ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىز قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە تولغان مىنۇتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانمۇ؟ نەزەردىن ساقىت قىلىنىش، باشقىلار تەرپىدىن خاتا چۈشىنىش، باشقىلارنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراش، زەربىگە ئۇچراش.... ھەر ۋاقىت تاساددىبىيلىقلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ؛ كىشىلىك ھايات مانا شۇنداق ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان....
كىچكى ۋاقتىمدا ھايۋانلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ئەمما ھايۋاناتلار ماڭا ئۇنچە دوستانە ئەمەستەك قىلاتتى، قوزىچاقنىڭ تاقلاپ كىلىشلىرىنى كۆرۈپ، مەن تېخى ئۇنى قوچاقلاشقا تەييار بولۇپ تۇرۇپتىمەن، كىم بىلسۇن نەتىجىدە...
مەن قوزىچاق بىلەن چىقىشالمىغۇدەكمەن، يەنىلار بېرىپ مۇلايىم بولغان لاما بىلەن دوستلىشاي، لىكىن لاماغا مىنىشكە تەمشەلگەن ئاشۇ پەيتتە... مىنىڭ تۇيۇقسىز كاللام پىقىراپلا كەتتى.
ئاچام بىلەن باغچىغا بارغاندا، ئورانگوتانغا يىمەكلىك بەرسەك، نەتىجىدە ئۇ ئورانگۇتان بىزگە ئېسىلىۋالدى.
ئىككىنچى تاغام بىلەن چوشقا ئۆلتۈرگۈنىنى كۆرگىلى بارساق، نەتىجىدە ئۇ چوشقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئوچراش ئالدىدىكى ئەجەللىك بىر پەشۋاسى، ئىككىنچى تاغامنى ئۇ ئالەمگە ئۇزۇتۇپ قويغىلى تاسلا قالدى.
بوپتۇلا، يەنىلا مومامنىڭ ئۆيىدىكى چوشقا بىلەن بىرگە ئويناي، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدىكى چوشقا مۇلايىمراق كىلىدۇ ھەقىچان؟ ئەمما مەن چوشقىغا مىنگەن ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ خىياللىرىنىڭ شاماللار ئارىسىدا پەرۋاز قىلىۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم.
چوشقىغا مىنىپ، قورققانلىغىمدىن يۈرۈكۈم چىقىپ كىتەي دەپلا قالدى، شۇڭلاشقا ئۆيدىكى كۈچۈكنى قۇچاقلاپ، كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزاي دىگەن؛ ئەمما كۈچۈك ماڭا پەرۋا قىلىپمۇ قويماي، مەندىن نېرى كەتتى، مەن چىدىيالماي ئاخىرى يىغلاپ تاشلىدىم.
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئانام دەرھال كىلىپ ماڭا تەسەللى بىرىپ، مىنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ماڭا پارچە يىمەكلىك ئېلىپ بىرىدىغىنىنى ئېيتتى؛ لىكىن، كۈچۈك ھارۋىدا ئولتۇرۇدىكەن، مەن كەينىدىن يۈگرەيدىكەنمەن!! ئانا، مەن سىزنىڭ ئۆز بالىڭىزمۇ؟ مەن گۆدەك ۋاقتىمدىلا جاھاندىكى تەڭسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىدىم.
بولدىلا، مەن بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن، يەنىلا ئۆزۈم ئوينايچۇ! مەن گۈرجەكنى ئېلىپ، چىملىقتا توپا ئۇسۇپ ئوينىدىم.
مەن يوۋاشلىقچە ئۆيگە كىرىپ ئويۇنچۇق دۆۋىلەپ ئوينىدىم، ئەمما مىڭ تەستە دۆۋىلەپ بولغان پويىز رىلىسلىرى ئۈچ سىكونتقا بارمايلا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
10 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، مىنىڭ كۆزۈمنى ئىتىۋالغان كىم؟
دوستۇمنىڭ ئۆيىدە سىرلىق بىر گۇمپا مەشىق قىلىمەن دەپ، مىنىڭ باشلىرىم ئىششىپ كەتتى.
توي قىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى بويتاقلار يېغىلىشىدا، تاغام پۈتكۈل نەق مەيداننى بۇزۇۋەتتى.
تويلۇق ئۈزۈكنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا، ئۈزۈك ھېچيەرگە قېيىپ كەتمەي، ئودۇل كىچىككىنە يېرىققا چۈشۈپ كەتتى.
ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان، گۈل تاشلايدىغان ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى سوقۇۋالدىم.
تويدىن كىيىن، ماشىنىدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ماشىنا ھەيدەپ شىرىن ئاي ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم، لىكىن ماشىنىغا چىقماي تۇرۇپلا، تۆت پۇتۇم ئۈرە قالدى.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئۇزۇن ۋاقىت ماشىنا ھەيدىگەنلىكىم ئۈچۈن، ماشىنىنى بىر چەتتە توختىتىپ بىردەم ئارام ئالاي دىگەن، ئەمما ئوتتۇرلۇقتا تۇيۇقسىز بىر چاق پەيدا بولۇپ قالدى.
پورتتا سۈرەتكە چۈشىۋالاي دىسەم، يانفونۇم خۇددى بىرسى تاشلىۋەتكەندەكلا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.
دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشەي دىسەم، دېڭىز دولقۇنى مىنى دېڭىز ساھىلىگە چىقىرىپ قويدى.
شىمالى قۇتۇپقا نۇر كۆرۈش ئۈچۈن بارسام، نەتىجىدە شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى مىنىڭ ماشىنامنى يالاپ قويۇپتۇ؛ مەن قىشلىقتا تىلىنى تۆمۈرگە تەككۈزۈشكە بولمايدۇ دىمىگەنمۇ، شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى بولسىمۇ بولمايدۇ.
شىرىن ئاي ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كىلىپ، ئەمدى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىمغا، ياخشى نىيەتلىك شوپۇردىن بىرسى كىلىپ، ماشىنامنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى.
كۆردۈڭلارمۇ، ھاياتلىق ھەقىقەتەن جاپا-مۇشەققەتلەرگە تولغان؛ كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر تۈرلۈك ئەقىلگە سىغمايدىغان تاساددىبىيلىقلارغا دۇچار بولىمىز! مەن ھەرقايسى ئوقۇرمەن قېرىنداشلاردىن شۇنى سوراپ باقماقچى، بۇ دۇنيا ياشاشقا ئەرزىمدۇ؟
توردىن بىر جۈپ ساپما كەش سېتىۋالغان، بىرىنچى قېتىم ئۇنى كىيىپ سىرتقا چىققاندا، چەمى ئاجراپ چۈشۈپ قالدى.
بۇ ۋاقىتتا چۈشۈپ قالغان چەمىنى تىرىۋىلىش ياكى تىرىۋالماسلىقنى بىلەلمەي، يەنە بىر پاي ساپما كەشنىڭ چەمىنىمۇ ئاجرىتىۋەتتىم.
كىنو كۈرۈشكە بارغاندا، بىر قاچا كۆممىقوناق ئېتىلدۇرمىسى سېتىۋالدىم، يەپ بولغاندىن كىيىن قارىسام، تىگىدە چوڭ يېزىلغان " سەمىرىپ ئۆلەسە" دىگەن خەتلەر تۇرىدۇ.
مومامغا ياردەملىشىپ ئوتۇن يېرىپ بەرگىلى بارغان، نەتىجىدە ئۆزۈمنىڭ يۈزىگە ئۆزۈم شاپىلاقلىدىم.
ئايالىمغا نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىشىپ بەرگىلى ماگزىنغا بېرىپ، بىر ساراڭغا ئۇچراپ قالدىم.
ئىشتىن چۈشۈپ، سىيرىلغۇچ تېيىلغاچ ئۆيگە قايتاي دىگەن، ئەمما سىيرىلغۇچ ئۆزى تېيىلىپ كىتىپ، مىنى توغرىسىغا يۈگرەك كىتىپ بارغان قىسقۇچپاقىغىلا ئوخشىتىپ قويدى.
ئايالىمغا ماڭا بىر بىلىق تۇتۇش كىيىمى سېتىۋىلىشنى تاپىلىسام، ئۇ ماڭ توردىن بىر يۈرۈش بىلىق تۇتۇش كىيىمى سېتىۋىلىپتۇ؛ كىيىمنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، مەن دەرھال كىيىپ سىناپ باقتىم، قارىسام بۇ كىيىمنى كەيگەندىن كىيىن بىلىق تۇتمىساممۇ بولغۇدەك، بىلىقلار مىنى كۆرۈپ قورقۇپ جېنى چىقىپ، ئۆزىلا لەيلەپ چىققۇدەك.
دەريا بويىغا كىلىپ بىلىق تۇتاي دەپ ئولتۇرسام، مىنىڭ ئامراق "ئارغىمىقىم" مىنى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلدى.
ئاخىرىدا، بىرتال بىلىقمۇ تۇتالمىدىم، ئايالىم تېخى ئۆيدە يوق؛ شۇڭلاشقا مەن ئىسسىق مانتا ئېلىپ يەي دىگەن نىيەتكە كەلدىم. ئەمما كىم بىلسۇن، مانتىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزىتسام، مانتا ئىرىپ كىتىپتۇ.
بوپتىلا، يەنىلا سىرتتىن توخۇ پاچىقى بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرەي دەپ ئويلىدىم. توخۇ پاچىقىنى ئەكىلىپ بەرگەندىن كىيىن، قورساقلىرىم ئاچلىقتىن غولدۇرلاپ كەتكەنلىكتىن، مەن ئۇنى دەرھال چىشلىدىم، ئەمما تەمى ھېچ توخۇ پاچىقىغا ئوخشىمايتتى، ئىنچىكىلەپ قارىسام، توخۇ پاچىقىغا ئوخشايدىغان زەنجىۋىل ئىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن ئاچچىقىمدا تاماق يەتكۈزۈپ بىرىدىغانلارغا تېلفون قىلسام، ئۇلار توخۇ پاچىقىغا بەكمۇ ئوخشايدىكەن، شۇڭا خاتا كۆرۈپ قېلىپتۇق دەپلا ئىشنى تۈگەتتى،
كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن مەيدانغا كەلدىم؛ بۇ يەردە نۇرغۇن چوڭ ئانا-چوڭ دادىلارنىڭ چېنىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالدىم. بۇ قانداق ھەرىكەت ئەمدى؟ ئۆزىنىڭ پەللىكىگە ئۆزى ئۇرىدىغانلارمۇ بار ئىكەن!
سۇ ئۈزگەننى دورايدىغانلارمۇ باركەن.
تۆمۈر كاللا گۇمپىسى مەشىق قىلىدىغانلارمۇ باركەن.

يەنە تېخى گۇمپىسى قالتىس بولغان تازىلىقچى ئايالمۇ بار ئىكەن.

مىنى تېخىمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى ئۆمىلەپ مېڭىۋاتقان يەر مۇئەككەللىرىگە ئوخشاش بۇ كىشىلەر بولدى.

بۇ كۆرنۈشلەرنى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن دەرھال ئۆيگە قايتىپ كەلدىم؛ يەنىلا دوستلار چەمبىرىكىگە قاراپ باقايچۇ... ئەمما بۇ بىر قاراشتا، مەن كۈلۈپ ئىچ ئەزالىرىممۇ ئاغرىپ كەتتى:
بىرىنچى مەزمۇن ماختاش يېغىشكەن:
" مەن توكسكىلىت ھەيدەپ، جىياڭنەن يولى جىياڭلىك يول ئېغىزىدا تەتۈر يۆنىلىشتە يول يۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، قاتناش ساقچىسى تەرپىدىن نەج مەيداندا تۇتىۋىلىندىم؛ مەن ھازىر دوستلار چەمبىرىكىمدە ئۆزۈمنى ئالاھىدە ئاشكارە قىلىمەن؛ مەن ئۆزۈمنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىمنى ۋە خاتالىقىمنى تۇنۇپ يەتتىم، كۆپچىلىكنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتمەي، تەتۈر يۆنىلىشتە يول يۈرمەسلىگىنى، بىر مىنۇت ساقلاپ قالسىمۇ، بىر سىكونتنى تالىشىپ يول يۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن!"
" قاتناش ساقچىسىنىڭ دىيىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى ماختىغانلار 30ئادەمگە يەتكەندە ئاندىن مىنى كەتكىلى قويىدىكەن، دوستلار ياردەم قىلساڭلار، رەھمەت!"
ئىككىنچى مەزمۇن ئۆزىنىڭ بىلىقىنى يەۋەتكەنلىك توغرىسىدا ئىكەن:
" مەن بىر تال بېلىق باققان ئىدىم، ئەمما ئۇ بىلىق ئۆلۈپ قالدى! مەن ئۇنىڭغا قايغۇرۇپ ئۇنى كۆيدۈرۈپ، جەسەت كۈلىنى دېڭىزغا يەنى ئۇنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ قوينىغا تۆكمەكچى بولدۇم. لىكىن كىم بىلسۇن، بىلىقنى ئوتقا قاقلاپ كۆيدۈرگەنسىرى مەززىلىك پۇراپ كىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاخىرى چىقىپ بىر پوتۇلكا پىۋا ئېلىپ كىردىم.... نۇرغۇن ئىشلار دەسلەپتە ئويلىغاندەك بولمايدىكەن."
ئۈچىنچى مەزمۇندا ئۆزى دۇچ كەلگەن قىزىقارلىق ئىشلاردىن بەھىرلەنگەنلەر ئىكەن:
" بۈگۈن ئاپتۇبۇستا، بىر ئايال كۈچۈكتىن بىرنى قوچىقىدا كۆتۈرۈپ يېنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇردى. مەن ئۇ كۈچۈككە قاراپ قويدۇم، ئۇمۇ ماڭا بىر سەپسالدى. مەن ئۇنىڭغا قايتا قارىسام، ئۇ ماڭا يەنە قاراۋىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم، ئۇمۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇ ئايال بىر كۈچىكىگە، بىر ماڭا قاراپ، مەندىن سىلەر تۇنۇشامتىڭلار دەپ سورىدى.
دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، مەن قورسۇقۇمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ، ماشىنا توسۇپ كاۋاپ يەپ كىلىش ئۈچۈن باردىم. كاۋاپ دوكىنىغا بېرىپ قارىسام، دوكانچىنىڭ مۈشىكى ئىگىزگ چىقىپ چۈشەلمەي قالغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھالەتنى ساقلاپ مۇشۇنداق تۇرۇپ، كەلگەن خىرىدارلارغا ئويۇن قويۇپ بەرمەكچىمۇ نىمە ؟
قورسىقىم تويغاندىن كىيىن، ماشىنا توسالماي پىيادە قالدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ ئۆزۈمگە تەۋە ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋىلىشنى ئويلىدىم، لىكىم مىنىڭ قىلغان خىزمىتىم بارغانسىرى ناچار بولۇپ كىتىۋاتاتتى.
خوجايىنىم مىنى ئىشتىن بوشاتقاندىن كىيىن، مەن يەنە باشقا خىزمەت ئورنىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا بېرىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇسقا ساقلاپ تۇرسام، ئويلىمىغان يەردىن پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشتۈم، بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالدىم.
مىڭ بىر تەسلىكتە ئۆزۈمگە تەۋە بولغان ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ، شۇنىڭ بىلەن يول بويىدىن تاۋۇزدىن بىرنى ئېلىپ، ئايالىم بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەشنى ئويلاشقان، ئەمما يامغۇردىن كىيىن يولنىڭ بۇنداق تېيىلغاق بولۇپ كىتىشىنى ئويلىماپتىمەن...
ئەمدى بىرەر تال تاۋۇز يىسەممۇ بولمامدۇ؟؟؟ ئاچچىقىمنى بېسىۋالالماي، تاۋۇز پارچىسىنى بىرنى تېپىۋىدىم......
بۇ ۋاقىتتا مەن يىغلىغىلى يەر يوق، قاتتىق ئازاپ ۋە ھەسرەت ئىچىدە مۆشۈكۈمنى يىتىلەپ، ئايلىنىپ كىرەي دەپ چىقسام، نەتىجىدە مۆشۈكۈم تېخىمۇ ئازابلىق بىر كۆرنۈشنى كۆرۈپ قالدى.
تۇرمۇش مىنى ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچراتسۇن مەيلى، نىمە ئۈچۈن كىچىك بىر مۆشۈكۈمنى بولسىمۇ قويۇپ بەرسە بولمامدۇ؟ رىئاللىق ھەقىقەتەن رەھىمسىز كىلىدىكەن. ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقان بولسا، ئۇلارنى ياخشى قەدىرلەڭ!