ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۆڭلىڭىز چۈشكەن ئوغۇللارنى قانداق كەلتۈرۈشنى بىلەمسىز!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئوغۇللار بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى بىلەلمىدىڭىزمۇ؟
    گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي ئولتۇردىڭىزمۇ؟
    ئۇنىڭغا دىيىشنى ئويلىغان گەپلىرىڭىزنى ئېغىزىڭىزدىن قانداق چىقىرىشنى ئۇقالماي قالدىڭىزمۇ؟
   سىز ھازىر بويتاقلىقتىن قۇتۇلاي دەپ ئويلىغان، ئەمما ئوغۇل دوست ئىزدەش يولىدا تەمتىرەپ قېلىپ، خىجالەت بولۇپ، بىرىنچى قەدەمنى قانداق ئېلىشنى بىلەلمەي قالدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا سىزنى تەبرىكلەيمەن، بۈگۈن سالونىمىزغا دەل جايىنى تېپىپ كىلىپسىز. تۆۋەندە سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا بۇ جەھەتتىكى بەزىبىر چارە-ئاماللارنى سۇنىمىز.
    كۆپىنچە قىزلار ئوغۇللار بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغاندا، پاراڭ باشلاپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈشتىكى ئۇسۇل-چارىلەرنى بىلەلمەيدۇ؛ بۇنداق قىزلار كۆپىنچە ناھايىتى تۈز كىلىدىغان بولۇپ، نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي، "بامۇ سىز؟"، "تاماق يەپ بولدىڭىزمۇ"، "بۈگۈن ھاۋا ياخشىكەن" دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشتىن باشلايدۇ؛ نەتىجىدە ئىرىشىدىغان قايتۇرما ئىنكاس جىمجىتلىق ياكى "ھەئە"،"ھە...!!" دىگەنگە ئوخشاشلار بولۇپ، پاراڭنىڭ داۋامى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
    بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ سىزگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي قىزىقىشى بولمىغانلىقىدىن بولامدۇ؟  ياق، بۇنداق نەتىجە سىزنىڭ گەپ قىلىشنى پاراڭلىشىش ماھارىتىنى بىلمىگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىن  كىلىپ چىقىدۇ.
    مەسىلەن تۆۋەندە كۆرسىتىلىدىغان مىسالدىكى قىزغا ئوخشاش، ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان ئادەتتىكىچە بىر قېتىملىق پاراڭلىشىش، ئۇ ئۆز سىزىمىغا تايىنىپ ئاخىرىدا پاراڭنى يوققا چىقارغان.
    مەلۇم بىر قىزنىڭ بىر ئوغۇل بالىغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز-ئارا ئۈندىدارنى قوشۇۋالغاندىن كىيىن، ئۇ ئوغۇل بالا ئەزەلدىن بۇ قىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ پاراڭلىشىپ باقمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر كۈنى قىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش نىيىتىگە كىلىپ، ئۈندىدارنى ئېچىپ ئۇ ئوغۇل بىلەن بولغان پاراڭنى باشلىغان:
       قىز: بارمۇ سىز؟
       ئوغۇل: بارغۇ
       قىز: نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
   قىزنىڭ بۇ سۇئالى بىرىنچى مەيدان جىمجىتلىقنى پەيدا قىلدى؛ ئوغۇل بۇنىڭغا خىلى ۋاقىتقىچە جاۋاپ قايتۇرمىدى؛ قىز بولسا چاتاق بوپتۇ، ۋاقىتىنى ياخشى تاللىيالماپتىمەن، ئۇ تاماق يەۋەتقان ياكى ئويۇن ئويناۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ:
      قىز: تاماق يەپ بولدىڭىزمۇ؟
      ئوغۇل: يەپ بولغان، سىزچۇ؟
      قىز: مەنمۇ بۇرۇنلا يەپ بولغان.
   بۇنداق مەزمۇندا پاراڭلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك؛ بۇنداق پاراڭلىشىش ناھايىتى ئەھمىيەتسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ئېغىز دىئالوگدىن كىيىنمۇ يەنە ئوغۇل بالىنىڭ ھاياجانلىنىشىنى قوزغىيالمىسىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزگە بولغان قىزىقىشىمۇ يوقىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىز ئۇ نىمە ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا گەپ قىلمايدىغاندۇ، ماڭ قىزىقمامدىغاندۇ يا دەپ ئويلايدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭ بەختىگە يارىشا، بۇ ۋاقىتتا ئوغۇل بالا ئاۋال گەپ باشلايدۇ:
      ئوغۇل: ماي بايرىمىدا قەيەرگە بېرىپ ئويناپ كىلىشنى پىلانلاۋاتىسىز؟
      قىز: مەنما؟ مەن ھېچيەرگە بارمايمەن، ئۆيدە بولىمەن.
      ئوغۇل: مۇنداقكەندە
    بۇ ۋاقىتتا ئىككىنچى مەيدان جىمجىتلىق باشلىنىدۇ؛ قىز، ئاپلا! گەپنى بەك تولدۇرۇپ دەۋەتىپتىمەن، دەرھال ئامال قىلىپ ئورنىنى تولدۇرۋالاي دەپ ئويلاپ ئالدى بىلەن گەپ باشلايدۇ:
      قىز: مىنىڭ بەك دالىيغا بارغۇم بار، ئاڭلىسام ئېرخەي دېڭىزىنى ناھايىتى چىرايلىق دەيدۇ.
      ئوغۇل: مەن يۈننەنگە بىر قېتىم بېرىپ باققان؛ ئىلگىرى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىدى، ئەمما ھازىر بىرقەدەر قالايمىقان بولۇپ كىتىپتۇ، سىز بىر قىز بالا چوقۇم ھەمراھتىن بىر تېپىپ بىللە بارسىڭىز ئاندىن بىخەتەر بولىدۇ.
      قىز: ئۇنداقتا سىز ماڭا ھەمرا بولۇپ بېرىڭچۇ؟
      ئوغۇل: مىنىڭ ۋاقتىم بارمۇ يوق بىلمەيمەن، كىيىنچە بىر گەپ بولسۇن.
    كۆردىڭىزمۇ، بۇ بىر بۆلەك پاراڭ جەريانىدا قىز باشلىنىشتا نەدىكى قۇرۇق پاراڭلارنى سېلىپ، پاراڭنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قېلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى؛ كەينىدىن ئۇ يەنە ھۇجۇمنى زىيادە كۈچلۈك قىلىۋىتىپ، ئوغۇلنىڭ ئازغىنە مايىللىقىنى بىۋاستە قورقىتىپ قاچۇرۋەتتى.
    توغرا بولغان پاراڭلىشىش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟ بىز تۆۋەندە باشقا بىر مىسال كۆرۈپ باقايلى؛ بۇ بىر بۆلەك پاراڭلىشىش ماھارىتى ئۆگەنگەن بىر قىزنىڭ مىسالى.
   بۇ ئۇسۇل بولسا ئاتاقلىق " كۆپ تەرەپلىمىلىك دىئالوگ تۇمۇرى" بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى، پاراڭ تېمىسىنى تەدرىجى كېڭەيتىپ كۆپ قاتلاملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولۇپ، يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن پاراڭنى بىر تۈز سىزىققا ئوخشاش داۋاملاشتۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ.
      قىز: سىزدىن بىر سۇئال سورىسام بولامدۇ؟
      ئوغۇل: بولىدۇ، نىمە ئىش؟
      قىز: قىز بالا تاماق ئىتىشنى بىلمىسە راستىنلا ياتلىق بولالمامدۇ؟
      ئوغۇل: ئۇنداق بولۇپ كەتمەس
      قىز: ئانام مىنى ھەر دائىم ھۇرۇن دەپ ئەيىبلەپ، كىيىنچە سىنى ھېچكىم ئالمايدۇ دەيدۇ.
      ئوغۇل: ئۇنداق بولمايدۇ، ھازىر ئىلگىركىگە ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرى ئاياللارنى چوقۇم تاماق ئىتىشنى بىلىشى كىرەك دەپ قارىلاتتى؛ ھازىرقى قىزلارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىللىق ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك.
      ئوغۇل: ئەگەر سىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ دىگىنىدەك بولىدىغان بولسا، بىز ئەرلەر ھەممىمىز بويتاق قالىمىز ھازىر.
      قىز: ھا!ھا...! سىز بەك قىزىقچىكەنسىز.
    پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنى ماختاپ قويسىڭىز، ئۇغۇللارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاشقا بولىدۇ
      ئوغۇل: سىزنى خوشال بولسۇن دەپ شۇ...
    كۆردىڭىزمۇ، بىردەمدە ئۈنۈمى كۆرۈلدى مانا، كەيپىيات بىردەمدىلا ئىللىقلىققا چۆمدى. بۇ ۋاقىتتا قىزلار بۇنىڭغا چۆكۈپ قالماي، دەرھال تېمىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىشى كىرەك.
      قىز: نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا سىز دوستلار چەمبىرىكىگە بىر پارچە سۈرىتىڭىزنى چىقىرىپتىكەنسىز، مۇسكۇللىرىڭىز خېلىلا چىقىپ قاپتۇ، سىزنىڭ يەنە تېخى بەدەن چېنىقتۇرىدىغىنىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
      قىز: سىز بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۋاتامسىز؟
      ئوغۇل: ھا!ھا...! بەزى-بەزىدە چېنىقىش كۇلۇبلىرىغا بېرىپ ئاز-تولا ھەرىكەت قىلىپ كىلىمەن؛ مەن تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.
    قىز مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئوغۇلنىڭ قىزىقىشىنى بىلىۋالدى.
      قىز: سىز ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويىدىكەنسىز، بىزنىڭ ئىشخانىدىكى قىزلارمۇ ئۇرۇقلاش بىلەن ئالدىراش، ئەمما مەن شۇ ئېغىزىمنى باشقۇرالمايدىكەنمەن.
    يەنە بىر قېتىم ئۇنى ماختىغاچ، ئۇستاتلىق بىلەن پاراڭ تېمىسىنى ئۆزى قىزىقىدىغان تېمىغا يۆتكىۋالدى.
      ئوغۇل: ئەسلى سىز گېلىڭىزغا ئامراق ئىكەنسىز ھە؟
      قىز: ھەئە، شۇ! ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئۇچراتسام  قەدەملىرىمنى يۆتكىيەلمەي قالىمەن.
      ئوغۇل: مەنمۇ گېلىمغا ئامراق.
      قىز: ۋا...! راستما؟
      قىز: مەن ناھايىتى ئوخشايدىغان بىر خوگوخانىنى بىلىمەن، كىيىن ئىككىمىز بىللە بېرىپ يەپ كىلەيلى.
      ئوغۇل: ok
   ئوغۇللارنىڭ قىزىقىشلىرى ۋە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن، ئۇ قىزىقىدىغان كونكىرتنى تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويساق، كۈندىلىك تۇرمۇش دائىرسىدە، سىز تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلىش پىلانىڭىزنىڭ خۇددى شۇنداق بۇلۇشقا تىگىشلىكتەك مۇۋاپىق ھەم لايىقىدا ئورۇنلانغانلىقىنى ھىس قىلىسىز. يۇقىرقى مىسالدىكى قىزچاقنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئوغۇل بالىنى تاماققا تەكلىپ قىلالىشى، ئۇنىڭ كىيىنكى قەدەملىك ھەرىكىتىنىڭ ئاچقۇچى.
    ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، پاراڭنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىڭ، دىققىتىڭىزنى پاراڭ تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۋالماڭ. پاراڭ تېمىسىنى تەبىئى ھالدا ئۇستاتلىق بىلەن ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىزلا، پاراڭنى داۋاملاشتۇرۇلماي ئۆلۈك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنالايسىز.
    ئەمىلىيەتتە ئوغۇللارنى كەلتۈرۈش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، سىز پەقەت پاراڭلىشىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋالسىڭىزلا، ھەر مىنۇتتا ھىكايىلەر يۈز بىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号