ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئايال كىشى ئۇرۇقلايمەن دېسە بۇ مىۋە-كۆكتاتلار كەم قالسا بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-12 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئايال كىشى ئەگەر ئۇرۇقلايمەن دېسە، بۇ نەچچە خىل يېمەكلىكنى ھەر كۈنى ئازراقتىن ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك!
بەسەي
   ئاشقازىنىمىزدىن ماي يانغاندەك بىلىنىپ قالسا، ئازراق بەسەي ئىستېمال قىلىپ مايلىق تۇيغۇنى يوقاتسىڭىز ئەڭ ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەسەينىڭ تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپ، ئۈچەي يولىدىكى ماي تەركىبلىرى ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدۇ؛ بەسەي تەركىبىدىكى ۋىتامىن C بىلەن ۋىتامىن E بولسا، تىرىنى ياخشىلاپ ھۆسنىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
ئاق تۇرۇپ
   ئاق تۇرۇپ بىلەن گۆش تۈرىنى بىللە قوشۇپ شورپا قاينىتىپ ئىچسەك ياكى ئايرىم قورۇپ ياكى سوغۇق تەملەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلساق، ئوخشاشلا تەملىك چىقىدۇ.
   ئاق تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق يەلنى ھەيدەش ئۈنۈمى بار. بۇندىن باشقا، ئاق تۇرۇپ تەركىبىدىكى كىراخمال ئىنىزىمى، بەدەننىڭ مىتابولىزىم سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى پارچىلاپ ئىرىتىدۇ.
چىچەكسەي
   چىچەكسەينى مەيلى سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلايلى ياكى سوغۇق تەملەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلايلى، ۋە ياكى باشقا كۆكتاتلار بىللە ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلايلى، تەمى ئوخشاشلا يامان ئەمەس.
   چىچەكسەينىڭ ئېنېرگىيە تەركىبى تۆۋەن، تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ زەھەر ھەيدەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، چىچەكسەي تەركىبىدە زور مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، قېرىپ كېتىشنى ئاستىلىتىدۇ.
ئالما
   ئالما تەركىبىدە، ئالما كىسلاتاسى، ۋىتامىن C ۋە لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار مول؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالما تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى ۋە ئورگانىك كىسلاتالار، ئاشقازاننىڭ قىمىرلىشىنى تېزلىتىپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   ئالمىنى تاماق ئارىسىدىكى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىشقىمۇ بولىدۇ، تويۇنۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇرۇقلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
مايمۇن شاپتۇلى
   مايمۇن شاپتۇلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قارىماققا تۈكلۈك ھەم كۆرۈمسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
   مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچەي يولىنىڭ قىمىرلىشى ۋە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号