قىزلار سىزنى ياخشى كۆرسە، بۇ سۆزلەرنى قىلىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاياللارنىڭ تەلىپى ئۇنچە بەك يۇقىرى ئەمەس، پەقەت ئۇلار يىغلاپ ئازاپلانغان ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭغا ھەمرا بولسىڭىزلا بولىدۇ! بۇندىن باشقا ئۇ ھەمىشە سىز بىلەن قارشى ماقامدا گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
سىز بىلەمسىز؟ ئۇ ھەر قېتىم ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا، سىز ئەگەر ئۇنىڭغا سىز بەك ئۆزگىچە گەپ قىلىسىز دەپ قويسىڭىز، ئۇ دەرھال يېغىسىنى توختىتپ كۈلۈپ كىتىدۇ.... ئۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز سەۋەپلىك خوشال بولىدۇ.

تۆۋەندىكىدەك ئاياللارنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ:
ئۇ ھەمىشە سىزدىن "سىز قەيەردە؟ نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟" دەپ سورىسا،بۇ ئۇنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ پەقەت سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ئويلىغان بولىدۇ؛ سىز ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازمىسىڭىز، ئۇ ئىدىيە توقۇنۇشى ئىچىدە قالىدۇ؛ سىزنىڭ ئالدىراش بولۇپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتالماي سىزنى ئويلايدۇ. ئەگەر باشقا ئادەم بولسا، ئۇ بۇنداق كۆڭۈل بۆلمەيتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاقتىڭىز يەتكەن ھامان ئۇنىڭدىن بىرەر ئېغىز ئەھۋال سوراپ قويۇڭ، قەلبىڭىزدە ئۇنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈڭ؛ ئەگەر ھەمىشە ئۇ تەشەببۇسكار ھالدا سىز بىلەن ئالاقىلاشسا، ئۇ ئۆزىنى پەسكەشتەك ھىس قىلىپ قالىدۇ.
ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى سەمىرىپ قاپتىمەن دىسە، ياكى مەن چىرايلىق ئەمەس دىسە، ئۇنى باشقىلارغا ھەسەت قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ؛ ئۇ پەقەت سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مۇكەممەل بولالماي قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ خالاس.
ئۇ ھەمىشە ئۇنىڭغا ياكى بۇنىڭغا قاراڭ، ئۇلار ئۇنداقكەن ياكى مۇنداقكەن دىسە، ئۇنى شۆھرەتپەرەس، ھەمىشە باشقىلارغا ھەۋەس قىلىدۇ دەپ قالماڭ؛ ئۇ پەقەت سىزگە قانداق قىلسىڭىز ئۇنى خوش قىلالايدىغىنىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.
ئۇ سورۇن ئايرىماي سىزنى قۇچاقلاپ سۆيسە، بۇ ئۇنىڭ بىرەر نەرسىنى كۆز-كۆز قىلىشى ئەمەس، بەلكى سىزگە ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويماقچى بولغانلىقى بولىدۇ.
ئۇ ھەمىشە سىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سىزگە ئىش بولسا ئۆزىنى ئىزدەشنى ئېيتسا، ئەمىلىيەتتە ئۇ سىزگە ياردەم قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىدۇ؛ ئۇ بۇ ئارقىلىق پەقەت سىزگە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ سىزنىڭ يېنىڭىزدا ھەمرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى.
يولدىن ئۆتكەندە بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق جايلاردا مېڭىۋاتقاندا بولسۇن، ئۇ قولىڭىزنى چىڭ تۇتىۋىلىپ قويۇپ بەرمىسە، سىز ئۇنى چاپلاشقاقتەك ھىس قىلىپ قالماڭ؛ ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ سىزگە قەتئى ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى.

ئەگەر سىز باشقا قىزلار بىلەن يېقىنراق تۇرۇپ قالغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ ئاچچىقلاپ قالسا، ئۇنى كۆڭلى تار، ماڭا ئىشەنمەيدۇ دەپ قالماڭ؛ بۇ ئۇنىڭ كۈندەشلىك قىلىۋاتقىنى بولۇپ، سىزگە ئىنتايىن ئىتىبار بىلەن قارايدىغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇ ھەسرەت چىكىدىغان ۋە كۆپ ياش تۆكىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنى بەك ھىسياتچان بولۇپ قالدى دەپ ئويلىماڭ؛ ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ قالغان بولۇپ، بىلىشىڭىز كىرەككى ئۇنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ياش تۆكىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولغاندا ھەمىشە سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى سورىسا، ئۇنى مۇستەقىل قارىشى يوق، ھەممىلا ئىشتا ماڭا تايىنىۋالىدۇ دەپ ئويلىماڭ؛ بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىگىنى، ھەممە ئىشتا سىز ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىدۇر.
بىر نەرسە سېتىۋالسا، ھەمىشە ئەڭ ئەرزىنىنى تاللاپ سېتىۋالسا، ئۇنى پىخسىق دىمەڭ؛ ئۇ پەقەت سىزگە پۇل تىجەپ بەرمەكچى بولغان خالاس.
ئۇ ھەمىشە يالغاندىن ئاچچىقلىنىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالسا، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئۇ راستىنلا كەتمەكچى ئەمەس، ئۇ يالغاندىن كەتكىلىۋاتقان بولىۋىلىپ، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئېلىپ قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۇ تۇيۇقسىزلا سىزگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلسا ياكى سىزگە ئەركىلەپ كەتسە، ئۇنى گۆدەكلىك قىلدى دەپ قالماڭ، ئۇپەقەت سىزنىڭ ئۇنى بەزلىشىڭىزنى كۈتۈپ شۇنداق قىلغان.

بۇنداق ئاياللار سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدۇ:
تاماكا چىكىشىڭىزنى ياقتۇرماسلىقى، تاماكا سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر؛ ئەمما بەزىبىر ۋاقىتلاردا سىزنى تاماكا چەككىلى قويسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنىڭ تاماكىنى تاشلىيالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدىغانلىقىنى ھەم سىزنىڭ تاماكا چىكەلمەي بىئارام بولۇشىڭىزنى خالىمىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.
ھەمىشە سىزنى ئەخمەق دەيدۇ، ئەمما ئۆزى قىلغان ئىشلار سىزدىنمۇ بەك ئەخمىقانە بولىدۇ.
سىزنىڭ ئۇنىڭ قولىنى مەجبۇرى تارتىپ مېڭىشىڭىزنى ھەمدە سىز بىلەن ئون بارماقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
سىز مۇزلىغان ۋاقىتلاردا ئۇ سىزنىڭ قوللىرىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ ئسىسىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇزلىغان ۋاقتلاردا سىزمۇ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاڭ.
قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا سىزنى قۇچاقلاشنى ئويلايدۇ، ئەمما چوڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا سىزنى قوغداشنى ئويلايدۇ.
سىزگە قارىتا ناھايىتى كەڭ قورساق بولىدۇ، ھەمىشە سىزگە كۈلۈمسىرەيدۇ. مۇھەببەت گەرچە شەخسىيەتچى كەلسىمۇ، ئەمما سىزگە كەڭ قورساق بۇلۇشنى سىزگە يول قويۇشنى خالايدىغان بىر قىزنى ئۇچراتقان ۋاقتىڭىزدا، ئۇنى ياخشى قەدىرلەڭ.
سىز بىلەن ھېچقانداق ئادەم ئاۋارە قىلمىغان ھالەتتە، جىمجىتقىنە بىرگە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
سىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئەگەر ئۇ دوستلىرىڭىز بىلەن تۇنۇشمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بىر چەتتە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ.
سىزدىن خاپا بولىدۇ، ئەمما سىز ئۇنى ياخشى بەزلەپ پەپىلەپ قويسىڭىز ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كىتىدۇ. ئۇندىن باشقا قىزلار ئاچچىقلانغان ۋاقتىدا ئەڭ ئوماق بولۇپ كىتىدۇ.
ئۇ ناھايىتى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىدىغان بولۇپ، ئەمما سىز ئۈچۈن پىرىنسىپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشنى خالايدۇ.

سىز بىلەن بىرگە تاماق يىگەن ۋاقىتتا ناھايىتى خوشال بولىدۇ.
سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئەدەپلىك بولىدۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بولسا ئاچچىقى يامان كىلىدۇ.
سىز ئۇنىڭدىن مىنى سېغىندىڭىزمۇ دەپ سورىسىڭىز، ئۇ سېغىنمىدىم دەيدۇ، ئەمىلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
سىزگە قاراپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ مەيلى سىز ئۇخلاۋاتقان ياكى تاماق يەۋەتقان بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەر بىر پەيتنى تۇتىۋىلىشنى ئويلايدۇ.
سىز ياقتۇرمايدىغان كەمچىلىكلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزگەرتىدۇ.
ئۆزىگە نىسبەتەن بىپەرۋا بولسىمۇ، ئەمما سىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئەستايىدىل ھەم زىرىپ كىلىدۇ.
سىزگە ئەركىلەپ، سىز بىلەن گەپ تالىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا يول قويغاندىكى تۇيغۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

ھەمىشە قالايمىقان خىياللارنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ سىز بىلەن كەلگۈسى بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھەمىشە بەزىبىر سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى سىزنىڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدىغان قىزلاردىن سىزنى كۈنلەيدۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا سىزنىڭ بەخىتلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۇ باشقىلارنى مۇرادىغا يەتكۈزمەكچى ئەمەس، پەقەت سىزنىڭ بەخىتلىك بولۇشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلماي دەپ ئويلايدۇ.
ئاياللار ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ئاجىز، ئۇلار مۇشۇنداق سەبى ھەم ئەخمەق. يۇقىردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ مەن بەكمۇ تەسىرلەندىم، ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم.
ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز بۇلارنى چۈشىنىپ يەتتىڭىزمۇ؟ كۆز ئالدىڭىزدىكى ئادەمنىڭ قەدرىنى قىلىڭ!