
1. قىزىل ئادەمگىياھ
قىزىل ئادەمگىياھ بولسا ئادەمگىياھنىڭ پىشقان ھالىتى بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان تومۇرنى يۇمىشىتىش، قان تولۇقلاش قاتارلىق رولى بار، قىزىل ئادەمگىياھ قان ئاز، بەدەن ئاجىز كىشلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ، بولۇپمۇ سوغۇقتىن قورقىدىغان، قول-پۇتى ئىسسىمايدىغان، دائىم بېشى قېيىپ چارچاش ھېس قىلىدىغان، پۇت-قولىدا ماغدۇر يوق، نەپىسى يېتىشمەيدىغان، ئاشقازىنى سوۋۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلدۇ.

2. چىلان
جۇڭگو تېبابىتىدە، چىلان قان تولۇقلايدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەك ئاجىزلىقىنى داۋالاشتىكى ياخشى دورا دەپ قارىلىدۇ. بىراق چىلانىنى بىرلا ۋاقىتتا بەك كۆپ ئېستىمال قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق بولمىغاندا قورساق كۆپۈش، تىلنى گەز باغلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدىكەن، سېمىزلەر بەك كۆپ يەۋېلىشىتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەككەن.

3. زەنجىۋىل
جۇڭگو تېبابىتىدە، زەنجىۋىل قۇسۇشنى توختىتىپ، زەرھەرنى قايتۇرىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ھازىرىقى زامان دورىگەرلىكىدە، زەنجىۋىلنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى پىياز ۋە سامساقلاردىن تۆۋەن تۇرمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. زەنجىۋىل تەركىبدىكى زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى غىدىقلاپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. ھەمدە زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇچان ماي، ئادەم بەدىنىڭ خولېستېرىننى سۈمۈرىشىنى تىزگىنلەپ، جىگەر ۋە قاندىكى خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇ.

4. پېچەكگۈل
پېچەكگۈل تېبابەتتە، سوغۇقنى قايتۇرۇپ بەدەنىنى قىزىتىش، قان قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بار دەپ قارىلىپ، پۇت-قولى ئسسىمايدىغانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئېستىمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.
قول-پۇتى ئىسسىماسلىقىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈلۈك سەۋەبى بار:
1. قان ئايلىنىش ئاجىز
قىش پەسىلى كىرىشى بىلەنلا قول-پۇتلار ئىسىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سىرتنىڭ تېمپېراتۇراسى تۆۋەن بولغاچقا قان تومۇرلارنىڭ سوقۇشى ئاجىزلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنشى ئاستىلاپ، ئادەمنىڭ قول-پۇتلىرىنىڭ ئىسسىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. مۇزەككەرنىڭ ئاجىزلىشىشى
كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قول-پۇتنىڭ ئىسسىماسلىقى مۇزەككەرنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ، ئەگەر كىيىمنى قېلىن كىيىپمۇ يەنە سوغۇق ھېس قىلغان بولسىڭىز ئۇنداقتا دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.
3. قان ئاجىز، جىگەر ۋە تالنىڭ ئىقتىدارنىڭ ياخشى بولماسلىقى
مۇزەككەرنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن باشقا يەنە ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ قول-پۇتلارنىڭ مۇزلاپ تۇرۇشىنى جۇڭگو تېبابىتىدە، ئەگەر قان ئاز ھەم ئاجىز بولسا، تال ۋە جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلىقتىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدۇ.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号