ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىل.گايتىسنىڭ كىشىلىك ھايات ھەققىدە بەرگەن توققۇز تۈرلۈك تەكلىپى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندا، بىل.گايتىسنىڭ بىر قېتىملىق نۇتۇقىنىڭ يازما نۇسخىسىنى ئوقۇپ قالدىم؛ ئۇ بۇ قېتىملىق نۇتۇقىدا، مەكتەپتە ئۆگىنەلمىگەن توققۇز تۈرلۈك ئىشنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
   1. تۇرمۇش ئادالەتسىز، ئۇنىڭغا ئادەتلىنىڭ!
   2. دۇنيا سىزنىڭ غۇرۇرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بۇ دۇنيا، سىزنىڭ ئۆز مەن تۇيغۇڭىز ياخشى ھېس قىلىشتىن بۇرۇن ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   3. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىز ھەر يىلى 60000دوللار كىرىم قىلالمايسىز.
   4. سىز ئەگەر مۇئەللىمىڭىزنى ناھايىتى پوزىتسىيىسى قاتتىق دەپ قارىسىڭىز، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن خوجايىنىڭىزنىڭ مۇئامىلىسىگە ياخشى دىققەت قىلىڭ، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئەللىمىڭىزنى ئەسلەپ قالىسىز.
   5. ئەگەر سىز بىرەر ئىشنى بۇزۇپ قويغان بولسىڭىز، بۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىدىن قاقشاپ ئاغرىنماي، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭ.
   6. سىز تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئاتا-ئانىڭىز ھازىرقىدەك بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇلار توك سۇ پۇلى تۆلەش، كىيىم يۇيۇش ۋە سىزنىڭ ئۆزىڭىزچە ناھايىتى قالتىس دەپ قارىغان ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلاش جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشكەن.
   7. سىزنىڭ مەكتىپىڭىز، بەلكىم يېڭىپ چىققۇچى ۋە يىڭىلگۈچىلارنى شاللىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تۇرمۇش ئۇنداق قىلمايدۇ. مەكتەپتە، ئەگەر سىز لاياقەتسىز نەتىجىگە ئىرىشسىڭىز، ئۇلار سىزگە قايتا پۇرسەت بىرىدۇ، لېكىن تۇرمۇش ئۇنداق قىلمايدۇ.
   8. تۇرمۇش ئوقۇش مەزگىلىگە ئوخشاش مەۋسۈمگە ئايرىلمايدۇ، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلمۇ بولمايدۇ؛ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تېپىۋىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدىغان خوجايىنلار ئىنتايىن  ئاز بولىدۇ، سىز پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تايىنلايسىز.
   9. تېلىۋىزور رېئال تۇرمۇش ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا، كىشىلەر قەھۋاخانىدىن ئۇزۇن ئولتۇرىۋالماي بېرىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号