ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنىڭ ئەڭ كىيىنكى تۇغۇت يېشى قانچە ياش بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىرقى دەۋرىمىزدە، تۇمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پەرزەنتلىك بولۇش جەھەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئاكتىپ بولماي قالدى؛ بۇ ئاساسلىقى ھازىر كىشىلەرنىڭ زىممىسىدىكى بېسىمنىڭ نىسبەتەن چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتلىك بولۇشتا ھەرجەھەتتىكى ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىش كىرەك بولغانلىقى سەۋبىدىندۇر. ئەمما ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشقا ئەڭ ماس كىلىدىغان تۇغۇت يىشى بار بولۇپ، بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بۇ مەسىللەرگە ئالاقىدار بولغان، ئاياللارنىڭ ئەڭ كىچىككەن تۇغۇت يېشى چەكلىمىسى ھەققىدە مۇزاكىرلىشىپ باقماقچى.
    بىز ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ فىزىلوگىيىلىك چېكىىنىڭ قايسى ياش مەزگىلىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئاياللاردا بىرىنچى قېتىم ھەيىز كىلىش كۆرۈلگەندە، بۇ ئۇلارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانلىقى، پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئىشلەپچىقارغان تۇخۇمنىڭ سۈپىتى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، پەرزەنتلىك بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ. ئادەتتە ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان پەرزەنتلىك بولۇش يېشى 30-25ياش ئارلىقىدا بولۇپ، بۇ ياش مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ ساغلاملىق قىممىتى تەدرىجى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ ھەمدە 35 ياشتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ھامىلدار بولغانلار يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئاياللار دەپ ئاتىلىدۇ. 35 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئاياللار بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارمۇ تەدرىجى ئاجىزلىشىشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا پەرزەنتلىك بولۇشقا تەييارلانسا، بەدەننىڭ يۈكى نىسبەتەن ئېغىر بولغان بولىدۇ ھەمدە قورساقتىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ ناھايىتى چوڭ خەۋپ كوئىففىتسىنتى بار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ھامىلدار بولۇشتا ناھايىتى چوڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھامىلدار بولۇپ، پەرزەنتلىك بولغىنى ياخشى بولىدۇ.
    ئەگەر 35 ياشتىن ئاشقان ئاياللار پەرزەنتلىك بولۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئىككى نوقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك:
   1. ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان مەزگىلىدە، كەيپىياتى چوقۇم تىنچ ۋە تۇراقلىق بولشى لازىم. بۇ ۋاقىتتا روھى كەيپىيات ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدىنلا ياشقا چوڭ بولغاچقا، ئەگەر بۇنىڭغا كەيپىيات ياخشى بولماسلىق ياكى تۇراقلىق بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار قوشۇلسا، ھامىلدار بولۇش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ.
   2. چوقۇم تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرىشى كىرەك؛ ئاياللار ياشقا چوڭايغانسىرى، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان تۇخۇمىنىڭ سۈپىتى ئىلگىركىگە قارىغاندا كۆپ تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تۇغۇت تەكشۈرۈشىنى ياخشى ئېلىپ بارغاندا، ھامىلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش نسىبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى ياكى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    ئاخىرىدا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، 35 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلاشقان ئاياللار ھەر كۈنى ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ؛ بۇنىڭدا ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىسى بار بولىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号