ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇرمۇش ئاسىيلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتنى قانداق ئەسلىگە ئەكىلىش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئادەمگە نىسبەتەن، ئوڭۇشسىزلىق بەلكىم ئىگىلىكىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، بىرەر قېتىملىق ئېغىر كىسەل بولۇپ قېلىش ياكى تۇيۇقسىز كەلگەن بىرەر قېتىملىق ئاپەت بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىر بۆلەك مۇھەببەتكە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئوڭۇشسىزلىق پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشقا ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇچراشتۇر.
   نۇرغۇنلىغان تۇرمۇشتا ئاسىيلىققا ئۇچرىغان كىشىلەر "ماڭا نىسبەتەن ئۇنىڭ تالاغا قارىغىنىدىن ئۆلۈپ كەتكىنى ياخشى ئىدى" دەيدۇ؛ بۇ ئاچچىقىدا دىيىلگەن گەپلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەقىقەت؛ چۈنكى قارشى تەرەپ بۇ دۇنيادىن كەتسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز يەنىلا مەۋجۇت، ئۇ يەنىلا مەن ياخشى كۈرىدىغان ئادەم.
   بىز مەلۇم بىر پەيتلەردە ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئەسلىسەك، تەسىرلىنىش، كۆڭلىمىز ئەمىن تېپىش تۇيغۇلىرىغا چۆمىمىز؛ ئەمما ئەگەر بىز ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇچرىساق، ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ھەممسى بىز ئۈچۈن ساختىلىق، ئالدامچىلىق ۋە ئەرزىمەس بولۇپ تۇيىلىدۇ.
    بۇ بەلكىم بىز يۈزلىنىشنى ئەڭ خالىمايدىغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز ھەرقانچە خالىمىساقمۇ، مەسىلە يۈز بەرگەن ئىكەن، ئۇنىڭغا ھامىنى يۈزلەنمەي بولمايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك باشقىلار "دۇنيادا ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان ئوڭۇشسىزلىق بولمايدۇ" دىيىشىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئوڭۇشسىزلىقتىن قانداق ئۆتۈپ كىتىش كىرەك؟ كەلگۈسىدە بىز قانداق كەچۈرمۈشلەرگە دۇچار بولىمىز؟
   مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا بىز نۇرغۇن كاللىمىزدىن ئۆتمەيدىغان مەسىلىلەرگە دۇچار بولىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا بىز بەزىبىر كۆرسەتمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئازاپلىنىشتىن كىيىنكى مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە ئەكىلىشتە، بىز مەسىلىلەرنى سېستىمىلىق ئويلىشىپ، بىر-بىرلەپ ھەل قىلغاندا، بىز ئاندىن بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى تەدرىجى ئەسلىگە ئەكىلەلەيمىز.
   بۇلارنى دىمەك ئوڭاي بولغان بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماق تەس بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاساسلىنىشقا بولىدىغان بەزى تەجىربە-ساۋاق ۋە پىرىنسىپلار بار بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئازاپلىنىشتىن كىيىنكى مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە ئەكىلىشتە، تۆۋەندىكى تۆت مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈش لازىم بولىدۇ.
1. كەينىگە چىكىنىش مەزگىلى
    مەزگىلىچىكىنىش مەزگىلى، بىزنىڭ ئازاپلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كىيىن، روھى جەھەتتىن كەينىگە چىكىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
    بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان، كىچىلىرى ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ يوقىتىدۇ. بىز بىر خىل ئۆز-ئۆزىمىزدىن خەۋەر ئالالمايدىغاندەك ھالەتكە كىلىپ قېلىپ، كېچىك بالىلارغا ئوخشاش مۇھەببەتكە، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مۇھتاج بولۇپ قالىمىز.
    بۇنداق ۋاقىتتا بىز قارشى تەرەپنى بىزنىڭ ئازاپلىنىشىمىزغا تۇلۇق مەسئۇل بولۇشى كىرەك دەپ قاراپ، ئۆزىمىزنى ھېچنىمە قىلالمايدىغاندەك، كونتىروللىقىمىزنى يوقىتىپ قويغىلىۋاتقاندەك، تاشلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ، ئامالسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىككە تولۇپ كىتىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلالماي، ھەمىشە ئۆزىمىزدىن "نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ" دەپ سورايمىز.
2. قوبۇل قىلىش مەزگىلى
    بىز كەينىگە چىكىنىش مەزگىلىدە يىتەرلىك ئىنىرگىيىگە ئىگە بولغاندىن كىيىن، بىز تەدرىجى بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا باشلايمىز. بۇ يەردىكى قوبۇل قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇشقا ئاسىيلىق قىلغانلىق ھەقىقىتىنى شۇنداقلا ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتتە مەسىلە پەيدا بولغانلىق ھەقىقىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ئاخىرىدا بېرىپ، بۇ قېتىملىق ئىشنىڭ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە غايەت زور ئازاپلىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زىھنىمىزنى سەرپ قىلىپ بۇ ئازاپلىنىشنى بىتەرەپ قىلىشىمىز كىرەك بولدىغىنىنى قوبۇل قىلىمىز.
3. ئويلىنىش مەزگىلى
    بىز ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، مەسىلىنىڭ يۈز بىرىشى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كىرەك؛ بىز ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، سىرتنىڭ ئادىمىگە ئوخشاش ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئازاپقا ئۇچرىغۇچى قاتارىدا كۆرۈۋالماي، كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا بەزى پىكىر-قاراشلار ھەققىدە ئويلانساق بولىدۇ.
   بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاكتىپلىق بىلەن روھى كەيپىياتىمىزنى تەڭشەپ، ئىلگىركى بەزىبىر نامۇۋاپىق ئىدىيىۋى پىكىرلىرىمىزگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كىرەك. مەسىلىنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە بولغان ياخشى تەرەپلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، مەسىلىدىن پايدىلىنىپ مۇناسىۋىتىمىزدىكى يادرولۇق زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
4. ئەسلىگە ئەكىلىش مەزگىلى
   بۇ مەزگىل "مەن بىلەن سەن" ھالىتىدىن، "بىز ئىككىمىز" ھالىتىگە ئۆتۈش جەريانىدۇر. بۇ مەزگىلدە بىز مۇناسىۋەتكە ئومۇمىيلىق نوقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ ھەم سەمىمىي پىكىرلىشىپ، ئۆزىمىنىڭ ھەقىقى قىياپىتى تېخىمۇ كۆپرەك گەۋدىلەندۈرۈشىمىز شۇنداقلار قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقى قىياپىتىگىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلۈنىشىمىز لازىم.
   بىز ياخشى روھى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتنى قايتا ئورنىتىش خىزمىتىنى باشلاپ، ئازاپلانغۇچى رولىنى ئۈزۈل-كىسىل تاشلاپ، قۇرغۇچى سالاھىيىتىدە مۇناسىۋەت نىشانىنى قايتىدىن لاھىيىلەپ چىقىشىمىز لازىم. بىر-بىرىمىزنىڭ ئىچكى ئىھتىياجىنى توغرا يۆنىلىشتە قانائەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ئاساستا، يىڭى مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كىرەك.
   يۇقىردىكىلەر مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە چوقۇم باشتىن ئۆتكۈزۈشكە تىگىشلىك تۆت مەزگىل. بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، "دۇنيادا ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان ئوڭۇشسىزلىق بولمايدۇ"؛ بىز پەقەت كەيپىياتىمىزنى تەڭشەپ، مەسىلىلەرنى ئاكتىپ تەرەپكە ئويلاپ، قەلبىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرسەك، ئىشىنىمەنكى ئازاپلىق مىنۇتلارنى كۆڭۈل قېتىمىزدا مەڭگۈلۈك كۆمۈپ، يىڭىچە تۇرمۇش باشلىيالايمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号