولۇپ، ئۇ ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىز ئىككىنچىنىڭ ئەۋالادى؛ ئۇ سامساتقا جايلاشقان، 13 ئەسىردە سېلىنغان مەنسار قۇروسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلكىدە يەنە سامساتقا جايلاشقان ۋۇدلەن قورغىنى، بىرنەچچە شىركەت ۋە بىر توي-مەرىكە زالى بار.
    ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدىغانلارغا، تويدىن كىيىن ھەر يىلى 50مىڭ فوندسىتىرلىك ( تەخمىنەن 440مىڭ خەلق پۇلىغا تەڭ) پارچە خىراجەت پۇلى بىرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن؛ ئەمما ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىرنەچچە تۈرلۈك غەلىتە تەلەپلەرنى قويغان بولۇپ، بۇ تەلەپلەر بوي ئىگىزلىكى 165 سانتىمىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك، يېشى 30ياش بىلەن 40 ياشنىڭ ئارلىقىدا بولۇش، قورال ساقلاش ئىجازەتنامىسى بولۇش ھەمدە "قورغان مەشىقلەندۈرۈشى"گە قاتناشقان بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن باشقا ئۇ بولغۇسى ئايالىنىڭ شىركەتلىرىنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
   بىنجامىن ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم توي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن؛ شۇڭلاشقا ئۇ بولغۇسى ئايالى بىلەن پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ئىش ئۈچۈن ئۇ ئىزچىل تۈردە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ پەقەت بىر كىلىشىمنامىنى ئوتتۇرغا قويغان؛ ئەمما نۇرغۇن ئاياللار پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمىغاچقا ئۇ ئوتتۇرغا قويغان تەلەپنى ئورۇنلىيالمىغان ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشچە پەرزەنتلىك بولۇش، بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
   گەرچە ساناقسىز مال-دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ، ئىنتايىن ياخشى بولغان تۇرمۇش شارائىتى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ، بىنجامىن يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئايال تاپالمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇ ھازىر شەرتىنى ئۆزگەرتىپ، رومانتىكىلىق قوغلىشىش، ئۆزىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى كەلگۈسىدىكى ئايالىغا تاپشۇرۇش قاتارلىق شەرتلەرنى قوشقان ھەمدە ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىپادىلىگەن سۆز-ئىبارىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئاڭلىماققا تېخىمۇ "شىرىن-شىكەر" بىلىنىدىغان قىلىپ، ئىلگىرىكى مەھسۇلات سېتىۋالغانغا ئوخشاش بەزىبىر تەلەپلىرىنى چىقىرۋەتكەن ھەم بۇ خىلدىكى سۆز-ئىبارىلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. ھازىر بىنجامىن يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ تېپىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشماقتا.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号