ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
2018-يىللىق تور "ھىكمەتلىك" سۆزلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
  1.  ئېلان—باشقىلارغا پۇلنى قانداق خەجلەشنى ئۆگىتىپ قويۇشتۇر...
  2.  بىر ئادەم خوشاللىقتا ئۆتىدۇ، ئىككى ئادەم تۇرمۇش قۇرۇپ ئۆتىدۇ، ئۈچ ئادەمگە ئايلىنىپ قالسا، "يا سەن بولىسەن ياكى مەن" ھالىتى كىلىپ چىقىدۇ.
  3.  تۇرمۇش خۇددى يۇيۇنغانغا ئوخشايدۇ؛ يۆنىلىشنى خاتا تاللاپ سالسىڭىز، ياكى مۇزدەك سۇغۇقچىلىقتا قالىسىز، ياكى قىزىق سۇدا ئوتقا چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالىسىز.
  4.  ئادەمنىڭ چىرايىنىڭ گۈزەل بولغىنىدىن، ھاياتى گۈزەل بولغان ئەۋزەلدۇر.
  5.  كۆرنۈشتە ھەممە قەلىبلىرى تۇتاش كىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە ھەممىسى نەيرەڭ ئويناۋاتقان بولىدۇ.
  6.  پۇلىڭىز قانچە كۆپ بولسۇن، ئەمىلىڭىز قانچە چوڭ بولسۇن، ۋاقتى كەلگەندە ئەزرائىل ئوخشاشلا ئېلىپ كىتىۋىرىدۇ.
  7.  "چوڭ دادا" لارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ ئاۋۋال "نەۋرە" بولۇشتىن باشلىغان.
  8.  ھاياتلىق خۇددى تېلفۇن قىلغانغا ئوخشايدۇ، يا سىز ئاۋال "قويىۋىتىسىز"، ياكى مەن ئاۋال "قويىۋىتىمەن".
  9.  ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈش رىسالىسى—نەپەسلىنىشنى ئۈزۈپ قويماسلىق.
  10.  شاخلىتىپ سېتىش—توشقاننىڭ مەخسۇس ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى چۆپنى يىگەنلىكى.
  11.  كىسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ، ئاپەت ئېغىزدىن كىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىزىنى چىڭ يۇمۇش ئەڭ بىخەتەر.
  12.  ئىرىشەلمىگەننى تېخىمۇ بەك سۆيىدۇ، ئاسان قولغا كىلىپ قالغاننى قەدىرلىمەيدۇ.
  13.  يىل ئاخىرىدا بىر يىللىق ھاياتىمنى خۇلاسىلاپ، پەقەت يېشىمنىڭلا كۆپەيگەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
  14.  تۇرمۇش يۈرەك تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ھەممە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كىتىپ بىر تۈز سىزىققا كىلىپ قالسا، ئۇ پەقەت بىزنىڭ ئاللىقاچان يوق بولۇپ بولغىنىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
  15.  ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى بولسا، ھايۋان ئىزچىل ھايۋان پېتى تۇرىدۇ، ئەمما ئادەم بەزىدە ئادەمگە ئوخشىماي قالىدۇ.
  16.  مۇنداق بىر قارىسام سىز ئادەتتىكىچىلا كۆرۈندىڭىز، تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قارىسام سىز مۇنداق قارىغان ۋاقتىمغىمۇ يەتمىدىڭىز.
  17.  يەر شارى ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا سىزنىڭ نەس باسقان يەردە مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىشڭىز مۇمكىن بولمايدۇ.
  18.  تۆنۈگۈن ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ،قايتىپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ ئەتە ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، يەنىلا كۈتۈۋالماي بولمايدۇ.
  19.  ئۆزگەرمەيدىغان ۋەدە بولمايدۇ، پەقەت ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ساختا سۆزلەرلار بولىدۇ.
  20.  ھاردىڭىزمۇ؟ ھارغان بولسىڭىز توغرا، چۈنكى راھەت ئۆلۈكلەرگە قالدۇرۇلغان.
  21.  مىنىڭ ھاياتلىق قائىدەم بولسا، " نەۋرىلەردەك" نەچچە ئون يىل چىداپ ياشاپ، " چوڭ دادا"لاردەك بولۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆلۈپ كىتىش.
  22.  ھايات تۇرسا ھاۋا ئىسراپ بولىدۇ؛ ئۆلۈپ كەتسە، تۇپراق ئىسراپ بولىدۇ؛ يا ئۆلەلمەي ياكى تىرىلەلمەي ئۆتسە، خەلىق پۇلى ئىسراپ بولىدۇ.
  23.  ئادەملەر ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، ئەمما قانداق ياشاشنى بىلەلمەي قېلىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ.
  24.  رەھبەرنى خوشال قىلىش ئۈچۈن، ئاز-تولا يالغاننى توقىسىڭىز ئىش پۈتىدۇ. ئاممىنى خوشال قىلىش ئۈچۈن، ئاز-تولا " نۇمۇر " ئورۇنلاپ بەرسىڭىز كۇپايە؛ ئۆزىڭىزنى خوشال قىلىش ئۈچۈن، ئۇخلاپ چۈش كۆرسىڭىزلا بولىدۇ.
  25.  ھەممەيلەن تويلىشىشنى مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى دەيدىكەن، ئەمما تويلىشىش بولمىسا، مۇھەببەتنى دەپنە قىلغۇدەك يەرمۇ چىقمايدۇ...
  26.  ئەڭ تىز سۈرئەتتە پەلسەپەشۇناسقا ئايلىنىدىغان ئادەم ئەر، ئەر تىز سۈرئەتتە ئىقتىساتشۇناسقا ئايلىنىدىغان ئادەم خوتۇن، ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىتىراتىگىيەشۇناس بولىدىغان ئادەم قېيىنئانا.
  27.  دوختۇرخانا ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۈچ مەزگىلدىن دىرەك بىرىدۇ: ھاياتلىقنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى، سالامەتلىكنى رىمونت قىلىش بىكىتى، روھنى قويۇپ بىرىش سۇپىسى.
  28.  ھازىر 60 - يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار جاھاننى قوللىرىدا پىقىرتىۋاتىدۇ؛ 90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار تىرىسىگە پاتماي يۈرىدۇ؛2000-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار، ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن كۆككە كۆتۈرلىۋاتىدۇ؛ 50-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار ھەر كۈنى يەپ-ئىچىپ، ھەر كۈن يەكشەنبە كۈنىدىكىدەك ئۆتىدۇ؛ پەقەت 70-يىلى ۋە 80-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان بىچارىلەرلا بىر كۈنى بىر كۈنىگە يەتمەي ئۆتىۋاتىدۇ.
  29.  خوتۇن دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىنىڭ باش ھەرىپى LP، چىرايلىق دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىنىڭ باش ھەرىپى بولسا PL، بۇ ۋاقىتتا مەن تۇيۇقسىز بىر ئىشنى چۈشەندىم: ئەسلىدە خوتۇن بىلەن چىرايلىق دىگەن ئاتالغۇ قارمۇ-قارشى كىلىدىكەن...
  30.  ھاياتلىقتىكى 6خىل سۆزلەش: باشلىقىغا چىرايلىق سۆزلەش، قول ئاستىدىكىلەرگە قوپال سۆزلەش، ئايالىغا يالغان سۆزلەش، ئاشنىسىغا ئالىجوقا سۆزلەش، تۇنۇشلىرىغا قىزىقارلىق سۆزلەش، ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئەپسانىگە ئوخشاش سۆزلەش.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号