ئاتاقلىق ئەدىب رومان.روللاند مۇنداق دىگەن: گۈزەل نەرسىلەر ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىقىدىن كىلىدۇ.
خىزمەت جەريانىدا، ئەر-ئايال خىزمەتداشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىتەرەپ قىلمىغاندا، ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق ئەكىلىپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ ئوبرازىغىمۇ يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئەر-ئايال خىزمەتداشلار مۇناسىۋىتىدىكى بەزىبىر قائىدە-پىرىنسىپلار ناھايىتى زۈرۈر بولغان ھىسابلىنىدۇ.
گەپ-سۆز قىلىش قائىدىسى
ئەر-ئايال خىزمەتداشلارنىڭ ئىشخانىدا قىلغان گەپ-سۆزلىرى لايىقىدا بولۇشى لازىم. ئادەتتە بەزى ئەرلەر نىسبەتەن قوپال ۋە سەت گەپلەرنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئىشخانىدا يۈز بەرمەسلىكى لازىم، بولۇپمۇ ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا، ئۇلارنىڭ سىزنى ئۆزىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن ساقلانماق لازىم. ئەرلەر ئايال خىزمەتداشلىرىنى ماختاشقا توغرا كەلگەندىمۇ، شەھۋەتكە يېتىپ قالىدىغان سۆزلەردىن ساقلىنىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ خاتا چۈشەنچىسىنى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

كىيىنىش قائىدىسى
ئىشخانا ئۇچرىشىش سورۇنلىرى ئەمەس، تۇرمۇش سورۇنلىرىمۇ ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ يات جىنىسلىق سىھرى كۈچىڭىزنى نامايەن قىلىدىغان جاي تېخىمۇ ئەمەس. بولۇپمۇ ئاياللار ئۆزىنىڭ كىيىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلمىقى زۆرۈر؛ تەننازلىقىمنى نامايان قىلىمەن دەپ زىيادە قىسقا ۋە ئوچۇق كەلگەن كىيىملەرنى كەيمەسلىكى لازىم.

ھەرىكەت-قىلىمىش قائىدىسى
ئاياللار ئەر خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا بەزىبىر قىزىقتۇرۇش خارەكتىرىدىكى ھەرىكەتلەرنى—مەسىلەن ئەر خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا چېچىنى تاراش ياكى چېچىنى ئويناش، ئەر خىزمەتداشلىرىنىڭ كىيىمىنى سىيپاش، چېچى بىلەن ئەر خىزمەتدېشىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى لازىم؛

ئالاقە قىلىش قائىدىسى
ئىشخانىدا، يات جىنىسلىق خىزمەتداشلار ئالاقە قىلغاندا دائىرنى ياخشى كونتىرول قىلىش، ئالاقە لايىقىدا بولۇشى كىرەك. ئادەتتە يات جىنىسلىق خىزمەتداشلار ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئەڭ ياخشىسى شەخسى تۇرمۇشىنى سۆرەپ ئەكىرمەسلىك كىرەك؛ بولۇپمۇ ئۆيىدىكى ئىرى(ئايالى) بىلەن بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يات جىنىسلىق خىزمەتداشلىرىغا سۆزلەپ بىرىش تېخىمۇ ياخشى ئەمەس، بولمىسا قارشى تەرەپ سىزنى ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىش نىيىتى بار ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغۇچى قاتارىدا كۈرۈپ قالسا، سىز ئۇنىڭغا تۇرمۇشىڭىزدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدا قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قارىتا ھىسيات تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن بۇرۇنراق ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا، خىزمەت جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بولۇپ، خىزمەتنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كىرەك. جىنسى ئايرىمىسى ئامىلىغا زىيادە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەي، ئەڭ ياخشىسى جىنسى ئايرىمىسى قارىشىنى يوق قىلىپ، خىزمەتتە ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىماي ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، ئۆزىنىڭ روھى ھالىتىنى توغۇرلىشى كىرەك.
شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، ئىشخانىدا ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى ئەي-ئايال خىزمەتداشلاردا زىيادە يېقىنلىق شەكىللىنىش بولۇپ، مەيلى ئايال خىزمەتداشلىرىڭىز ياكى رەھبىرىڭىز ۋە قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ نوقتىنەزىرىدىن بولسۇن، ئۇنداق زىيادە يېقىنلىق مۇناسىۋەت خىزمەتتىكى ئەڭ چوڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号