ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
11ياشلىق قىزنىڭ تويى—تەسىرلىك مىنۇتلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
    توي قىلىش ئەسلىدە خوشال بولۇشقا تىگىشلىك بىرئىش، ئەمما سۈرەتتىكى بۇ قىز ئازراقمۇ خوشال بولالمىغان، ئەكسىچە ئازاپلىنىپ كۆز ياشلىرىنى تۆككەن. بۇ قىز بۇيىل ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ نىمە ئۈچۈن كىچىككىنە تۇرۇپلا توي قىلىدۇ؟ ئۇ يەنە نىمە ئۈچۈن ئازاپلىنىپ يىغلايدۇ؟
    ئەسلىدە بۇ ۋەقەلىكنىڭ كەينىدە كىشنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھىكايە يۇشۇرۇنغان ئىكەن. ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكا كالىفورنىيە شىتاتىلىق، جوسسىي.زىس ئسىملىك 11 ياشلىق بىر قىز، دادىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن قاتتىق ئازابلانغان. ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا، جوسسىي ئائىلىسىدىكىلەر جوسسي بىلەن ئۇنىڭ دادىسىغا تەئەللۇق بولغان بىر مەيدان ئالاھىدە توي ئورۇنلاشتۇرغان. رەسىمدىكى بۇ ئەر كىشى جوسسينىڭ دادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى جىم زىس ئەپەندى، بۇيىل 62 ياشقا كىرگەن.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، 62 ياشلىق بۇ دادا ئاشقازان ئاستى بىزى راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىلىپ قالغان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ قالغان كۈنلىرىنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالدا ئادەتتە، نەچچە ئايلىقلا ئۆمرى قالغان ھىسابلىناتتى.
    بۇ دادىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى قىزىنىڭ تويىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ھەمدە ئۇنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئىدى.
    كىيىنچە، بىر كەسپى فوتوگىراف ئەترىتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن، بۇ قېتىملىق ئالاھىدە توي ئۆتكۈزۈلگەن؛ بۇ تويدا كۈيئوغۇل يوق بولۇپ، قىز،ئوغۇل قولداشلار تېخىمۇ يوق ئىدى. بۇ تويدا پەقەت ئىككىلا ئالاھىدە كىشى بار بولۇپ، ئۇلار دادا ۋە قىزى ئىدى.
    قىزىنىڭ نەزىرىدە بۇ قېتىملىق توي خۇددى خوشلىشىش مۇراسىمىدەك بولۇپ، پۈتكۈل جەرياندا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توختىمىغان ئىدى، چۈنكى ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىگە يەنە قانچىلىك ۋاقىت ھەمرا بولالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
    ئون نەچچە يىلدىن كىيىن، ئۇنىڭ ھەقىقى تويىدا، ئۇ بۇ رەسىمنى كۆتۈرۈپ، دوستىلىرىغا سۈرەتتىكى بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۇ ئالەمدىكى دادىسىغا ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ...

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号