ساغلاملىق ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەمىشە بىزگە، شىكەرنى ئاز يىيىش توغرىسىدا تەكلىپ بىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ ئەمما مىۋە-چىۋە تەركىبىدىمۇ شىكەر ماددىسى بار تۇرسا، بۇ زادى نىمە گەپ؟

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، شىكەرنى مولىكولا تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن نەچچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ مەسىلەن گىلىكوزا، مىۋە شىكىرى، سۈت شىكىرى، قۇمۇش شىكىرى قاتارلىق. مەيلى قايسى خىلدىكى شىكەر بولسۇن ياكى قايسى خىلدىكى يىمەكلىكتىن كەلگەن بولسۇن، ئوخشاش مىقداردىكى شىكەر بىزنى ئوخشاش مىقداردا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شىكەر تەركىبى بولغان مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش، ئىچىملىك، پىرەنىك قاتارلىقلارغا قارىغاندا ساغلام ھىسابلىنىدۇ؟
مىۋە ئىستىمال قىلغاندا، قۇبۇل قىلىنغان شىكەر مىقدارى كۆپ بولمايدۇ
مىۋە-چىۋىلەر ئادەمنى ئاسانلا تويۇنغان ھىس قىلدۇرىدۇ، بۇ سەۋەپلىك كۆپ يىيەلمەيمىز. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تاماقتىن ئىلگىرى ئالما يىگەن كىشىلەر، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئالما مۇرابباسى ياكى ئالما شەربىتى ئىستىمال قىلغان كىشىلەرگە قارىغاندا تاماقنى ئاز يەيدىكەن؛ گەرچە ھازىرچە بۇنىڭ يىمەكلىكنىڭ ھەجىمىنىڭ سەۋەبىدىن ياكى يىمەكلىكنى چايناش جەريانىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكى ئىنىق بولمىسىمۇ، ئەمما مىۋە-چىۋە ئادەمنى تويغۇزۇپ، ئىسسىقلىق يەتكۈزلۈش ئومۇمى مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

باشقا شىكەر تۈرىدىكى مەنبەلەر مىۋە-چىۋىگە ئوخشىمايدۇ؛ مەسىلەن سۈنئى ئۇسۇلدا " ئەركىن شىكەر " قوشۇلغان يىمەكلىكلەر. ئەركىن شىكەر كۆكتات ۋە مىۋە تەركىبىدىكى شىكەرلەرنىڭ قارشىسى بولغان، زاۋۇت، ئاشپەز ياكى ئىستىمال قىلغۇچى ئۆزى يىمەكلىككە قوشقان شىكەر بولۇپ، ھەسەل، مىۋە شەربىتى قاتارلىقلار تەركىبىدە تەبىئى بار بولغان شىكەر مۇ ئەركىن شىكەر تۈرىگە تەۋە.
پىرەنىك، ئىچىملىك، كەمپۈت قاتارلىقلار ئەركىن شىكەرنىڭ كۆپ كۈرلىدىغان كىلىش مەنبەسى. بۇ تۈردىكى ئىسسىلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنىڭ شىكەردىن باشقا ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك. يىڭى مىۋىلەرگە قارىغاندا، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئەركىن شىكەرلىك يىمەكلىكلەرنى يىيەلەيدۇ، ھەمدە بۇ يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان باشقا يىمەكلىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ.
مەسىلەن، مىۋە-چىۋىلەر شەربەتكە ئايلانغان ۋاقىتتا، كىشىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ شىكەر قوبۇل قىلىۋالىدۇ. بىر ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتىنىڭ شىكەر تەركىبى، 6 ئاپلىسىن شىكەر تەركىبىنىڭ يېغىندىسىغا تەڭ كىلىدۇ. بۇندىن باشقا قۇرۇپ قالغان مىۋىلەردىنمۇ ئېھتىيات قىلماق لازىمدۇر؛ سۇ تەركىبىنى يوقاتقان مىۋىلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىدا قويۇلۇش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈكنى مىسال ئالساق، گۈلىنىڭ شىكەر تەركىبى ئۈرۈكنىڭكىگە قارىغاندا 6 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

چىش چىرىش، ساغلام بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىك سالامەتلىككە خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى يىڭى مىۋە يىگەنلىك ياكى كالا سۈتى ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن بولمايدۇ، بەلكى زىيادە كۆپ ئەركىن شىكەر قۇبۇل قىلغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر كۈنلۈك ئەركىن شىكەردىن كىلىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ %10دىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، بۇ مىقدار چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تەخمىنەن 50گرام شىكەرگە توغرا كىلىدۇ.
مىۋە-چىۋىلەر بىزگە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ
مىۋە-چىۋە تەركىبىدە شىكەر بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا نۇرۇغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بار بولۇپ، بىزنىڭ يىمەكلىك ئىستىمالى تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەپ، ساغلاملىقىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ؛ باشقا ئەركىن شىكەرلەرنىڭ بۇنداق رولى بولمايدۇ.

مىۋە-چىۋىلەر يىمەكلىك تالالىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەسى. بىر تال بانان تەركىبىدە ئوتتۇرا ھىسابتا 6 گىرام تالا بار بولۇپ، تەۋسىيە قىلىنغان ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ%25-20نى ئىگەللەيدۇ. ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر تەركىبىدە يىتەرلىك تالا بولۇش، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى يىمەكلىكتىن تالا قوبۇل قىلىش مىقدارىمىز ئۆلچەمدىن خېلىلا يېراق؛ يەنى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى قورامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلغان مىقدارنىڭ يېرىمىنىلا يىيەلەيدۇ. بۇندىن باشقا مىۋە-چىۋىلەر يەنە باشقا ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭمۇ مۇھىم كىلىش مەنبەسى بولۇپ، كالىي ماددىسىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، فلاۋوننىڭ بولسا يۈرەك كىسەللىكلىرى خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، مىۋە-چىۋىنى پۈتۈن يەۋەتسە، راك كىسەللىكى، سېمىزلىك ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يىمەكلىك تەۋسىيىسىدە، ھەممىسى كىشىلەرنى مىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، بولۇپمۇ كۆكتات ئىستىمال قىلىش تەكلىپىنى بىرىدۇ。

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号