ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
باشقىلار مىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىكەن دەپ ئويلامسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
     باشقىلار مىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىكەن دەپ ئويلامسىز؟ تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ بەلكىم پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
-1-
 گەپنى بەك توشقۇزۇپ قىلىۋەتمەڭ، باشقىلار بىلەن دوستلاشقاندا بەك تىز سىرداش بولۇپ كەتمەڭ.
-2-
 دائىم دەيدىغان "نىمە بولسا مەيلى" دىگەن سۆزىڭىزنى، "سىزنىڭچە بولسۇن" دىگەن سۆزگە ئۆزگەرتىۋىلىڭ.
-3-
 ھەر بىر ئېغىز "مەن قىلالمايمەن"دىگەن سۆزلىرىڭىزنى، "مەن تىرىشىپ باقاي" ياكى "مەن ئۆگەنسەم قىلالايمەن" دەپ ئۆزگەرتىۋىلىڭ.
-4-
"چۈشىنەلىدىڭىزمۇ" دىيىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا " چۈشىنىشلىك سۆزلىيەلىدىممۇ" دىگەن ئالماشتۇرۋىلىڭ.
-5-
 باشقىلار ئۆزىنى چۈشۈرسە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەيلى، ئەمما سىز ھەرگىز بۇلۇشۇپ سۆز قوشماڭ.
-6-
 باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنىڭىزدا، ئەگەر قارشى تەرەپ كۈلۈمسىرسە، سىز قانداق جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلەلمىسىڭىز، ئۇنىڭغا " سىز بەك يېقىملىق كۈلۈمسىرەيدىكەنسىز" دەپ جاۋاپ بىرىڭ.
-7-
بىلەلمىگەن ۋاقتىڭىزدا سۈكۈت قىلىڭ، بۇنىڭدا سىز ئەقىللىق كۆرنىسىز.
-8-
رەت قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ! سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزگە رەھمەت بىلدۈرىدىغان ئادەم بولمايدۇ، ئۇلار پەقەت بارغانسىرى ھەددىدىن ئېشىشنىلا بىلىدۇ.
-9-
 باشقىلار سىزنى تىللىسا ئاڭلاپ قويۇڭ، باشقىلار سىزنى ماختىسا ئىشىنىپ كەتمەڭ.
-10-
     باشقىلارنىڭ سىزنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىڭىزنى ئىسىدە ساقلاپ بولالىشى ناتايىن، ئەمما ئۇلار سىزگە بولغان تۇيغۇسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىلگە مۇۋاپىق مەسىلىلەرنى كۆپرەك سوراڭ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر بولالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
-11-
كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دىيىشكە تىگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى، ئۇلارنىڭ كەينىدىمۇ سۆزلىمەڭ.
-12-
ئۆزىڭىزدىكى پاسسىپ سەلبى ئىنىرگىيەنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تاراتماڭ.
-13-
دەسلىۋىدە تۇنۇشقاندىلا زىيادە قىزغىنلىقنى بىلدۈرگەن ئادەمنىڭ كۆپىنچە نۇرغۇنلىغان تەلەپلىرى ياكى سىزدىن ئىرىشمەكچى بولغانلىرى بولىدۇ؛ ئاددى ھەم ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالغان ھالەتتە مۇناسىۋەتلەشكەندە ئۇزۇن مەزگىل دوستلاشقىلى بولىدۇ.
-14-
ئەڭ غەزەپلەنگەن ۋاقتىڭىزدىمۇ، قارشى تەرەپنى ئەڭ ئازاپلايدىغان ئاشۇ بىر جۈملە سۆزنى قىلماڭ.
-15-
ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يىتىش ئەمما ئۇنى ئېچىۋەتمەسلىك، بۇنىدا يەنىلا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
-16-
مۇناسىۋىتىڭىلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يەنىلا يىتەرلىك ھۆرمەت قىلىشىڭىز كىرەك.
-17-
ئۆزىڭىزنىڭ ماختاشقا ۋە مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىدىغان سۆزلىرىڭىزنى ئاياپ ئولتۇرماڭ.
-18-
 ئۆزىگە بولغان ئەڭ زور ئىشەنچ بولسا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بىرىشىگە ئېھتىياج بولماسلىقتۇر.
-19-
سىزگە ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان ئادەم، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز بولالايدۇ.
-20-
 زىھنىڭىز ئۇچۇق ۋاقىتتا ئىش قىلىڭ؛ تەپەككۇرىڭىز خىرەلىشىپ قالغاندا كىتاپ ئوقۇڭ؛ غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا ئۇخلاڭ؛ يالغۇز تۇرغان ۋاقتىڭىزدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号