ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئارىمىزدىكى يىڭىچە ئۈچىنچى شەخىس—يانفون !
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
     نەچچە كۈن ئىلگىرى دوستلىرىم بىلەن يانفون ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارنى ناھايىتى بىر چاقچاق دەپ ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتىمەن؛ ئەمدى ئىنچىكە ئويلاپ باقسام، ئادەمنى ئويغا سالىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى ھىس قىلدىم: يانفون ھازىر ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت بىزنىڭ تۇرمۇش رېتىمىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇيۇمغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
     ئەمما ھازىر بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ كەسكىن مەسىلە، يانفوننىڭ ئورنى بارغانسىرى كۆرنەرلىك بولۇپ، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئۈچىنچى شەخسكە ئايلىنىپ كىتىۋاتماقتا؛ ئۇ شەپە چىقارماي ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئارلىقىنى يېراقلاشتۇرۇپ، ئىللىق ئائىلىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا.
    بەلكىم سىزمۇ بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناشقا ئادەتلەنگەن. بەزىلىرى دوستلار چەمبىرىكىنى يىڭىلىسا، بەزىلىر ھەر خىل خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ؛ بەزىلىرى يانفوندىكى ئويۇنلارغا مەپتۇن بولسا، بەزىلىرى يانفوندا مۇھەببەتلىشىپ، ئۆزىنى ھاياتلىقىدىكى ئىككىنچى ياشلىق باھارىنى تاپقاندەك ھىس قىلىشىپ كىتىدۇ.
     قايسى ۋاقىتلاردىن باشلاندىكى بىلمىدۇق، ھازىر ئائىلىلەردە بۇرۇنقىغا ئوخشاش خوشاللىققا تولغان كۈلكە-چاقچاقلار ياڭرىماستىن، تېلىۋىزورنىڭ ئاۋازى، يانفوندىكى قارت ئويىنىنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى.
    ھەممە ئادەم ھاڭۋاقتىدەك تېلفونغا قاراپ قېتىپلا قالسا، باشقا ئىشلار بىلەن ئازراقمۇ چاتىقى بولمىسا، بۇ ئەھۋالدا يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشى، ئەر-خوتۇن پىكىرلىشىش، بالىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيە بىرىش دىگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولسۇنمۇ؟  ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى ھەتتا تېخى ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزىنىڭ يانفون ئوينىشىغا دەخلى قىلغانلىق سەۋەبلىك، سەكرەپ ئاچچىقلىنىپ كىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە خەۋپ كۆرلۈپ، بالا تەربىيىسىز قالىدۇ، ئائىلە چېچىلاڭغۇ بولۇپ كىتىدۇ، بۇ مەسىلىلەر زادى كىمنىڭ خاتالىقى؟
     بەزىلەر جىياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگۇلۇقلارنى ئەپيۇن بۇزىۋەتكەن دىيشىدۇ، ئۇنداقتا ھازىر بەخىتلىك ئائىلىلەرنى يانفون بۇزدى دەيمىزمۇ؟ ھەقىقەتەنمۇ بارلىق گۇناھلارنى ئەپيۇن بىلەن يانفونغا ئارتىپ قويىمىزمۇ؟ ياق...، تۈپكى مەسىلە ئۇلاردا ئەمەس بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالىمايدىغان ھورۇنلۇقى ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش كۈچىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولغانلىقىدا.
     ئادىمىيلىك ھۇزۇرلىنىشقا ئىنتىلىدىغان كىلىدۇ، قىزىقتۇرۇشلار ئالدىدا ئىدراك بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭلاشقا قىزىقتۇرۇش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يانفونغا قارىتا، ئۆزىنى كونتىرىل قىلىش كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ.
     ئەمما بىز بۇ جەرياندا شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى، ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولىدۇ؛ كۈندۈزى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشلەر بىلەن ئالدىراش بولىمىز، پەقەت ئاخشاملىرىدىكى ئاشۇ قىسقىغىنا نەچچە سائەتتىلا بىربىرىمىزگە ھەمرا بولالايمىز.
     ئەمما بىز بۇ جەرياندا شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى، دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى، يېقىن بىرئائىلە كىشىلىرى مۇناسىۋىتىدەك پۇختا كەلمەيدۇ.
    ئەمما بىز بۇ جەرياندا شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى، خەۋەر ۋە ئۇچۇر ئىگەللەشنىڭ باشقا خىل ئۇسۇللىرىمۇ بار بولىدۇ؛ مەسىلەن، ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بىللە گىزىت-ژورنال كۆرۈش، ياخشى ئوقۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش دىگەندەك؛ ھازىرقىدەك توختىماي يانفون ئويناشنىڭ ھەقىقى ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگەللەشكە قانچىلىك پايدىسى بار بۇنى ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىز ئىنىق بىلىمىز.
    ئەمما بىز بۇ جەرياندا شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى، يانفون ئىچىدىكى ئويۇنلار ھەر قانچە قىزىقارلىق بولسىمۇ، ئۇلار پەقەت بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى خالاس؛ ئۇلارنى دەپ ئىرادىمىزنى يوقىتىپ، ئاخىرىغا بېرىپ بىز ئويۇن ئويناشقا ئەمەس، ئاشۇ ئويۇنلار بىزنى ئويناشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
   ئەمما بۇ جەرياندا بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى، يانفوندا مۇلايىم سۆزلەپ بىزنى ئىرىتكەن ئاشۇ پەرىزاتلار ئالدىمىزدا پەيدا بولغان ۋاقىتتا، گۈزەل خىياللىرىمىزنىڭ ھەممىسى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ؛ ساختا پەرىزاتلار نىقابلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، بىزنىڭ چۈشلىرىمىزنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. شەھۋەتپەرەسلىك پاراڭلارغا ئارلىشىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى سىز يانفۇندىكى ئۇ گۈزەل كۆپۈكلەرگە ئىشىنىپ، پوقتا تېيىلىپ ھەممىنىڭ نەپرىتىگە قېلىشتۇر.
   ئەمما بۇ جەرياندا بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى، يانفون ئوينايمىز دەپ، ئاخىرى بېرىپ يانفون بىزنى ئوينىسا، بۇ ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ تىراگىدىيە بولۇپ قالىدۇ.
    شۇڭلاشقا ئۆيىڭىزگە قايتقاندىن كىيىن، قولىڭىزدىكى يانفوننى قويۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى باغرىڭىزغا بېسىپ، ئائىلىڭىزگە ئىللىقلىق بېغىشلاڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号