ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سۇ ئىچىشىڭىز ئىلمىي بولمىسا، بۆرەككە تەسىر يىتىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىشىلەر توپى ئىچىدە، سىزنى يەنە چاي ئىستىكىنىڭىزغا ئالقات چىلىۋالغان ھالەتتە كۆردۈم...
   بەزى كىشىلەر قايناقسۇغا ئالقات قاتارلىق قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرى چىلاپ ئىچمىسە كۈتۈنۈش دىگىلى بولماس دەپ قارايدىكەن؛ بىراق سىز، ئەمىلىيەتتە سۇنى قانداق ئىچىشنىمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
   تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى بۆرەك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 100مىليونغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ياش قۇرۇلمىسى جەھەتتە ياشلارغا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان، ھەتتا 10 ياشتىن كىچىك بالىلاردىمۇ بۇ تۈردىكى كىسەللىك كۆپ كۈرلۈشكە باشلىغان. بۆرەك كىسەللىكلىرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى كۆپ جەھەتلەردىن بولۇپ، ياخشى بولمىغان سۇ ئىچىش ئادىتىمۇ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرىدۇر.

بۆرەكنى "تۈگەشتۈرىدىغان" ئۈچ خىل سۇ ئىچىش ئادىتى
 
1. ئۇسسىغاندىن كىيىن، ئاندىن سۇ ئىچىش
   ئادەم ئۇسساش ھىس قىلغان ۋاقىتتا، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر ئاللىقاچان سۇسىزلانغان ھالەتكە كىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇسساش—مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى تارقاتقان قۇتقۇزۇش سىگنالىدۇر. ئەگەر بۇنداق ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بۆرەكنىڭ زەھەر ھەيدەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، بۆرەك كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئىچىملىكنى سۇ ئورنىدا ئىچىش
   ئۇزۇن مەزگىل ئىچىملىكنى سۇ ئورنىدا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئىچىملىك تەركىبىدىكى قەنت، فوسفورلۇق كىسلاتا ۋە تۇزلار ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىينىڭ ئېقىپ كىتىشىنى تىزلىتىپ، سۈيدۈك تەركىبىدكى كالتسىي مىقدارى ئېشىپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بۆرەككە تاش چۈشۈش پەيدا بولىدۇ.
3. ئۇزۇن مەزگىل قېنىق چاي ئىچىش
   زىيادە قېنىق دەملەنگەن چاي ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ، ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇ يەنە بۆرەك ساغلاملىقىغىمۇ پايدىسىز بولىدۇ.
 
ئىلمىي بولغان سۇ ئىچىش ئۇسۇلى
 
1. ئالدى بىلەن ئېغىزىمىزنى ئازراق نەمدىۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن سۇ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇش
   بۇنىڭدا بىئولوگىيىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مىخانىزىمىدىن پايدىلىنىپ ئۇسساش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىغا ئالدىن ئۇچۇر يەتكۈزۈلۈپ، بەدەنگە سۇ تەركىبىنىڭ كىرمەكچى بولغانلىقىنى ھۈجەيرىلەرگە ئالدىن بىلدۈرلىدۇ، ئىچكەن سۇنىڭ سۈمۈرلۈشى تېخىمۇ تۇلۇق بولىدۇ.
2. سالماقلىق بىلەن ئاز-ئازدىن ئاستا ئىچىش
    ئادەمنىڭ بەدەن ئىچكى قىسمى مەشكە ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۇنى ئاستا-ئاستا ئىچىشىمىز لازىم بولىدۇ، بۇنىڭدا بەدەننىڭ مىتابولىزىم ئېلىپ بېرىشىغا يىتەرلىك ۋاقىت بار بولىدۇ.
3. ئىلمان سۇ ئىچسەك، ئۇسسۇزلۇقنى تېخىمۇ باسىدۇ
   ئىلمان سۇ سۇغۇق سۇغا قارىغاندا بەدەنگە تېخىمۇ ماس كىلىدىغان بولۇپ، غىدىقلاش پەيدا قىلمايدۇ. ئادەم بەدىنى  نۇرمىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا، ئۇسساش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىغا نىسبەتەن ياخشى بولغان بىئولوگىيىلىك قايتۇرما ئىنكاس يەتكۈزۈشنى ئورۇنلىيالايدۇ، بۇ سەۋەبلىك بەدەننىڭ سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا نىسبەتەن قولايلىق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.
4. ئەڭ ياخشى بولغان ئىچىملىك سۈيى -- قايناقسۇ 
    ئادەتتە ئالاھىدە ساغلاملىق جەھەتتىكى مەسىلە بولمىسا، ئىمكان قەدەر قايناقسۇ ئورنىغا باشقا خىل سۇ ئىچمەسلىك لازىم.
توغرا ھەم ئىلمىي بولغان سۇ ئىچىش ئۇسۇلى بۆرەك كىسەل ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە يۇشۇرۇن كىسەللىكلەرنى ئالدىن يوقىتىدۇ.
 
ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇ ئىچىش ۋاقىت جەۋىلى
 
6:30
    بىر ئاخشاملىق ئۇيقۇدىن كىيىن، ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولۇشقا باشلايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن  كىيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋەتسەك، بۇنىڭدا چوڭ تەرەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
8:30
    ئەتىگەنلىك ۋاقىت نىسبەتەن ئالدىراش كىلىدىغان بولۇپ، كەيپىياتمۇ ئازراق جىددىلىشىپ قالىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بىز ئازراق دېمىمىزنى ئېلىۋالغان بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، سۇسىزلىنىش ھادىسىسى كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
11:00
    يېرىم كۈنلۈك خىزمەتتىن كىيىن، بۇ ۋاقىتتا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاچ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، ئېقىپ كەتكەن سۇ تەركىبىنى تۇلۇقلاشقا بولىدۇ.
12:50
    چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۆچەيتىشكە بولىدۇ.
15:00
    بىر كۈنلۈك ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتىن كىيىن، چۈشتىن كىيىن سائەت 3 بولغان ۋاقىت ئادەم چارچاش ھىس قىلىشقا باشلايدىغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، مىڭىمىزنى سەگىتىپ، داۋاملىق روھلۇق ھالدا ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
17:30
    ئىشتىن چۈشۈشتىن ئاۋال بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەننىڭ سۇ تەركىبلىرىنى تۇلۇقلاپ قورساق ئېچىش تۇيغۇسىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن
   ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئازراق سۇ ئىچسەك بولىدۇ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك؛ بولمىغاندا كىچىسى كىچىك تەرەت قېتىم سانى جېقلاپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ.
  نۇرغۇن كىشىلەر سۇ ئىچىش ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيەتلىرىنىڭ بىر، ئۇنچە كۆپ قائىدە سۆزلەش كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە سۇ ئىچىشتىمۇ ئىلمىي بولغان ئۇسۇل ۋە توغرا بولغان ئىچىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش لازىم بولىدۇ. سۇ ئىچىشتە، سۇنىڭ مىقدارى ئەمەس بەلكىم ئىچىش ئۇسۇلى مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئىلمىي بولغان سۇ ئىچىش ئۇسۇلىنى بىلىۋىلىشىمىز لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号