ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
خىزمەتچى ئەرلەرگە ماس كىلىدىغان كۈزلۈك كىيىم پاسونلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
  كۈز كۈرگەندىن بويان، نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەن كەچنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقىنىڭ كۆرنەرلىك بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلماقتا؛ ھەرقايسى چوڭ تور سودىگەرلىرىنىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى ئىتىبار باھالىرى، سىزگە ھەر ۋاقىت كۈز كۈنلىرىنىڭ كىلىمەن دەپلا يىتىپ كىلىدىغانلىقىنى، پەسىل ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەردىن سېتىۋىلىپ تەييارقىلىش ۋاقتىنىڭ يىتىپ كىلىپ قالغانلىقىدىن ئەسكەرتىش بىرىپ تۇراتتى.
  خانىم-قىزلار ئادەتتە نىمە كىيىش، نىمە سېتىۋىلىش قاتارلىق جەھەرتلەردە كۆپىنچە سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان "رادار"غا ئىگە؛ ئەمما كىيىنىش جەھەتتە "ئىنكاسى ئاستا" كىلىدىغان، بولۇپمۇ خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدىن، مودا ئېقىمىنى تەتقىق قىلىشقا يىتىشەلمەيدىغان ئەر يولداشلارغا نىسبەتەن، ئۇلار كۆپىنچە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەر خىل مودا ئېقىملىرىدىن كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ، ھەتتا بەزىدە نىمە سېتىۋىلىشنى ۋە نەدىن سېتىۋىلىشنىمۇ بىلەلمەي قالىدۇ...
   كاستۇمنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىشىنىمەنكى ئەر يولداشلارنىڭ ھەممىسى كاستۇمدا ئەسلىدىنلا بار بولغان "سودا ئىشلىرى" نەسەبىنى پۇراپ بىلەلەيدۇ؛ ئادەتتە كاستومنى ئەرلەرنىڭ سودا ئالاقىسى جەريانىدىكى ئەڭ بىخەتەر كۈزلۈك كىيىملىرىنىڭ بىر خىلى دىيىشكە بولىدۇ.

   بۇندىن باشقا بۇ يىل قوش قاتار تۈگمىلىك كاستوم ئىنتايىن مودا بولغان بولۇپ، سودا ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشى. ئەگەردە مىتال رەڭلىك تۈگمە سەپلەنسە، كىلاسسىك ھەم نەپىسلىك تۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

خۇرۇم چاپان
   گەرچە پەلتودەك ئۇنداق سۆلەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما خۇرۇم چاپان ئوخشاشلا كۈزلۈك تاش كىيىم ئارىسىدا مۇھىم ئورۇن ئىگەللەيدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر خۇرۇم چاپاننى ئەركىن ئازادە ھالەتتە كىيىشكە ماس كىلىدىغان يەككە سەپلىمە، سودا ئالاقىسى جەريانىدا كىيىشكە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
   ھەقىقەتەن شۇنداق، تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىكىدەك، رەڭگى بەك ئوچۇق، بەك كالتا، سىرتمىلىرى ۋە پىستانلىرى كۆپ بولغان خۇرۇم چاپانلار ۋە 90 يىللار ئۇسلۇبىدىكى ئىستىراھەت تىپىدىكى خۇرۇم چاپانلارنى كىيىپ خىزمەتكە بارغاندا، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنى كۆرەڭلىك قىلغاندەك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ قويىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号