ئاياللارنى نەس بېسىش ئالدىدا كۆرلىدىغان بىشارەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
پىسخىلوگىيەدە ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈپ قالغان مەزگىللەردە، ئۇلار ئىگىلىك ياكى مۇھەببەت جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا پېتىپ قالىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتتا بىر ئادەمنىڭ "تەلىيى" ئۇلارنىڭ خوشال كەيپىياتىغا باغلىق كىلىدۇ؛ بىزنىڭ ئادەتتە "كۈلۈشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ تەلىيى ئوڭ بولىدۇ" دىيىشىمىزمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ.
ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز تەلىيىم ئوڭدىن كەلسۇن دىسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى ھەم سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كىرەك. ئادەتتە بىر ئايال كىشىنىڭ تەلىيى كاجغا ئۆزگىرىپ نەس بېسىش ئالدىدا، ئۇلاردا چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرلىدۇ!
1. ناچار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
جاڭ ئەيلىڭ ئىلگىرى "ياش ۋاقىتلىرىدا بىرەر ناچار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغان كىم بار" دەپ ئېيتقان. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، بىز ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ھېچىنىمىگە قارىمايدىغان مۇھەببەتكە ئىنتىلىمىز؛ ئەمما يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشى ۋە تۇرمۇش كەچمىشلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىز بارغانسىرى شۇنى چۈشىنىپ يەتتۇقكى، پىشىپ يىتىلگەن مۇھەببەت ئاددى-ساددا ھەم ئادەتتىكىچە كىلىدۇ؛ پۇختا ھەم ئىشەنچىلىك كەلگەن مۇھەببەتلا ئۇزۇنغا سۇزۇلالايدۇ.

ياش ۋاقىتلىرىمىزدا، بىز دۇكانلاردىكى ئەينەك جاھازىلار ئىچىدىكى چىرايلىق كەمپۈتلەرنى ۋە تاتلىق تۈرۈملەرنى كۆرسەك، ئۆزىمىز تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ياقتۇرمايدىغان بولساقمۇ، يەنىلا ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي ئۇنى سېتىۋالاتتۇق؛ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياش ۋاقىتلىرىمىزدا، ئازراق قاملاشقان ئوغۇللارنى كۆرسەكلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىز دوستىغا ئايلىنىشنى ئويلايتتۇق. بۇنىڭدا ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى تەرپىدىن جەلىپ قىلىنغان. بىز ئۇلارنى "سېتىۋالغاندىن" كىيىن، "تېتىپ" باقساق، ئۇنىڭ بىز ياخشى كۆرىدىغان "تەمدە" ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز، ئەمما بۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان بەلگىلىك قىممەت تۆلىگەن، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا چىداپ يەۋىتىش كىرەكمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىش كىرەكمۇ؟
بۇنىڭ جاۋابى بولسا، چوقۇم ۋاز كىچىش كىرەك؛ بولمىغاندا سىز ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ ئازاپ ۋە كاج تەلەي تېپىۋالىسىز. چۈنكى، سىزگە كۆيۈنۈشنى ۋە سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشنى بىلمەيدىغان بىر ئەركىشى، ھەر ۋاقىت سىزگە ئاسانلا ھەر تۈرلۈك شەكىلسىز ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئازاپلارنىڭ توپلىنىپ يېغىلىشى بولسا سىزنىڭ خامۇشلىشىپ، ھەمىشە دەرت تارتىپ ئۆتىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك سىزنىڭ بىر خىل پاسسىپ روھى كەيپىياتىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىزنى ھەممىلا ئىشىڭىزدا نەس باسىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
2. كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ.
رىئال تۇرمۇشىمىزدا، بىز نۇرغۇنلىغان "ئۆي مۈشۈكلىرى"نى بىلىمىز؛ بۇ ئادەتتە سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىغان، ئىمكان قەدەر ئۆيدىلا ئولتۇرۋالىدىغان ئوغۇل-قىزلارغا بىرىلگەن يىڭىچە ئاتالغۇ. بولۇپمۇ بەزى قىزلار، ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنىمۇ ئاسرىمايدۇ، ئۇلار ھەر خىل تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلسە يېتىشنىلا بىلىدۇ؛ ئىجتىمائى ئالقىنى رەت قىلىشنىڭ ئاقىۋىت، تەنھالىقتا قېلىپ ئەتراپىدا دوست-يارەنلىرى بولماسلىق بولۇپ، بىز بۇنى ئادەتتە "كۈن ئۆتكۈزۈش" دەپ ئاتايمىز.
ئۆزىگە ھاياتلىق نىشانى تۇرغۇزماي، تۇرمۇشنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ سىناپ بېقىشنى رەت قىلىپ، بەدەن شەكلىنى ياخشى ئاسرىماي ھەم ئۆز چىراي گۈزەللىكىنى ئاسراش تىرىشماي، يەنە تېخى پۇلدار خوجايىننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنى خىيال قىلىپ ئولتۇرىدىغان بۇنداق قىزلارنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلمەيدۇ. چۈنكى پۇرسەتلەرنىڭ ھەممىسى تەييارلىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان بولۇپ، شارائىتى ياخشى ئەرلەر پەقەت شارائىتى ياخشى ئاياللارنىلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ؛ ئايال كىشىنىڭ پۇلى كۆپ بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۆزىنى تېخىمۇ تەنناز، بىلىملىك قىلىپ ئۆزگەرتەلىسە، يەنىلا شارائىتى ياخشى "شاھزادىلەر"نىڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا ئاسانلا ئىرىشەلەيدۇ.

ئەمما ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن "ئۆي مۈشۈكلىرى"، ھەر كۈنى كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا بىلىپ، ھۇرۇنلۇقنى خاتىرجەملىك چاغلاپ، تىلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈشنى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى قىلىۋالغان؛ بۇ خىل قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۇلارغا چوقۇم تېخىمۇ نەس باسقان تۇرمۇش ئېلىپ كىلىدۇ.
3. ئۆزىنى مەيلىگە قويىۋىتىش.
كۈن ئۆتكۈزۈشكە قارمۇ قارشى بولغىنى، كۈندە ئويۇن-تاماشاغا بىرىلىش بولۇپ، بۇنداق قىزلارمۇ ھەممىسى پۇلدار ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئايلىق تاپاۋىتىنى ئايدا خەجلەپ تۈگىتىدىغانلارنىڭ ئادىتىنى ساقلاپ قالغان؛ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن دوستلىرى بىلەن دىسكوخانىلارغا بېرىپ، كىچىچە ئۆيىگە قايتماي تاماشا قىلىدىغان؛ ئوخشىمىغان ئوغۇللار بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئۆتىدىغان؛ بۇ خىلدىكى ئۆزىنى سۆيۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان قىزلارغا قارىتا، ئۇلارنى سۆيىدىغان ئوغۇللارمۇ بولمايدۇ.
قەدىمدىن بويان، قىزلارنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ يۈرۈشى تەكىتلىنىپ كەلگەن؛ سىز ھاراق ئىچىپ دىسكو ئويناشقا بارسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئەس-ھوشىڭىز جايىدا بولۇشى كىرەك؛ ئوغۇل دوست تۇتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئىككى ياكى بىر نەچچە كىمىگە تەك دەسسىمەسلىكىڭىز كىرەك. بىر ئايال كىشى ئۆزىنى مەيلىگە قويۇپ بىرىشكە باشلىغاندا، ئۇنداقتا ئۇ كاج تەلەي بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولىدۇ؛ چۈنكى ھاراق، شەھۋەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنى زىيانلاندۇرىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، بۇلارغا بىرىلىپ كەتكەندە ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى خورىتىپ، بەخىتلىك تۇيغۇسىنى بارغانسىرى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.

ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان كىشىلەرنىڭلا تەلىيى ئوڭدىن كىلىدۇ. كىچىسى باشقا ئىشلارغا بىرىلمەي جايىدا ئۇخلاپ، تاماقنى جايىدا يەپ، تەنھالىق تۇيغۇسىغا بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈشنى ھەممە ئادەمنىڭ قىلىپ كىتەلىشى ناتايىن؛ بۇ سەۋەپلىك بىر ئايال كىشى ئۆزىنى مەيلىگە قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇچرىشىدىغان ئادەم ۋە چەمبىرەكلەر ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن پاسسىپ ئىنىرگىيىلىك كىلىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئاياللارنىڭ تەلىيىمۇ تەبىئىلا كاج كىلىشكە باشلايدۇ.