يېقىندا، توردا باشقىلارنىڭ 17 ياش ۋە 27 ياشتا مۇھەببەتلەشكەننىڭ قانداق پەرقى بار دەپ سورىغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئويلاپ باقسام، ماڭا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ پەرقى، بىخەتەرلىك تويغۇسىنى ئۆز قولۇمدا تۇتىشىم كىرەكلىكىنى بىلىپ يىتىش ئىكەن.
17 ياشتا مەن بىر ئوغۇلنى ياخشى كۆرسەم، مەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۇنىڭ ماڭا بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ 27 ياشتا مەن بىر ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالسام، مەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆز قولۇمدا تۇتۇپ، ئۆزۈمگە تايىنىپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشىمەن؛ ئۇ ماڭا بەرگەن مۇھەببەت، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ياخشى مۇئامىلىسى ماڭا نىسبەتەن خۇددى "گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەندەك" بىر ئىش. بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى پەقەت ئۆزىمىز ئۆزىمىزگىلا بىرەلەيمىز.
مەن بۇندىن باشقا يەنە 200دىن ئارتۇق ئادەمنى زىيارەت قىلىپ، 17ياش ۋە 27 ياشتا مۇھەببەتلىشىشنىڭ تۆۋەندىكى نەچچە تۈرلۈك پەرقىنى خۇلاسىلاپ چىقتىم.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياش ۋاقتىدا شىرىن-شىكەر سۆزلەرنى ئاڭلاشنى بەكرەك ياخشى كۆرىمىز؛ 27 ياشتا بىزگە چىن كۆڭلىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەمنى ئۈمىد قىلىمىز، ئېغىزىدىلا سۆزلەپ ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان مۇھەببەتنى خالىمايمىز؛ بۇ ۋاقىتتىكى مەن چوقۇم بىرەر مەقسەتتە سىز بىلەن بىرگە بولىمەن. ھېچقانداق مەقسىتى يوق سىز بىلەن بىرگە بولىدىغان ئادەم، گۆمۈش بولىدۇ.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياش ۋاقىتتا مەن پەقەت ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىساملا، قارشى تەرەپ ئۈچۈن ھەممىنى قىلىپ بىرىمەن.
27 ياش ۋاقتىمدا بولسا، نىمىنىڭ قارشى تەرەپكە ماس كىلىدىغان "ياخشى" ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىمەن؛ مەسىلەن قارشى تەرەپ بىر ساندۇق ئالمىغا ئېھتىياجلىق بولسا، مەن ئۇنىڭغا بىر ساندۇق نەشپۈت بەرسەم، نەتىجىدە بۇ قارشى تەرەپكە ياقمايدۇ، مەن تېخى ياخشىلىقىمنى بىلمىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن.
★★★★★★★★★★★★★★★
17ياش ۋاقىتتا ھەمىشە مەڭگۈلۈك مۇھەببەتنى ئويلايمىز؛ 27 ياشقا كىرگەندە بولسا، ئەكسىچە بۇنداق ئويلىمايمىز؛ كۆز ئالدىمىزدىكىنى قەدىرلەيمىز دەيمىز، ئەمما مەڭگۈلۈك دىمەيمىز.
چۈنكى ئاتالمىش ۋەدە قەسەمياتلار كۆپىنچە ۋەدە بەرگەن شۇۋاقىتتىلا كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، ئۆمۈر شۇنچىلىك ئۇزۇن تۇرسا، ھېچكىم بىر كۈنلەردە ئۆزگىرىپ كەتمەيمەن دەپ كاپالەت بىرەلمەيدۇ، شۇڭا ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولغان ھەربىر سىكۇنت ھەر بىر مىنۇتنى چىڭ تۇتىشىمىز كىرەك.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياشتا مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، قارشى تەرەپنى ئۆزىمىزنىڭ بارلىقى دەپ ھىس قىلىپ، مەن پەقەت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندىلا ئاندىن بەخىتلىك بولىمەن دەپ قارايمىز.
27 ياشتا بولسا، ئەسلىدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇھەببەتنىڭ پەقەت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىلا ئىكەنلىكىنى، مۇھەببەتتىن باشقا بىزنىڭ يەنە خىزمەت ۋە بىزنى سۆيدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ بايقايمىز.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياش ۋاقىتتا قارشى تەرەپ بىلەن جىدەللىشىپ قالساق، ئىچىمىزنى بوشىتىشنى ئويلاپ، چوقۇم يىڭىش-يىڭىلىشنى ئايرىپ چىقماقچى بولىمىز ياكى قارشى تەرەپنى ئۆزىمىزنى بەزلەشكە سالىمىز.
27 ياش ۋاقىتتا بولسا، جىدەللىشىپ قالغاندا يىڭىش-يىڭىلىشنى ئايرىپ چىقىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىيىنكى قېتىم ئوخشاش بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مەسىلىنى ھەل قىلىش كىرەك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياش ۋاقتىمىزدا ھەمىشە قارشى تەرەپ كۆڭلۈمدىكىنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمىز.
27 ياشقا كەلگەندە بولسا، ھەرقانداق ئىشنى ئەگەر بىز ئوتتۇرغا قويمىساق، قارشى تەرەپنىڭ بىلىپ يىتىشكە ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىمىز.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياش ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ بىز ئۈچۈن بوران-چاپقۇنلارنى توسۇشىنىلا ئۈمىد قىلىمىز.
27 ياشتا بولسا، مۇھەببەتنىڭ ئۆز-ئارا بولىدىغانلىقىنى، ئورتاق ئۆسۈپ-يىتىلىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ ئازاپلىنىپ قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا ھەمرا بولۇشنى، ئۇ ماڭ ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا كۆكرەك كىرىپ ئالدىغا چىقىشنى ئۆگەندىم.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياش ۋاقتىمىزدا بىرسىنى ياخشى كۆرسەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشماي، نۇرغۇن ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىمىز.
27 ياش ۋاقىتتا ئۇنداق قىلمايمىز. بۇ ۋاقىتتا ئاۋال ئۆزىمىزنى سۆيىشىمىز كىرەكلىكىنى، پەقەت ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ياخشى سۆيسەك، ئاندىن باشقىلارنى سۆيگۈدەك ئىقتىدارىمىز بار بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىمىز.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياش ۋاقتىمىزدا، ئۈچ خىل قارىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ ياخشى كۆرۈشۈپ بىرگە بولۇشقا بولىدۇ دەپ سەبىيلەرچە ئويلايتتۇق.
27 ياش ۋاقتىمىزدا تەدرىجى شۇنى چۈشىنىپ يىتىمىزكى، بىر چاستوتىدا بولمىغان كىشىلەر بىر-بىرىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ، بىرگە بولسا بولمايدىكەن.
★★★★★★★★★★★★★★★
17 ياشتا مۇھەببەت ھەممىنى يىڭىپ چىقالايدۇ، مۇھەببەتنىڭ كۈچى تەڭداشسىز دەپ قارايمىز.
27 ياشقا كەلگەندە بولسا، ئەسلىدە ھەقىقى مەنىدىكى مۇھەببەت، ئاددىيلا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز مىنى سۆيىسىز ئەمەس بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىمىز؛ ئۇ پەقەت ھەقىقى تۈردە ئىككەيلەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلاشسا، سىزگە مەسئۇل بولسا، ئۇ ئاندىن سىزنى سۆيۈش سالاھىيىتى بار بولىدۇ، شۇندىلا ھەممىنى يىڭىپ چىقالايدىغان كۈچ بار بولىدۇ.
★★★★★★★★★★★★★★★
17ياش ۋە27 ياشتا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەردىن يەنە نۇرغۇنلىرى بار...
17ياشتا مۇھەببەتلىشىش بىر خىل كەچۈرمۈش، ئون يىلدىن كىيىنكى 27 ياشتا مۇھەببەتلىشىشمۇ ئوخشاشلا بىر خىل كەچۈرمۈش. بۇ خىل كەچۈرمۈش بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدىغان بولۇپ، بىزگە ئوخشىمىغان مەزگىلدىكى بىزنىڭ مۇھەببەتكە بولغان تۇنۇش قاراشلىرىمىزنى ھىس قىلىدۇرىدۇ.
ئاخىرىدا، مەيلى 17 ياش ياكى 27 ياش بولۇڭ، ھەرقاچان كۆڭلىڭىزنى سەمىمىي تۇتۇپ، بىر ئادەمنى قانداق ياخشى كۆرۈشنى ئۈگىنىۋىلىشنى ئۇنۇتماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.