ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قايسى مۆچەلدىكى ئەرلەر ئايالىغا ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ياخشى بىر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق سەھنىسىدە، ھەرقايسى روللارنى لايىقىدا، مۇۋاپىق ئوينىيالايدۇ.
  قامەتلىك گەۋدىسى، ساغلام بولغان روھى ھالىتى، چوڭقۇر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، قەيسەر ئىرادىسى، پىشقان قابىلىيىتى، مۇنەۋۋەر مىجەز-خارەكتىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەر كىشى بولۇش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلەردۇر. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە ھەرقايسى مۆچەلدىكى ئەرلەرنىڭ ئايالىغا كۆيۈنۈش دەرىجىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، سىز(سىزنىڭ ئىرىڭىز) نەچچىنچى دەرىجىگە تىزىلىدىكەن، كىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ.
12. توخۇ يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
    توخۇ مۆچەللىك ئەرلەرنىڭ چىن دىلىدىن مۇھەببىتىنى بىرىشى ناھايىتى تەس، ئەمما ئۇلار پەقەت سىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئايالى ھەم ياخشى كۆرىدىغان ئايال دەپ ئىتراپ قىلسىلا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆز ئايالىغا ھىسابسىز ئامراقلىق كۆرسىتىدۇ.
   توخۇ مۆچەللىك ئەرلەر ئايالى ئۈچۈن قاقشىماي، زارلىماي بەدەل تۆلەيدۇ ھەم تۆلىگەن بەدەللىرى ئۈچۈن جاۋاپ كۈتمەيدۇ؛ ئەزەلدىن پۇل-مالنى مۇھىم بىلىدىغان توخۇ مۆچەللىك ئەرلەر، پەقەت ئايالىغا پۇل خەجلىگەن ۋاقىتتىلا پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ، بەزىبىر بولۇشقا تىگىشلىك رومانتىكىلىقلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرمايدۇ.
    بۇ سەۋەبلىك، توخۇ مۆچەللىك ئەرلەر ئايالىنى گۆھەرنى كۆرگەن كۆزدە پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ئاسرايدۇ.
11. يىلان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
   ئېغىر-بېسىق، بىلىملىك تىپىگە تەۋە يىلان مۆچەللىك ئەرلەر، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرى ناھايىتى ئىدراكلىق ھەم ئاسان ھاياجانلانمايدىغان بولۇپ، ئىشلارنى بىتەرەپ قىلغاندا ئىنچىكە ھەم ئەتراپلىق، ئېھتىياتچان ھەم تەرتىپلىك كىلىدۇ؛ ئۇلار بىر ئىشنى ئوتتۇرلۇقتا توختىتىپ قويۇشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇكەممەلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغانلار تىپىدىكى ئادەملەردۇر.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، يىلان مۆچەللىك ئەرلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ بىر تۈرلۈك قائىدە-پىرىنسىپلىرى بار بولۇپ، نىمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىنەزەر، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىرىلىدۇ، ھەر بىر ئىشنى پۈتۈنلەي ئۆز كونتىروللىقىدا تۇتالايدۇ.
    ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، بۇ خىل شارائىتنى ھازىرلىغان ئەرلەر، شۈبھىسىزكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى يۆلەنچۈكى ھىسابلىنىدۇ.
10. ئىت يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
    ئىت يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭ ئازراق خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئالاھىدىلىكى بار! ھەر بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىنىدىغىنى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ؛ ئۇندىن قالسا، ئاندىن ئايالىدىن باشقا ئادەملەرنى ئويلىشىدۇ.
    ئايالىغا ماقۇل كەلگەن ئىشنى، ھەرقانچە كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئۇلار ھەممىنى ئورۇنلىيالايدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئايالىنىڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈكى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
   ئايالىنىڭ ئەقلى-ئىدراكى كونتىروللىقىنى يوقاتقان ۋاقىتتا، ئۇلار ھەرقانچە داۋلى سۆزلىمەيدىغان، تىز ئۆزگىرىپ ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالسىمۇ، ئىت يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ھەرقاچان ئۇلارنى بەزلەپ پەپىلەيدۇ، ئۇلارغا يول قويىدۇ؛ ئۇلار ھەرگىزمۇ خاپا بولغانلىق ياكى تاقىتى قالمىغانلىق روھى كەيپىيات ئىپادىلەپ قويمايدۇ، مانا بۇ ھەقىقى مۇھەببەت ھىسابلىنىدۇ.
9. قوي يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
    كۆڭلى زىرىپ، ئىشلارنى ئىنچىكە ئويلايدىغان قوي يىللىق ئەرلەر، ئايالىغا "مەن سىنى سۆيىمەن" دىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھەرۋاقىت ئايالىغا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.
    ئائىلىدە ئايالىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، سىرتلاردا تاماشا قىلىدىغان ئىشلار قوي يىللىق ئەرلەرنىڭ ئۈستىدە ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ؛ ئاياللار كىيىم ئەمەس، ئۇلار ھەرگىز ئايالىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئايالىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ.
    ئۇ ئايالىغا ھەر ۋاقىت ئۆز مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئايالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يىتەرلىك بىرىدۇ؛ ئايالىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدۇ، ئايالىغا ئىنتايىن بەك كۆيۈنىدۇ.
8. ئات يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
    ھەربىر ئات يىلى تۇغۇلغان ئەرگە ياتلىق بولغان ئاياللار بەخىتلىكلىكىدىن باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ، چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى ئايالىغا ئەڭ كۈيۈنىدىغان ئىرى بار بولىدۇ.
   ئات يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر بىرەرسىنى ئاسانلىقچە ياخشى كۆرۈپ قالمايدۇ، خالىغانچە تويلىشىدىغان ئىش تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئەمما ئۇلار بىرسى كۆڭلىگە يېقىپ ئۇنى ئۆز ھەمراھلىقىغا تاللاپلا قالسا، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر كۈيىنىدۇ، تويدىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، كىرىمى ئاشىدۇ.
    ئەمما ئۇلارنىڭ ئايالىغا بولغان كۆيۈنىشى ئىشىپ بارسا بارىدۇكى ھەرگىز كەمىيىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، نامراتلىقتىن تەرەققى قىلىپ پۇلدار بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئات يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ھەرگىز چىگىپ قويمايدۇ.
7. مايمۇن يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
   مايمۇن يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ئايالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئويلاشقا ماھىر كىلىدۇ، ئۇلار ئىللىقلىققا تولغان ئەرلەرنىڭ تىپىكى ھىسابلىنىدۇ. توي قىلىشتىن بۇرۇن، گەرچە بولغۇسى ئايالىغا قارىتا ئاز-تولا ئارىلىق ساقلىسىمۇ، ئەمما تويدىن كىيىن ئايالىغا ئۆز كۆڭلىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋىتىدۇ، ئازراقمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ، ھەرۋاقىت ئۆز مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
   مايمۇن يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ئىچ-ئىچىدىن رومانتىكىلىققا تولغان بولۇپ، بايرام-دەم ئېلىشلاردا بەزىبىر ئويلىمىغان خوشاللىقلارنى پەيدا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تۇغۇلغان كۈننى بولسا دەپ ئولتۇرۇش تېخىمۇ ھاجەتسىز؛ ئۇلار يىڭىلىق تۇيغۇسىنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى مەڭگۈ زىرىكىشلىك بولۇپ قالمايدۇ.
    مايمۇن يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭ ئايالىغا كۆيۈنۈش ئۇسۇلى ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، ھەممە ئىشلاردا خوتۇنىغا ئەگىشىدىغان ئەمەس، بەزىدە ئاز-تولا گەپ تالىشىپ جىدەللىشىپمۇ قالىدۇ، ئەمما ئۇ مەڭگۈ ئاۋال باش ئىگىدىغان تەرەپ بولىدۇ.
6. ئەجدىرىھا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
   ئەجدىرىھا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغانلارنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، ئازراق زومىگەرلىكى بار كىلىدۇ؛ ئىشلاردا ئۇ ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان نوقتىنى چىقىش قىلىدۇ، ئەمما ھەمىشە ئايالىنىڭ كەيپىياتىنى ئويلىشىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؛ بىراق ئۇلارنىڭ چىقىش نوقتىسى ياخشى بولۇپ، ئۇلار پەقەت قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىگەن بولىدۇ.
   ئەجدىرىھا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ئائىلىسىدە ۋە سىرتتا ئىككى خىل بولۇپ، سىرتلاردا يۈزىنى قاتتىق ئاۋايلايدۇ، ئەمما ئەجدىرىھا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ئائىلىسدە ئايالىغا بەكمۇ كۆيۈنىدىغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكى ئايال پادىشاھنى خوشال قىلىش ئۈچۈن "چاكار" بولۇشقا رازى بولىدۇ؛ پەقەت ئۆزىنىڭ پىرىنسىپلىق مەسىلىلىرىگە بېرىپ تاقاشمىسىلا، ئايالى ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    ئۇ چوڭ ئىشلاردا ھوقۇقنى كونتىرول قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ، قالغان كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئايالىنىڭ ئېغىزىغا قارايدۇ.
5. چوشقا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
    چوشقا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ئەزەلدىن پۇل-مال ئۇقۇمىغا بولغان سەزگۈسى ئاجىز بولۇپ، پۇل تاپقاندىن كىيىنكى بىرىنچى ئويلىشىدىغان ئىشى پۇلنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈش بولىدۇ، پۇلنى ئۆزى خوشال بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىش ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدۇ.
   ئائىلىسى بولغاندىن كىيىن، چوشقا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر "قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا" دىگەن ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، خەجلىگىلى پۇل بار بولسا، بىرىنچى بولۇپ ئايالىنى ئويلايدۇ، ئايالىنىڭ ئالدىدا "قولىقى يۇمشاق"، گەپ ئاڭلايدىغان كىلىدۇ.
   مىجەزى چىقىشقاق كەلگەن چوشقا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا "سايىماخۇن" بولۇپ، ئايالىنىڭ ئۆزىگە ئەركىلەشلىرىگە ھەممىدىن بەك چىدىيالمايدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئەگەر ئۇلار ئەركىلەشنى بىلىدىغان بىر ئايال كىشىگە ئۆيلەنگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئايالى ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە تېخىمۇ كۆزى قىيىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
4. كالا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
   كالا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر يوۋاش ھەم كالىغا ئوخشاش مۆرىمەس كىلىدىغان بولۇپ، مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلىشنى بىلمەيدۇ؛ ئەمما ياتلىق بولۇشتا، ئۇلار يامان ئەمەس نامزات ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى كالا يىللىق ئەرلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ؛ خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغانلىق سەۋەبلىك، باشقا ئىشلار بىلەن كارى بولمايدىغان بولغاچقا، ئايالىغا يىتەرلىك بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ.
   كالا يىللىق ئەرلەر ناھايىتى ئىدراكلىق كىلىدىغان بولۇپ، ئاسانلىقچە قىزىقتۇرۇشلارغا تەسلىم بولمايدۇ؛ بۇ تەرىپى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر خاتىرجەملەندۈرۈش دورىسى ھىسابلىنىدۇ.
   كالا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر خىزمەت ياكى ئىگىلىك جەھەتتە تەرەققىيات ئىستىقبالى بار ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ياخشى بىر سەھنە ياكى پۇرسەت بولسىلا، ئۇلار ئاسانلا ئىگىلىك ياكى خىزمەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يىتەلەيدۇ، ئايالىغا يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بىرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياتلىق بولۇش ئوبىكتىنى تاللىغان ۋاقتىڭىزدا، كالا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنى كۆپرەك ئويلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. چاشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
   چاشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەرت ئادەم ھىسابلانمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئايالى بولغۇچى ئۇلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ناھايىتى مەرت ھەم كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ سىرتقا قارىتا پۇل يېغىدىغان پىخسىق كىلىدۇ، ئەمما ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا ناھايىتى قولى ئۇچۇق كىلىدۇ.
   ئۇلار ئايالىنى ھەرگىز زىيان تارتقۇزمايدۇ ھەم خاپا قىلمايدۇ، ئۇلار ئايالىنى قولىدىكى گۆھەردەك كۆرۈپ، ئايالى ئۈچۈن ھەرقانچە كۆپ پۇل خەجلەشتىن باش تارتمايدۇ. چۈنكى چاشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىگىلىك تۇيغۇسىنى تەدرىجى ھالدا ئائىلىسىگە يۆتكەيدۇ.
   چاشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرگە نىسبەتەن، پۇل تېپىش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بىرىدىغان ئۇلار، ئائىلىسىدىكى ئايالىغىمۇ غېرىپلىق ھىس قىلدۇرمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن چاشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر قېرىغانسىرى ئائىلىسىگە تېخىم بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ پۇل دۇنيالىق بولغاندا ئايالىغا تېخىمۇ كۆيۈنىدۇ.
2. يولۋاس يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
   يولۋاس يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر سىرتقى كۈرنۈشتە، كىمنى كۆرسە ياخشى كۆرۈپ قېلىپ يۈرىيدۇ؛ ئەمما بۇ توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى ھالىتى بولۇپ، ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن "يۇۋاشلاپ" قالىدۇ؛ ئۇلار ئەگەر بىر قىز بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلىپ قالسا، ئۇنداقتا باشقا ھەرقانداق قىز ئاياللار ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمىگە ئەرزىمەس بىلىنىدۇ.
    توي تۇرمۇشى تۇرمۇشى جەريانىدا، يولۋاس يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر مۇلايىم ھەم كۈيۈمچان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ساپ قەلبى بىلەن ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار گەرچە پىسخىكىسى بالىلارچە كەلسىمۇ، ئەمما ئىش قىلغاندا جۈرئەتلىك ھەم شىجائەتلىك كىلىدۇ، ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلايدۇ.
   ئەگەر سىز يولۋاس يىلى تۇغۇلغان ئەرلەرنى ياخشى كونتىرول قىلىمەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مەپتۇن قىلارلىقىڭىزنى يوقاتماسلىقىڭىز لازىم بولۇپ، روھى كەيپىياتىڭىزنى نورمال قويۇپ بىرىپ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە زىيادە ئارلىشىۋالماسلىقىڭىز لازىم؛ بەزى-بەزىدە ئۇنى مۇۋاپىق تۈردە ئىلھاملاندۇرۇپ قويسىڭىز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
1. توشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر
   توشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر تەپەككۇرى پۇختا، ئانالىز قىلىشقا ماھىر كىلىدىغان بولۇپ، ئىدراكلىق كەلگەن بۇ ئەرلەر ئوغۇل دوست ياكى ئىرىڭىز بولۇشتىكى ئەڭ ياخشى نامزات ھىسابلىنىدۇ.
   توشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ئايالىغا ۋە ئائىلىگە تۇتقان پۇزىتىسىيىسى، تاللاپ قارار چىقارغاندىن كىيىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك بولۇپ، ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن سىرتتا جان تىكىپ ئىشلىسىمۇ قىلچىلىك ۋايساپ قالمايدۇ.
   توشقان يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر يەنە ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستىقبالى بار بولغان "پاي" بولۇپ، ئۆمرىدە مال-مۈلۈك تەلىيى ناھايىتى زور، خىزمەت ۋە ئائىلە جەھەتتە ھەممىسىدە كۆڭلىدىكىدەك نەتىجە قازىنالايدۇ.
  توي تۇرمۇشىغا نىسبەتەن، توشقا يىلى تۇغۇلغان ئەرلەردە ھىسيات ۋە ئىدراك جەھەتتىكى قوش كاپالەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ناھايىتى ساپ كىلىدۇ، مۇھەببەت ئۈچۈن ھەرنىمىدىن باش تارتمايدۇ، ئۇلار 12 مۆچەل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号