ئاران بىر مېۋە يېيىشكە تۇتۇنغىنىڭىزغا، ئۇنىڭ پوستىنى ئاقلاپ يېيىشنى ئاۋارىچىلىك، ئاقلىمىغاندا تەمىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەندىشە قىلامسىز؟ ئۇنداقتا، قايسى مېۋىلەرنى پوستلۇق، قايسى مېۋىلەرنى پوستسىز يېيىشكە بولىدۇ؟

ئاۋال مېۋىلەرنى پوستسىز يېيىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى. دائىملىق سەۋەبلەردىن مەسىلەن، بەك قاتتىق بولۇش، تەمى ناچار ياكى دېھقانچىلىق قالدۇرقلىرى ئۆلچەمدىن ئېشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چۈنكى قاتتىق يېگىلى بولمايدىغان مېۋە پوستلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. مەسىلەن، لىجى (荔枝) ، لونگان (龙眼) قاتارلىقلارنىڭ گەرچە تۈزۈلۈشى كىچىك بولسىمۇ، بىراق تەمى ياخشى بولمىغانلىقتىن، پوستىنى بىر-بىرلەپ ئاقلاپ يېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئانار، تاغ قۇمۇشى، بېرتوللېتىيە مېۋىسى (百香果) قاتارلىقلارنىڭ پوستى بىر قەدەر قاتتىق، شۇڭا ئېتى بىلەن بىرگە يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، يەنە دۇريان دەرىخى (榴莲)، ئارتوكارپۇس دەرىخى (菠萝蜜)، نارجىل (椰子) قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق سىرتقى قېپىنى جەزمەن ئېلىۋىتىپ، يېيشىنى كۆپ ئويلانمىسىمۇ بولىدۇ.

يەنە بەزى مېۋىلەرنىڭ سىرتقى پوستىنى پۈتۈنلەي يېيىشكە، بىۋاستە يېيىشنىڭ تەمىنى ماختاشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ. مەسىلەن، ئاپېلىسىن، چوڭ ئاپلىسېن (柚子)، ئۈزۈمسىمان چوڭ ئاپېلىسىن (葡萄柚)نى مىسالغا ئالساق، گەرچە يېڭى ئاپېلىسىن پوستىنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق تالاسى، ئېرىشچان قەنت، مېنىرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بار. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپېلىسىن پوستى گلىكوزىدى قاتارلىقلار پايدىلىق تەركىبلەرمۇ بار. بىراق يېڭى ئاپېلىسىن پوستىنىڭ تەمى بىر قەدەر قىرتاق، شۇڭا ئىنتايىن ئاز قىسىمدىكى كىشىلەر ئاپېلىسىن يېگەندە پوستىنى قوشۇپ يېيەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، قۇرۇتۇلغان ياكى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان ئاپېلىسىن پوستىنى شورپا ياكى ئوماچقا سېلىپ قاينىتىپ، گۆش دۈملىگەندە ياكى سەي قورۇغاندا سېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
ئەمدى پوستلۇق يېگىلى بولىدىغان مېۋىلەرنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ تۈردىكى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ پوستىنى ئىلىۋېتىش تەس، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا بۇ تۈردىكى مېۋىلەرنى «ئامالسىز تىپتىكى مېۋە» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، بۆلجۈرگەن،مىركا دەرىخى (杨梅)،مالىنا ( 蓝莓)، ئۈجمە مېۋىسى (桑葚)، زەيتۇن مېۋىسى (橄榄)قاتارلىقلارنى ئادەتتە پاكىز يۇيۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن مېۋىلەر پوستىنى ئاقلاش ۋە ئاقلىۋەتمەسلىك ئارىسىدا بولۇپ، "بىر قەدەر مۇرەككەپ تىپ"قا تەۋە. مەسىلەن، ئالما، نەشپۈت، شاپتۇل، ئالۇچا (李子)، ئۆرۈك، كۆك قارىئۆرۈك دەرىخى (青梅)، بەزى ئۈزۈملەر، كارامبولا دەرىخى (杨桃)، گۇئاۋا دەرىخى (番石榴)، سامىران دەرىخى (莲雾) قاتارلىقلار. ئالمىنى مىسالغا ئالساق، ئالمىنىڭ پوستىدا گەرچە بەلگىلىك ئوزۇقلۇق بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ مىقدارى مېۋە ئېتىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بىراق مىقدارى چەكلىك ھەمدە دېھقانچىلىق دورىسى، سانائەت مومى ئۆلچەمدىن ئېشىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇد. بۇنىڭدىن سىرت، تەمىمۇ ئۇنچە ياخشى بولمايدۇ.
بۇ خىل مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش كېرەكلىكى ياكى ئەمەسلىكى ئويلىنىشقا تېگىشلىك رېئال ئەھۋالغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا كىشىنىڭ شەخسىي ئېھتىياجىغا قاراش كېرەك. مەسىلەن، سىز ئالمىنى پوستى بىلەن يېيىشكە ئامراق بولسىڭىز، يېگەن ئالمىڭىزمۇ مۇنتىزىم ئۆستۈرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، پوستى بىلەن بىرگە يېىسىڭىز ھېچ گەپ يوق.
ئەمەلىيەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2015-يىلىدىكى «دۇنيا سەھىيە كۈنى»دە، جوڭگۇ ئىستېمالچىلىرىغا مېۋىنى پۈتۈنلەي ئاقلاپ يېيىش تەكلىپىنى بەرگەن. يەنى ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئاقلىغىلى بولىدىغانلىكى مېۋىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ يېيىش كېرەك.

ئاخىرىدا ئاددىي قىلىپ تۆۋەندىكى دائىم ئۇچرايدىغان پوستلۇق ۋە پوستسىز يېيىشكە بولىدىغان مېۋىلەرنى مىسالغا ئالىمىز:
1. دائىم ئۇچرايدىغان پوستلۇق يېگىلى بولىدىغان مېۋىلەر: مەسىلەن، بۆلجۈرگەن، مىركا دەرىخى (杨梅)، مالىنا، ئۈجمە مېۋىسى، گىلاس، يېڭى چىلان، دولانا، گىلاسسىمان پەمىدۇر، سېرىق ئاپېلسىن، زەيتۇن مېۋىسى، يۈ گەنزى (余甘子) قاتارلىقلار.
2. دائىم ئۇچرايدىغان پوستلۇق يېيىشكە بولمايدىغان مېۋىلەر: مەسىلەن، ئانار،شوخلا، مايمۇن شاپتۇلى، ئاپېلسىن، ئۈزۈمسىمان چوڭ ئاپېلىسىن، چوڭ ئاپېلسىن، ئاناناس، ئارتوكارپۇس دەرىخى، دۇريان دەرىخى، تاغ بامبۇكى، لونگان، سېرىق پوستلۇق مېۋە ، لىجى دەرىخى، مانگو، كۇلى بىيىسى، بانان، نارجىل (椰子)، چارتال (枇杷)، بۇتىروسپېرمۇم دەرىخى (牛油果)، ھايمانتۇس (火龙果)، قوغۇن، قوغۇنەك، تاۋۇز قاتارلىقلار.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号