قانداق قىلغاندا ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
مۇھەببەت ئۆز-ئارا بولىدىغان بولۇپ، ئەزەلدىن بىر ئادەمگە تايىنىپ ساقلاپ قالىدىغانغا ئەمەس؛ مۇھەببەت بىردەم-بىردەمدە ئۆزلىگىدىن پەيدا بولۇپ تۇرمايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يۈرگۈزۈشى ۋە ئورتاق ئۆسۈپ يىتىلىشى لازىم بولىدۇ؛ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى قانداق قىلغاندا ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت نوقتىنى بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك.
01
بىرسى تۇتۇپ قالىدۇ، بىرسى قېلىشنى ئويلايدۇ
"سابىق ئوغۇل دوست" فىلىمىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىنىڭ باشلىنىشىدا لىنجىيا مېڭيۈنگە ئايرىلىپ كىتىش تەلىپىنى قويىدۇ.
لىنجىيا غەزەپلەنگەن پېتى مىھمانخانىدىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ئۇچۇق-ئاشكارە نەرسە-كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلايدۇ؛ مېڭيۈن بولسا تاماكىسىنى چىكىپ، بەرىبىردەك ھالەتتە بولۇۋىلىپ ئولتۇرىدۇ. بىر ئاخشاملىق تىركىشىشتىن كىيىن، لىن جىيا ئاخىرى كىتىدۇ، مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ....
نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، بىرسى قارشى تەرەپنى كىتىپ قالمايدۇ، مىنى قورقۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ؛ يەنە بىرسى قارشى تەرەپ مىنى تۇتۇپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە بىرسى كەينىگىمۇ قارىماي كىتىپ قالىدۇ، يەنە بىرسىمۇ تۇتۇپ قالمايدۇ، مۇشۇنداق ئايرىلىمىز دەپلا ئايرىلىپ كىتىدۇ.
راستىنلا كىتىشنى ئويلىغان ئادەم جىمجىتقىنا ئايرىلىدۇ، ھەرگىز ئۇچۇق-ئاشكارە كىتىمەن دەپ داۋراڭ سالمايدۇ.
ئاياللار كىتىمەن دەپ داۋراڭ سالغان ۋاقىتتا، ئەمىلىيەتتە ئەر كىشىنى مىنى تۇتۇپ قالامدۇ يوق سىناپ باققىنى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئەر كىشى ئۇنى قوغلاپ بىرىپ، ئۇنىڭغا ئىگىزدىن چۈشىدىغان پەشتاق ھازىرلاپ بەرسە، ئايال كىشى كۆڭلى يۇمشاق قەپ قالىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى چاتىغى يوق ئولتۇرسا، ئايال كىشىنىڭ كۆڭلى سۇۋۇپ، يۈرىكىنى قاتۇرۇپلا، كەينىگىمۇ قارىماي كىتىپ قالىدۇ.
ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە، بىرسى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىرسى قېلىشنى ئويلاشسا، بۇلار ئاسانلىقچە ئايرىلىپ كەتمەيدۇ.

02
بىرسى سورايدۇ، بىرسى جاۋاپ بىرىدۇ
بىر ئوقۇرمەن سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دىگەن:
"توي قىلىشتىن بۇرۇن، مىنىڭ كەيپىياتىم ئازراقلا ناچار بولۇپ قالسا، ئىرىم دەرھال بۇنى سىزىپ قېلىپ، مىنىڭ خاپا بولۇشۇمدىكى سەۋەپنى سەۋرچانلق بىلەن سورايتتى. ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن، مەن ئاچچىقلاپ چېچىلىپ قالسام، ئۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ ئولتۇرىدۇ؛ بۇنداق بولىۋەرگەنسىرى، مەن ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ، ئاجرىشىپ كىتىشنى ئويلاشتىم...".
لۇشۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: ئىنسانلارنىڭ خوشاللىق ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرى بىر-بىرىنىڭكىگە باغلىنىشلىق كەلمەيدۇ؛ ھەتتا ئۇرۇغ-تۇققانلار ۋە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىمۇ، بىز پۈتۈن ئۆمرىمىزنى سەرپ قىلىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ چۈشىنىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىزدىشىمىز كىرەك.
بىر-بىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىزدەپ تېپىش ياكى چۈشىنىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرىشىش جەريانىدا، ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى سۇئال سوراش ۋە جاۋاپ بىرىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. سۇئال سوراش ئۆزىمىزنىڭ قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنىمىزنى ئىپادىلىگىنىمىز بولىدۇ؛ جاۋاپ بىرىش بولسا ئۆزىمىزنى ئىپادىلىگىنىمىز بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن بولىدۇ.
ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا، بىرسى سۇئال سورىسا، بىرسى جاۋاپ بەرسە، ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى ھىسيات بىر سۇئال ۋە بىر جاۋاپ ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا ئىرىشەلەيدۇ.

03
بىرسى سۆزلەيدۇ، بىرسى ئاڭلايدۇ
قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلار، ئەتراپىدا كىچىككىنە بىر ئىشلار يۈز بەرسىمۇ، قارشى تەرەپكە دەرھال سۆزلەپ بەرگۈسى كىلىپ كىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەمىشە سۆزلەپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان گەپلىرى بولىدۇ، كىچە-كىچىلەپ يانفوننى قۇچاقلاپ يېتىپمۇ بىر-بىرىگە دەيدىغان گېپى تۈگىمەيدۇ.
ئەمما نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلارنىڭ تويدىن كىيىن پىكىر ئالماشتۇرۇشى بارغانسىرى ئازلاپ كىتىدۇ؛ كۆڭلىدە دىيىشىشكە تىگىشلىك ئىشلىرى بار بولسىمۇ، بىرسىنىڭ سۆزلىگۈسى كەلمەيدۇ، يەنە بىرسىگىمۇ ئاڭلاش خوش ياقمايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئىككەيلەن ئورتاق قىزىقىدىغان پاراڭ تىمىلىرى بارغانسىرى ئازلاپ، قارشى تەرەپكە بولغان ئىشەنچىسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ئاخىرى بېرىپ ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت تەدرىجى سۇسلاپ كىتىدۇ.
سۈكۈت قىلىش، ئەر-خوتۇنلار ئارلىقىنىڭ يېراقلىشىپ كىتىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئەگەر قارشى تەرەپكە گەپ قىلىشنىمۇ خالىمىسا، قارشى تەرەپنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمىسا، ئۇنداقتا چوقۇم قارشى تەرەپكە ئىتىبار بەرمەيدىغان ھەم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يەنە بىللە ئۆتۈشنىڭمۇ ئورنى قالمايدۇ.
ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا دەردىنى تۆكۈپ، ھال ئېيتىشسا، بىر-بىرىگە بولغان چۈشىنىش كۈچىيىپ، قەلىبلىرى تەبىئى ھالدا يېقىنلىشىدۇ.

04
بىرسى كەينىگە يېنىپ بىرىدۇ، بىرسى يول قويىدۇ
مەن بەزىبىر ئەر-خوتۇنلارنىڭ تىرناقتەك كىچىككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈن گەپ تالىشىپ، قىزىرىشىپ سوقۇشۇپ كەتكىنىنى، بىر-بىرىگە قىلچىلىك يول قويماي قول كۆتۈرۈشۈپ ئۇرۇشۇپ كەتكىنىنى كۆرگەن.
نەچچە ئون يىلنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ياشانغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن مۇنداق دىگەن: ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ، ئۆمرىدە ئازدىگەندىمۇ 100 قېتىم ئاجرىشىپ كىتىش ئويىغا كىلىدۇ ھەمدە ئاز دىگەندىمۇ 50 قېتىم قارشى تەرەپنى بوغۇپلا ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى كىلىپ كىتىدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش مۇھىتى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلىلەرگە تۇتىدىغان پۇزۇتسىيىسى ئوخشىمايدۇ، تۇمۇش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك، بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش جەريانىدا ئىختىلاپ كۆرلۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-خوتۇنلار كۈندە بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن، ئوتتۇرلۇقتا ئاز تولا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قېلىشتىن تېخىمۇ ساقلىنالمايدۇ.
"كىچىك جىدەل مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، چوڭ جىدەل ئادەمنى ئازاپقا قويىدۇ". ئەر-خوتۇنلار ئارىسدا ئادەتتە يا بىر چوڭ ئۆچ-ئاداۋەت بولمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلىدىلا بىر ئۆمۈر ھەمراھلىقتا ئۆتۈشكە قەسەميات قىلغان ئىكەنمىز، يىڭىش-يڭىلىشنى تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
مۇھەببىتىنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قالالىغان ئەر-خوتۇنلار چوقۇم يول قويۇشنى بىلىدىغان، بەزى ئىشلارنى چىداپ ئۆتكۈزۈۋىتىدىغان ئادەملەردۇر.
ئەر-خوتۇنلار مۇھەببىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشى، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئىدراكى بىلەن يۈرگۈزىشىگە باغلىق بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدىكى بۇ نوقتىلارنى بىلىۋالسىڭىز، ئىشىنىمەنكى سىزمۇ چاچلارغا ئاق يەتكۈچە ئۈزۈلمەيدىغان مۇھەببەتكە ئىرىشەلەيسىز.